- تىزىملاتقان
- 2013-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2556
- نادىر
- 0
- يازما
- 318
ئۆسۈش
30.17%
|
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى دېيىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مارالبېشىدىكى ۋەقەگە قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ باياناتىدا:«بېيجىڭ تېرورلۇق ۋەقەسى دېدى، ئامېرىكا ئاشكارا تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. بىز جۇڭگودىن بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تەلتۆكۈس، ئاشكارا تەكشۈرۈشنى دەۋەت قىلدۇق» دېگەن. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق ۋەدىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان، يەنە جۇڭگودىن دىنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازى بولغان. 25-ئاپرېلدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، باياناتچى خۇا چۇنيىڭ جۇڭگولۇقلار ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى تېرورزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ۋاشىنگىتوننىڭ تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى 10 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىگە پەقەت ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى دېيىشىچە، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 25-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ تېرورىزمدىكى قوش ئۆلچىمىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىشى بىمەنىلىك دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا ماس ھالدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلغان. ئامېرىكا CNN تورى 25-ئاپرېل دېيىشىچە، باش شتابى ۋاشىنگىتوندا تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى» 24-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، «جۇڭگونىڭ ئۇچۇرىنى دەلىللەشكە تەپسىلىي ئۇچۇر ۋە مۇستەقىل مەنبە كەمچىل بولغانلىقتىن، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ مارالبېشى ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشىگە قارىتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك، جۇڭگو جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنى ھەمىشە تېرورچى دەپ ئەيىبلەيدۇ، ئەمما باشقا ئورگانلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈپ دەلىللىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ» دېگەن.
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ مۇدىرى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا دېيىشىچە، مارالبېشى ۋەقەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتقان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ.
|
|