- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9470
- نادىر
- 0
- يازما
- 743
ئۆسۈش
  89.4%
|
چاۋشيەن موڭغۇلىيىنىڭ ئاشلىق ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان
( ئەسلى مەنبە : war.163.com )
ماتېرىيال رەسىم: چاۋشيەن ئايال ئىشچىلىرى ئامېرىكا ياردەم بەرگەن ئاشلىقلارنى قايتا قاچىلىماقتا
ئامېرىكا «كاتولىك دىنى جەمئىيىتى گېزىتى» تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن بىلەن موڭغۇلىيە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر شانلىق تارىخقا ئىگە بولغان دۆلەتلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن چاۋشيەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشنى دەستەك قىلىپ چاۋشيەننىڭ ئاشلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22- ئاپرېل ۋاشىنگتوندىن ئەۋەتكەن تېلگراممىسى
پەقەت چاۋشيەن ئامېرىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ چاۋشيەنگە كىرىپ ئاشلىق تەقسىم قىلىشىنى نازارەت قىلىشىغا قوشۇلسلا، ئامېرىكا چاۋشيەن ئوتتۇرىغا قويغان ئاشلىق ياردەم بېرىش تەلىپىنى ئويلىشىپ باقىدىكەن. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا چاۋشيەنگە ئاشلىق ياردەم قىلىشىنى 2009-يىلى توختاتقان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى چاۋشيەن كىشىلىك ھوقۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالاھىدە خادىمى روبىرت بۈگۈن مۇخبىرغا : «بىز كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى چىقىش قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېگەن.
كىم جۇڭئۇن بۇنىڭغا قارىتا : «ئەگەر تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئۇ ھالدا بۇ بىز چوقۇم ئويلىشىپ كۆرىدىغان مەسىلە» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
روبىرتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قانداق تەكلىپ چوقۇم پىيۇڭياڭ تەرەپكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش «ئاشلىق تەقسىم قىلىشىنى نازارەت قىلىش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ دۆلەتكە كىرىشى تەلەپ قىلىنسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن ئاشلىق تەقسىم قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدىكەن. دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن يېقىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋاشىنگتون 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسىدا دىيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى چاۋشيەن كىشىلىك ھوقۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالاھىدە خادىمى روبىرتنىڭ 22-چېسلا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا كۆرسىتىپ: گەرچە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئۈزۈلمىگەن بىلەن، ئەگەر چاۋشيەن ئاشلىق ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ بۇ خىل تەكلىپىنى ئويلىشىپ باقىدۇ، دىگەن.
گەرچە كىم جۇڭئۇن «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن سىياسەت ئىككى مەسىلە» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېرىم ئارال ھەرىكىتى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تۇنجى قېتىم چاۋشيەنگە ئاشلىق ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ تۈردىكى ئىشلارنى «ئېنىق بولمىغان» دەپ ئېلان قىلغان.
ئۇلانباتورنىڭ پىيوڭياڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ ئىشقا نىسبەتەن، «ئېغىر بولغان ئاشلىق كرىزىسى» پات يېقىندا يۈز بېرىشى مۇمكىن، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا ئاشلىق ياردىمىگە موھتاج دەپ كۆرسەتكەن. ۋال كوچىسىنىڭ بۈگۈنكى ئىشلار دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا چاۋشيەننىڭ باش ئەلچىسى موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭىغا «چاۋشيەنمۇ ئېغىر ئاشلىق كرىزىسىگە ئۇچۇردى» دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا دېيىلىشىچە، چاۋشيەن تەرەپ موڭغۇلىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەنبە - نۇر تورى |
|