- تىزىملاتقان
- 2013-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 463
- نادىر
- 0
- يازما
- 40
ئۆسۈش
  15.75%
|
بۇ ھەقلەردىن، تېگىشلىك ھەقلەردىن، ئىنسانىي ھەقلەردىن، دىنىي ھەقلەردىن، مىللىي ھەقلەردىن، ياشاش ھەققىدىن، مائارىپ ھەققىدىن، پىكىر بېرىش ھەققىدىن، ھەتتا سۆزلەش ھەققىدىن مەھرۇم قېلىپ، تورغا كىرىپ بىر-بىرىگە دەرد تۆكۈۋاتقان ئەي قېرىنداشلار، بۇ يەردە كىچىك بالىدەك چۇلدۇرلىشىپ يۈرگەندىن، ئۆز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە ھەقلىرىمىزنى قوغداپ ياشايلى، ھاياجاننى تاشلايلى، ئېغىر-بېسىق بولايلى، بۇ ھەقلەرنىڭ نېمىشقا بىر-بىرلەپ قولدىن كېتىپ بارغانلىقىدىن ۋەھىمىگە چۈشمەي، بەلنى مەھكەم باغلاپ بىر قەدەم بولسىمۇ ئالدىمىزغا مەزمۇت ماڭايلى. ئائىلىدىن باشلاپ تەربىيە ۋە ئۈمىدۋار ياشاش ئۇسۇللىرىنى ئىجرا قىلايلى. مىڭ سۆزلىگەندىن بىر ھەرىكەت ئەلا، قاراڭغۇدىن قاقشىغاندىن كۆرە بىر تال شام ياغقان ئەلا، ئاتا-ئانا ھەققىدە ۋەز ئېيتقاندىن بېرىپ ئانىڭىزنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ قويغىنىڭىز مىڭ ئەلا، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەيلى دەپ شوئار توۋلىغاندىن، بېرىپ شۇ بالىڭىزغا سۈرە ئىخلاسنى ياكى ئېلىپبەدىن بىر ھەرىپ بولسىمۇ ئۆگەتكىنىڭىز ئەلا. ھەر ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايمىز دەيمىز، لېكىن بۇ گەپ ئاسماندا لەيلەپ قالمىسۇن، يەرگە چۈشۈپ قىمىرلىسۇن، قىمىرلىسا بىر گەپ بولىدۇ، بىر يەردىن چىقماي تۈگۈلۈۋالسا مىجىلىدۇ، دەسسلىدۇ. ھەممىمىز تورغا كىرىۋېلىپ، تور قۇرتلىرىغا ئايلىنىپ يۇمشاق، ئىللىق، بىخەتەر مۇھىتقا كۆنۈپ قالمايلى، ئەسلىدە بۇ يەرمۇ بىخەتەر ئەمەس، بىخەتەرلىك نەدە؟ پەقەت ۋە پەقەت ئىماندا، ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان يۈكسەك روھتا. بۇنىڭدىن باشقىسى بىكار!!! |
|