- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 83
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  41.5%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرىنىڭ مۆھتىرەم ئىشتىراكچىللىرى شۇنداقلا قەلىپ دۇنياسنى ئويغىتىش لەرزىگە سىلىش مەخسىدى بىلەن مۇنبەرلەرنى ئارلاۋاتقان ئۇلۇغ ئۇستازلار ، ھەممىڭلارغا يىڭى تور دۇنياسىغا قەدەم تاشلىغان قىرىندىشىڭلار باشلان ، ئاللاھنىڭ سالمىنى سىلەرگە يوللاش بىلەن سۆزۇمنى داۋام ئىتەي . ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سالىمى سىلەرگە مەڭگۇ يار بولسۇن .
قىرىندىشىمىز گۇلەن ئەپەندى ھازىرقى زامان ئىلىم- پەن دۇنياسدا ، بىردىن -بىر ھەق يولنى تاللاپ مىڭۋاتقان ، ئۇيغۇرلارنىڭ غىمنى يەتكۇچە تارتىۋاتقان پاسبانلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ،مەن ئۇنىڭ ئىنسانلىققا ئىجازەت ،تەڭرىگە قايىتقان دادام ،ئىچكىردىكى ئۇيغۇرلار ،نەزرىمدىكى تور ۋە دۇنيا قاتارلىق ئەسەرلىرىنى بىرلىپ ئوقدۇم ھەم ئۇنىڭ موھىم يەرلىرىنى يادلىۋالدىم .
بۇگۇنكى بۇ تىيمىدىن شۇنداق بىر نەرسىنى ھىس قىلدىمكىن ئادەم قۇدرەتلىكىنى پەقەت ئەركىنلىكنىڭ مەۋۇج ئۇرغان مەنزىلدىلا ، ئۆزىنىڭ ياشاش ھەم ئىنسانلىققا بولغان ئارزۇسىنىڭ بۇيۇكلىكى بىلەنلا ھەم ئۆزىنىڭ نىمە ھەم كىم تەرپىدىن ، نىمە ھەم قانداق قىلىش ئۈچۈن يارالغانلىقىنى بىلىپ يىتىش جەريانلىرىدا نامايەن قىلدىكەن . ھازىرقى زامان سەھنىللىرىمىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بوغۇش ھەم ئالداش ھىساۋىغا ئاخىرى يوق يولغا مىڭىپ مەنپەت ھەم مەنسەپ تونى سەۋەپلىك قىرىنداشلىرىنى سىتۋاتقان ھەم ئۇنىڭ ئادىمىيلىك رىسقىنى بەنىت قىلىش يولغا مىڭۋاتقانلار جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشمايدىغان ئاتالمىش يىڭلىق دەپ كۆز-كۆز قىلۋاتقىننىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقا كۆرنىشدە باشقىلارنى قەستلەش ھەم زىيان تارتىقۇزۇشتىن باشقا ھىچ نەرسە ئەمەس ھەتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس مەنپەتى ئۈچۈن دىننى ، ئۆرۇپ-ئادىتىنى ، تىلنى ، قىننى شۇنداقلا كەلگۇسىنىڭ نامايەندىسى بولغان پەخىرلىك يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ مەڭگۇلۇك رىسقىغا چاڭ سالماقتا . يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش ياردەم تۇسنى ئىلىۋالغان بەزى بىر سىياسەتلەرنىڭ خەلقىمىزنىڭ شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ تومۇرلىرىدىكى قانلارنى تۇيدۇرماي شوراپ ، نىمجان ھالەتكە كەلتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ . ئەركىنلىك ئىشتىياقى كۇل بولۇپ ، ھەققى ئۆزىنى تىپۋىلىشنىڭ ئىنتايىن موھىم باسقۇچلىرىغا كەپ قالدۇق بىر كۇنلۇككە شۇكرى قىلىش كەلگۇسىنى سىتىش ھەم يوقتۇش ھەر قانداق جانلىقنىڭ ياشاش قانۇنيىتىدە كۆرۇلۇپ باقمىغان بىر پاجىيە شۇڭا بىز ‹‹ئىشەكنى ياخشى كۆرسەڭ ، ئىغىلدا ياتماي ئامال يوق›› دىگەندەك بىز باشقا نەرسىنى ياخشى كۆرۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ مەنپەتگە مۇناسۋەتلىك بولغان تەرەپنى تۇنۇگۇنى ، بۇگۇنى ، ئەتىسى بىلەن باغلاپ ، كىم ئۈچۈن ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ تۇغۇلۇش ،ئۆسۇپ يىتىلىش ،ئاخرەت بىلەن تەدبىقلاپ ئىش قىلىش بەكمۇ ئاقلانلىك ئىكەن ، گۇلەن ئەپەندى دەل مانا بۇ نوقتىنى دىيارىمىز شىنجاڭدا ئاشكارە ھالەتتە تىل يىرىپ چىقىپ ، ھەق يولغا قەدەم بىسىپ كىلىۋاتقان يول باشچىمىز دىسەك بولىدۇ . ئورتاقلىشىش ، ئەمىلى ھەركەتتە بىجا كەلتۇرۇش ، ئۆزلۇككە قايتىپ ، كەلگۇسى رىسقىمىزغا ھەم ئۆزگىچە ھاياتلىق سەھنىسنى ھازىرلاشنى ھەممىز ھازىردىن باشلايلى . ئاپتۇنۇمىيە ھەم قانۇننى ئۆزىمىزگە مىزان ، ھەقدارلىقنى ئۆزىمىزگە بۇرۇچ قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە باشلايلى ! |
|