- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1548
- نادىر
- 0
- يازما
- 155
ئۆسۈش
1.37%
|
سېمىزلىك، ئانا ۋە ئەۋلاد
ھەر قىتىم توردا كۆرۈشكىنىمىزدە ئانام ماڭا «بالام سەمېرىپ قاپسەن، كۆرۈپ خۇش بولدۇم، كىلەر قېتىم كۆرۈشكەندە تېخىمۇ سەمىرگىنىڭنى كۆرگۈم بار» دەپ تاپىلايدۇ. بۇ ناھايتى ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر سېمىزلىكنى راھەت تۇرمۇشنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ ۋە نۇرمال ئېغىرلىقنى ساقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلۇشۇپمۇ ئولتۇرمايدۇ. مەن ئانامنىڭ ماڭا كۆيۈنۈپ تۇرۇپ دەۋاتقان مۇشۇ گىپىدىن سۆزىدىن خۇشال بولاي دىسەممۇ زادىخۇشال بولالمايمەن، چۈنكىئۆزەم قىلىدىغان تەتقىقاتىم دەل سېمىزلىك كېسىلى بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقا، سېمىزلىكنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ يامان بولىدىغانلىغىنى بىلسەڭچۇ ئانا، دەپ ئۇنىڭغا ئىچىمدە خىتاب قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتقىچە جىق سەمىرىپ بارىدىغانلىغىمنى چاندۇرمايلا ئېيتىپ خوشلىشىمەن. ئەلۋەتتە ئۇمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق ماڭا ئوخشاش يۈزلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئوقۇپ، ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ تەجرىبە ئىشلەپ باققان بولسا، چوقۇم ماڭا زىيان ئىلىپ كىلىدىغان ئىشقا مىنى زورلىمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.(ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن پەقەت ياخشىلىققا تولغان قەلبى، تىلەكلىرى، دۇئالىرى ۋە سېڭدۈرگەن ئەجرىگە ئۇلۇغ ئاللاھ تۈگىمەس ساۋابلارنى ۋە ياخشىلىقلارنى بەرسۇن!) ھازىر چاندۇرماي ئۇنى ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەتكە يىتەكلەپ پۈتۈنلەي كۆنۈپمۇ بولدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشلار مىنى ئويغا سالىدۇ ۋە ئۇيغۇر جەمىئيىتىدىكى بۇ خىل تارىخى ئامىللار تۈپەيلى شەكىللەنگەن سېمىزلىكنى ياخشى ئىش ھەتتا گۈزەللىك ياكى سۆلەت دەپ قارايدىغان خاتا ئىددىيەنىڭ ھەرۋاقىت يامراپ كىتىۋاتقانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئاللىقاچان سېىڭىپ بولغانلىغىنى ئويلىغىنىمدا كەلگۈسىدە بۇنىڭ ئىلىپ كىلىدىغان خەتىرىدىن تىنىپ شۈركەنمەي تۇرالمايدۇ. بولۇپمۇ ئەڭ يامىنى، ئۆرىپ ئادىتىمىز بويىچە تۇغۇتلۇق ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى ئانىلارنىڭ سېمىز بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، ھەتتا تۇغۇتتىن يىشىنگەن ئاياللار سەمىرىپ تۇرمىسا بۇنى ياخشى كۈتۈنەلمەسلىكتىن دەپ قاراپ ئانىلارغا بىر خىل روھىي بىېسىم ئىلىپ كىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تۇغۇتلۇق ئاياللار سەمىرىشكە تېرىشىدۇ. سىز بۇنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ھازىر دۇنيادا سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ ئومۇملاشقان، نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغان ۋە داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللەرنىڭ بېرى بولۇپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان دۇنيادا بۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى 2 ھەسسە ئاشقان. ئامرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، سېمىزلىك كېسىلىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ھەتتا سېمىزلىكتىن كىلىپ چىققان ئىككى تىپلىق دېئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى ئامرىكىدا كېسەل بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ئىچىدە ئالتىنچى چوڭ سەۋەپكە ئايلانغان. ئادەتتە، سېمىزلىك تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنرەك، بىر قەدەر ئاز تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر توپىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققى تاپقان ئەللەردە نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىدىمۇ تىزدىن ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن سېمىزلىك كىسىلىنى دۇنيا مىقياسىدا كونتىرول قىلىش چاقرىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ ئاجرىتىلدى. تۆۋەندە سېمىزلىكنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتراپ قىلىنغان ئېنىقلقمىسى، سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ۋە ئانا سېمىزلىكىنىڭ تۆرەلمە ۋە ئەۋلاد سالامەتلىكىگە ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىمى «بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى» ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى بىر فورمۇلا ئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىلوگرام سانى ئېگىزلىك مىتىر سانىنىڭ كۋادراتىغا بۆلۈنىدۇ. مەسلەن: بىر كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 1.5 مىتىر بولسا، بۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 22.2 بولىدۇ. ئادەتتە، بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 18.5 تىن 25 كىچە بولسا نورمال ھېساپلىنىدۇ؛ 25 تىن 30 غىچە بولسا «ئېغىرلىقى ئىشىپ كەتكەن» ھېساپلىنىدۇ؛ 30 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر 18.5 تىن تۆۋەن بولسا «ئېغىرلىقى تۆۋەن» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، پۈتۈن ئامرىكا نوپۇسىنىڭ 20 ياشتىن ئاشقانلار ئىچىدىكى 65% ئەرلەر ۋە 67% ئاياللار ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن (BMI>25) ۋە 34% ئەر ۋە ئاياللار سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ھېسابلىنىدۇ. كانادا، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئەنگىلىيە كىشىلىرىدە بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامرىكىدىن سەللا تۆۋەن بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 25% تىن كۆپرەكى سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار ھېسابلىنىدۇ ۋە 60% ئەتراپىدىكىلەر ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبتىمۇ ئاللىقاچان 20%تىن ئېشىپ كەتكەن. تەرەققىي تاپقان ياۋروپا ئەللىرى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان چوڭلار ۋە بالىلار سانى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، پەقەت ياپونيەلا سېمىزلىك كېسىلى نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بىردىنبىر تەرەققىي تاپقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودا بۇ نىسبەت بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، لىكىن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان سېمىزلىك ۋە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلىغان، ۋە سېمىزلىككە گېرىپتار بولغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ سانى 90-يىللاردىكى 10% دىن تۆۋەن تۇرۇشتىن 2009 يىلدىكى ئەرلەردىكى 16% ۋە ئاياللاردىكى 14% گە يەتكەن ۋە بالىلاردىكى سېمىزلىكمۇ توختىماي ئېشىپ بارغان.
بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئېشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى بولۇپ، كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 25 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى، ئەلۋەتتە بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 30 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن سېمىزلىكنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى ناھايتى قىسقىچە بايان قىلىمىز. سېمىز كىشىلەردە قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى نورمال كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ؛ بەدەندىكى ياغنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئېشىپ كەتكەن ياغ مىقدارى بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپىنچە سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولۇپ، سېمىزلىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 40 ياشتا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى نۇرمال ئېغىرلىقتىكى كىشىلەردىن ئاز دىگەندە يەتتە يىل تۆۋەن بولغان. سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ۋاستىلىك تەسىرلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قاندىكى ئېشىپ كەتكەن گلۇكوزا مىقدارى ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ كۆپلەپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشىنى زۆرۆرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىننىڭ گلۇكوزىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىي مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ. شۇمۇ مەلۇمكى، يۇقىرى قان بىسىمى بىمارلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى سېمىز كىشىلەردۇر. سېمىزلىك كېسىلى يەنە يۈرەك قان-تومۇر كىسەللىكلىرى، راك كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى، جېگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى ۋە تۇغماسلىق كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەر بىلەن باغلىنىشى بار، دەپ قارالماقتا.
ئانىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ئانىدىكى سېمىزلىك تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە كىيىنكى سالامەتلىكىگە مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇكى، ئانىلاردىكى سېمىزلىك تۇغۇتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا تۆرەلمىنىڭ نورمال مېڭە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؛ تۆرەلمىنىڭ يۈرەك، ئاشقازان ئاستى بىزى، ياغ قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ بىنورمال تەرەققىي قىلىشىنى ۋە تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىدا سېمىزلىك كېسىلى، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە يۇقىرى نىسبەتتە گېرىپتار بولۇشىنى پروگراممىلايدۇ. بۇ خېل ھادىسە بىئولوگىيە تەتقىقاتىدا «تۆرەلمىنىڭ پروگراممىلىنىشى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۆرەلمە بالىياتقۇ مۇھېتىدىكى ھەرخىل پاسسىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۆرەلمىنىڭ بىنورماللىقىنى ۋە كىيىنكى ھاياتىدىكى سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ خىل تۆرەلمىنىڭ سېمىزلىك ۋە ھەددىن ئارتۇق ئوزۇقلۇقلار تەرىپىدىن تۆرەلمە مەزگىلىدە ئەزالارنىڭ يىتىلىشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ كەلگۈسىدە سىمىز ئانىلاردىن ياكى تۇغۇت مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئانىلاردىن توغۇلغان بالىلار ئاسانلا سەمىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، بۇ بالىلاردىمۇ ئوخشاشلا ئىنسۇلىنغا قارشىلىق شەكىللىنىپ 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ ھەم يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى خولىستىرول سەۋەبى يۈرەككە قان توشۇيدىغان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان خىلمۇ-خىل يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە سېمىزلىككە گېرىپتار بولغان ئانىلار ۋە دادىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار كەلگۈسىدە ساغلام يىمەك-ئىچمەك ۋە بەدەن چىنقتۇرۇشىنى ئۆزىگە ئادەت قىلسا بۇ كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولىدىغان ئېھتىماللىق زور دەرىجىدە كىچىكلىشى مۇمكىن. ئەگەر دىققەتلا قىلمىسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال بەدەن ئېغىرلىقتىكى ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلاردىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
خۇلاسىلىغاندا، سېمىزلىك مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولسۇن سالامەتلىككە زور ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. بولۇپمۇ، پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ نورمال ئېغىرلىقتا بولۇشى ئۆزى ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم. بىز ئۇيغۇر جەمئىيتىدىمۇ نۇرمال ئېغىرلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، ساغلام يېمەكلىك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى كاپالەتلەندۈرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ساغلاملىق ھەقىقىي بەخىتتۇر!
ئاخىرىدا مۇشۇ يازمامنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ سېمىزلىككە بولغان قارىشىدا ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىش بولغان بولسا، ياكى ھىچبولمىغاندا بىر ئويلىنىش بولغان بولسا، مەن شۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئاخىرىدا ۋەتەندىكى ھەر بىر ئەزىزلەرنىڭ ساغلام بولۇشىنى، تۇرمۇشتىكى يىمەك-ئىچمەك، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشلىرىنى ۋە شۇ ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشلىرىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.
ئاپتۇر: بىلگەجان (2013-يىلى قەھرىتان ئېيى، ئامرىكا)
|
|