- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2815
- نادىر
- 0
- يازما
- 172
ئۆسۈش
  37.57%
|
دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەسچىتكە قولۇپ سېلىپ قويۇش- بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەن.
بىزنىڭ يېزىدىمۇ ئەسلىدە بىر كىنوخانا بار ئىدى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدىن بىز تېلېۋىزوردا كۆرۈپ تۇرىدىغان ئارتىستلىرىمىز كېلىپ ئويۇن قويۇپ تۇراتتى، كىنولارمۇ قويۇلاتتى. بىرقانچە يىل بولدى، «مەدەنىيەت پونكىتى» دېگەندەك بىر نېمىنى قۇرۇپ قويۇپ، ئۇنى ھۆكۈمەت ئاتايىن ئورۇنلاشتۇرغان بىرقىسىم يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىدىغان، كۆز- كۆز قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ ھەقتە يېزىمىزدىكى خەلقنىڭ پىكىرى خېلى بار بولسىمۇ بىراق بۇ پىكىرلەر ھىچكىمنىڭ قولىقىنىڭ قىرىغىمۇ تېگىپ باقمىدى. بەكرەك بىر نېمە دېسە- بۇ دېگەن «بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتى» دەيدۇ. ئۇنداقتا مەدەنىيەت پونكىتى بولسا بىرەر ئادەم كىرىپ بىرەر پارچە كىتاب كۆرۈپ بېقىپتىمۇ، كىنو كۆرۈپ بېقىپتىمۇ. مەن جېنىمدا ئارىلىق شۇنچە يېقىن تۇرۇپ بىرەر پارچە كىتاب كۆرۈپ باقمىدىم يۇ بۇ يەردىن.
دېمەك، دانا ھۆكۈمىتىمىز قانداقتۇر بىر ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپلا مۇشۇنداق ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ئاللىقانداق ناملار بىلەن ئىگەللىۋېلىۋاتىدۇ. شۇنداق قىلسۇن، بۇنىڭغىمۇ مەيلى، لېكىن نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشىلانماقتا يوق، يوقاپ كېتىدۇ؟! نېمە دېسە، بىخەتەرلىك ئۈچۈن، زامانىۋىيلىشىش ئۈچۈن دەيدۇ. قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق بىخەتەرلىك، قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق زامانىۋىيلىق. ئىسىت دەيمەن ھۆكۈمەتنىڭ شۇ پۇللىرىغا، قاراپ باقىدىغان بولساق بۇ ئورۇنلاردا رەقەملىك كىنو ئاپپاراتى، نەچچە يۈز يۈرۈش ئېسىل كىتابلار توپا بېسىپ ياتقىنى ياتقان. ئۇلارنى پەقەت ئايىقى چىقماس تەكشۈرۈش كەلگەندە يالغانچىلىق قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ. بىرەر دېھقان ئوقۇرمەن كىرىپ، مەن پالانى كىتابنى كۆرۈمەن دەپ ئىختىيارى بويىچە كۆرەلمەيدۇ. مانا بۇ ھازىرقى مەدەنىيەت پونكىتى. مانا دەل مۇشۇنداق ئامىللار تۈپەيلىدىن جەمئىيەتتە قاۋاقخانا، قىمارخانا كۆپۈيۈپ كېتىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنى بولسا «ھاراقكەش»، «قىمارۋاز» دەپ تىللايدۇ. ئەگەر شۇنداق مول مەنىۋى مۇھىت- سورۇن بولىدىغان بولسا كىم شۇ قاۋاقخانىغا كىرىدۇ، كىم ئەشۇ قىمارنى ئوينايدۇ (بەلكىم چىقار شۇ ۋاقىتتىمۇ، بىراق شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە چوقۇم بۇ سان- سىفىردا ئازلاش بولىدۇ).
|
|