- تىزىملاتقان
- 2012-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3243
- نادىر
- 0
- يازما
- 139
ئۆسۈش
  49.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yamdak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 22:59
توينى قىلماڭ ھەشەمەت
بۇ كۈنلەردە قىز يىگىتنى ئەجەپمۇ تويغازدى توي،
قىزلىرى بەك ئىگىزدە ئۇزاتساڭلار يەتمەيدۇ بوي.
تويلىقى بەكمۇ ئېغىر يەنە ئۈسەر قانچە كوي،
توينىڭ مەسلىھەت چېيىغا يەتتە خىل ئاش، ئالتە قوي.
سۈرۈشتۈرمەيدۇ قىزنىڭ ئەدەپ ئەخلاقىنى،
سۈرۈشتۈرەر بۇلار پەقەت ئىختىساد ئۆيۋاقىنى.
شۇ سەۋەپتىن بۇ نىكاھ ئالتە كۈنلۈك بولۇپ قالدى،
ناچار ئىللەت بۇلغىماقتا دوسلىرىم ئەخلاقىنى.
يىگىتنى سەرسان ئەيلىدى بۇ تويدىكى كۆپ پەتىۋا،
قىزغا تويلۇق مال ئۈچۈن موتونى سالغان نەدە بار.
توينى قىلغان شۇ يىگىتنىڭ ئون نەچچە مىڭ كوي قەرىزى بار،
قەرىز تۈپەيلى ئەر- خوتۇننىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق دەردى بار.
توينى قانداق قىلىشنى ئويلايلى دوستلار باشتىراق،
توي دىگەن ئاددى -ساددا بولسا بۇ توي ياخشىراق.
توي دىگەن بولغايكى قىز -يىگىتلەر بەختى ئۈچۈن،
قەرىز قىلىپ توي قىلغۇچە بويتاقلا يۈرگەن ياخشىراق.
قىز-يىگىتلەر بولدى قەرزدار رېستۇران سەۋداسىدا،
50جوزا سەي بىلەن ئىچكەن ھاراق غەۋغاسىدا.
پۇل چىقىشماي ناغىرىچى،پىكاپ،سۈرەتچى سازچىغا،
سالدى ئالۋاڭ قىز-يىگىت ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادىغا.
توي تۈگەپ بىر نەچچە ئاي ئۆتمەي تۇرۇپ قىزلىق تەرەپ،
قىزلىرىنى ئايرىۋەتتى يىگىت تەرەپنى دىۋانە دەپ.
شۇ سەۋەپتىن توي بۇزۇلدى جەمىئەتنى بويتاق قاپلىدى،
قىز- يىگىتلەر دىيىشتى بويتاق يۈ رۈپ ياشايلى دەپ.
نەگە بارساڭ بىر كۇچىنى ناچار ئىللەت قاپلىدى،
تويدا پەشۋا يىگەنلەر قايتا جۆرە تاپمىدى.
قىز- يىگىتلەر ئوتتۇزدىن ئاشتى ھېچ ئىزامۇ تارتمىدى،
ياكى ئىنساپ يا ئادالەتنى بازارلاردا ساتمىدى.
بايلىرىمغا ئىلتىماس توينى قىلمىغىن ھەشەمەت،
ئەڭ مۇھىمى دوسلىرىم ئىسراپچىلىقنى قىلمىغىن.
ئۆز قۇلۇڭدا دوسلىرىم ئۆز گۈشۈڭنى شىلمىغىن،
گۈلنى گۈلگە قوش پەقەت بوستاننى ۋەيراق قىلمىغىن
مەنبە:بىر قېرىندىشىمنىڭ ھاۋالىسى . |
|