- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 408
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  2%
|
ياخشى ئەر بولۇش ئۈچۈن، ياخشى ئايالغا ئۆيلىنىش لازىمكەن. بىر ياخشى ئايال بولۇش ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەرگە تەگمىسە بولمايدىكەن. مەن ئەقلىمنى تاپسام دادام دائىم ئانامنى ئۇراتتى، ھاراق ئىچىپ مەس بولسىمۇ ئۇراتتى، قىماردا ئۇتتۇرىۋەتسىمۇ ئۇلاتتى، ئانام تاياق زەربىسىدىن ئاران مىدىرلىغىدەك ھالدا قالسىمۇ 5 ۋاخ نامىزىنى تاشلىمايتى. مېنىڭ ئانامغا قاتتىق ئىچىم ئاغرىپ كېتەتتى، بالىلار ھەمىمىز ئانام بىلەن تەڭ يىغلايتۇق. بەزىدە ئانام ھۇشىدىن كېتەتتى، بىز ئانامىڭ يىنىدا چىكىسىنى ئۇلاپ يىغلاپ ئولتۇراتتۇق، دادام ئۇرۇدىغاننى ئۇرۇپ بولۇپ سىرىتقا چىقىپ كېتەتتى. مەن شۇۋاقىتتىن باشلاپ ئاياللارنى ھەرگىز ئۇرماسلىققا، بولۇپمۇ كېيىن توي قىلسام ئايالىمنى ھەرگىز ئۇرمايمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگە.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشقا ناھىيىتى ھېرىس بولدۇم، ئالىي مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدىكى ئەدەبىي ۋە ئېلىم-پەنگە ئائىت كىتابلارنىڭ قولۇم تەگمىگىنى يوق، شۇ ۋاقىتتىن ھازىرغىچە نۇرغۇن 1000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يىغىپتىمەن. ئۆزۈممۇ ئىنجىنىر بولغىچە ئوقۇدۇم. گەرچە مېنىڭ ساپايىم ناھايىتى يۇقىرى دېيەلمىسەممۇ، ئۆزۈمنى خېلى غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم دەپ قارايمان. لېكىن شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئۆز خائىشىمنىڭ ئەكسىچە ئايالىمنى بىر قانچە قېتىم ئۇرۇپ سالدىم. ئايالم ماڭا دېگەن گەپنى، ماڭا قىلغان مۇئامىلىنى يات ئادەمىن بىرسىگە قىلىپ سالسا ئۇرۇش ئەمەس، ئۇنىڭدىن چوڭراق ئىش قىلغان بولاتتىم.
ئاللاھنىڭ سىناقلىرى ھەر خىل بولىدۇ، ھازىر ئاللاھدىن ئايالىمغا ئىنساب ۋە ھىدايەت، ئائىلەمگە ئىناقلىق تىلىمەكتىن باشقا ئامالىم قالمىدى. قالغان ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
|
|