قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1971|ئىنكاس: 19

بەگزات: ئىچىمنى ئاچچىق قىلغان خاتىرىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17967
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 09:46  

ئىچىمنى ئاچچىق قىلغان خاتىرىلەر

بەگزات
مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىلا كۆڭلۈمدە بىر سەپەر ئىشتىياقى قوزغالدى. تۈرلۈك سەۋەبلەر ۋە ئىلىم ئوقۇشنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئۈچ يىلدىن بۇيان بېرىپ باقمىغان ئانا يۇرتۇمنى سېغىنش ھېسسىياتى بىلەن بۇ ئىشتىياق تېخمۇ كۈچەيدى، نىھايەت سەپەرگە ئاتلاندىم. 2013 – يىلى 12 –يانۋار چۈشتىن كېيىن قەشقەر ئايرىدرۇمىدا ئىنىم ئىككى ئاغىنىسى بىلەن مېنى كۈتىۋالدى. ئاقۇچ توپىلار لەيلەپ تۇرغان ئاسماندا قۇياش نۇرى غۇۋا كۆرۈنسىمۇ ھاۋا سوغۇق ئەمەس ئىدى. ئانا يۇرتۇمنىڭ تونۇش سىماسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇشىدىن ھاياجانلاندىممۇ قانداق ئىنىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىۋاتقىنىمدا كۆز چاناقلىرىمدا ياش پايدا بولدى. ئىنىمنىڭ ئاغىنىسىنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئىچىگە يۈرۈپ كەتتۇق. ماشىنا قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئاقىدىغان تۈمەن دەرياسى بىلەن دەريا بويىدىكى تۈمەن كۆل (قەشقەرلىكلەر دۇڭخۇ كۆلى دەپ ئاتايدۇ) نىڭ تار يېرىگە سېلىنغان ئۇزۇن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا قەشقەرنى ئېچىۋېتىلگەن شەھەر قىلىش ئۈچۈن دەريا ۋە كۆل بويىغا سېلىنىۋاتقان قۇرلۇشلار ۋە كۆلنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى قەشقەرنىڭ قەدىمىي قۇرلۇش مەدەنىيەتىنىڭ سىمۋۇلى سۈپتىدە ساقلىنىپ قالغان كوزچى يار بېشى مەھەلىسى ئېنىق كۆرۈندى. گەرچە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەممۇ قەشقەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى، شەھەر ئىچىدىكى نەچچە يۈز يىللىق تارخنىڭ جانلىق شاھىتى بولغان قەدىمىي كوچا ۋە ئۆيلەرنىڭ يېڭىلاپ سېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، قەشقەر شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ شەھەر قۇرلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، مۇشۇ پىلاننىڭ ئىجراسى سۈپتىدە كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا يۇرتۇم، يەنى قەشقەر شەھىرى بىلەن قەشقەر شەھرىگە ئون ئالتە كىلۇمىتىر كېلىدىغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان ئوغۇساق يېزىسى دۆلەتنىڭ شەھەر قۇرلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىدىن  خەۋەردار ئىدىم.
ماشىنا ئۇچقاندەك مېڭىپ كىچىك چاغرىمىزدا تولا تاشقىن بولىدىغان، لېكىن ھازىر سۈيى قۇرۇپ كىتىپ پەقەت كىچىكرەك بىر ئۆستەڭلىكلا سۇ ئېقىۋاتقان قىزىل دەرياسىنى (يەنى قەشقەر دەرياسى) ئارقىدا قالدۇرۇپ پاختەكلى يېزىسى بىلەن ئوغۇساق يېزىسىنىڭ تەبئىي پاسىلى بولغان تەلۋەچۈك دەرياسىنىڭ «بىلىقلىق كۆۋرۈكى»  دېيىلىدىغان كۆۋرۈكىگە كەلگەندە توختىدى. ئەسلىدە قەشقەر شەھىرىدىن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە چىقىدىغان ئادەملەرنىڭ كىملىكى تەكشۈرىلىدىكەن. شۇڭا بىزمۇ ماشىندىىن چۈشۈپ باشقا ئادەملەر بىلەن بىرگە قاتار تېزىلىپ قاڭالتىردىن ياسالغان ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ دىرىزىسى ئالدىغا كېلىپ كىملىكىمىزنى تەكشۈرتتۇق. كىرىلىپ ئولتۇرغان كۆرەڭ ساقچىلار كىملىكىمىزنى قولىمىزدىن سىلكىپ ئېلىپ تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا سۈركەپ بولۇپ يەنە قوپاللىق بىلەن قايتۇرۇپ بەردى. بۇ ئەھۋال مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. مەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغان يىلى مۇشۇ كۆۋرۈك بېشىدا يولغا قويۇلغان بۇنداق تەكشۈرۈشلەر بەش يىل كېيىنمۇ يەنە داۋاملىشىۋاتاتتى. بىرلا ئوخشىمايدىغان يىرى ئىلگىرى ساقچىلار ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ياكى كىچىك ماشىنىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئادەملەرنى چۈشۈرمەيلا تەكشۈرەتتى، ياكى ئۆزلىرى گۇمانلىق دەپ قارىغانلارنى ئايرىپ تەكشۈرەتتى. ئەمدىلىكتە بولسا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تولىمۇ يۇۋاشلىق بىلەن ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزلىرىنى تەكشۈرتىۋاتاتتى. بەش يىلدىن بۇيان قەشقەر شەھىرىدىن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىگە ياكى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسدىن قەشقەر شەھرىگە قاتناپ خىزمەت قىلىدىغانلار ياكى تىجارەتچىلەر كۈندە دېگۈدەك قەشقەر شەھرىگە كىرگۈچە تىكەنبېشى دېيىلىدىغان يەردە، قەشقەر شەھرىدىن چىقىپ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە كىرگۈچە مۇشۇ بىلىقلىق كۆۋرۈكىدە كىملىك تەكشۈرىتەتتى. بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن ساقچى تەرەپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق تەكشۈرۈشلىرى بىلەن قەشقەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ كىشىلەر رازى بولدىمۇ؟ لېكىن ھەق گەپنى قىلغاندا بۇ خىل تەكشۈرۈشلەر كىشىلەرنى تولىمۇ بىزار قىلغانىدى. كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن نارازىلىق ئالامەتلىرى ۋە ئېغىزلىرىدىن نارازىلىق گەپ – سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ساقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ھەيۋەتلىك كەسپنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ قالغان نۇرغۇنلىغان تولۇق ئوتتۇرا ۋە تىخنىكۇملارنى پۈتتۈرگەن «ساقچىلار» تولىمۇ كۆرەڭ ۋە تەكەببۇر ئىدى. دۆلەت قانۇنىي ۋە پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىدىنمۇ ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدىغان بۇ ساقچىلاردىن پۇقرالار ھەقىقەتەنمۇ تەپ تارتاتتى. ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىمۇ «ساقچى» دەپ ئويلاپ يۈرەك ئالدى بولۇپ كەتكەن قەشقەر خەلقى كىملىكىنى ئالماي بىر ناھىيەدىن بىر ناھىيەگە ياكى بىر يېزىدىن بىر يېزىغا بارالمايتتى.
ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ ماشىنىغا چىقتۇق. ماشىنا مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، لېكىن ئەمدىلىكتە ئەسلىدىكى تۇرقىدىن ھېچقانداق ئىزنا قالمىغان ھەممە يەردە دېگۈدەك  قۇرلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوغۇساق يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 314 – دۆلەت تاش يولىنى (كىشىلەر جۇڭگۇ پاكىستان تاش يولى دەپ ئاتايدۇ) بويلاپ كوناشەھەر ناھىيەسىگە يۈرۈپ كەتتى.
ئىنىم مېنى ناھىيە مەركىزىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىدىكى بىر بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىگە باشلاپ چىقتى. تەخمىنەن 50 كىۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكى بۇ ئۆي بىزگە ۋاقتىنچە ئولتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن ئۆي ئىكەن. ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ قىزغىن پاراڭ بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم، لېكىن ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر – بىرىگە گەپ بەرمەي ماڭا چۈشەندۈرگىنىدىن قارىغاندا كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرگە بىز كىچىكىمىزدە قوي باقىدىغان جاڭگالغا يېقىن بىر جايغا ئىككى قەۋەتلىك داچىلار سېلىنىۋېتىپتۇ. قارىغاندا ئۇزۇن يىللار يەر تېرىپمۇ قولى تۈزۈكرەك پۇل كۆرمىگەن، ئايىغى چىقماس ھاشار ۋە ئالۋان – ياساقلار تۈپەيلىدىن تېخىچە ھاللىنالمىغان دېھقانلار دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى شەھەر قۇرلۇش پىلانى تۈپەيلىدىن ئۆي ۋە يەرلىرىدىن ئايرىلىپ دۆلەتتىن بەرگەن باغلام – باغلام تۆلەم پۇلىغا ئېرىشىپ راستىنلا گاڭگىراپ قالدىمۇ ياكى پەقەت كىنولاردىلا كۆرەلەيدىغان ئىككى قەۋەتلىك داچىلاردا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان دېھقانلار ئەس – ھۇشىنى يوقىتىپ قويدىمۇ؟ بۇنداق دېسەك ئەلۋەتتە دېھقانلارغا ئۇۋال قىلغان بولىمىز. پارتىيە ئىچىگە سوقىنىپ كىرىۋالغان قايسىدۇر بەتنىيەتلەرنىڭ شالىلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ قورقاق سېلىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلالمىغانلىقى، «بىز بىلەن قارشىلاشساڭلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان بولىسىلەر» دەپ تەھدىت سېلىشلىرى بىلەن يەر بەرمەي پۇل بەرسىمۇ ئۈندىمەي ئالغانلىقى، ھەتتا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان دېھقانلارنىڭ «سىياسەتكە قارشى چىققان» دەپ قارىلىپ ساقچىخانىغا سولاپ قويۇلغانلىقىنى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاڭلىدىم. دېھقانلارغا ئىككى قەۋەتلىك داچا ئەمەس بەلكى تىرىلغۇ يەر كېرەكلىكىنى ئاڭقىرالمىغان نادان كادىرلارنى نېمە قىلىش كېرەك؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش سىياسىتىگە بوي سۇنۇپ ئۆي ۋە يەرلىرىنى بىكارلاپ بەرگەن، ئاقىۋەتتە بىر نەچچە بەتنىيەت كادىرنىڭ پوپۇزا قىلىشلىرى  بىلەن تىرىلغۇ يەرلىرىدىن قۇرۇق قالغان بىچارە دېھقانلارنى يەنە ئەيىپلەش كېرەكمۇ؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ توغرا سىياسەتلىرى بىلەن ئوينىشىپ، دېھقانلارنىڭ تەقدىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلەردىن ھېساپ ئالىدىغانلار يوقمۇ؟ ئەزەلدىن ئاچچىق توپىغا مىلىنىپ ياشايدىغان، يەرگە چۈشكەن ناننىڭ ئۇۋىقىنى پۈۋلەپ ئاغزىغا سالىدىغان، بېشى پاتقۇدەك ماكان، ئۇچىسى پېيىنغۇدەك كىيىم، قورسىقى تويغۇدەك تائام بولسىلا شۈكرى قىلىدىغان بىچارە دېھقانلارنى ئىككى قەۋەتلىك داچىغا كۆچۈرۈش بىلەن ئۇلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولامدۇ؟... مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.
ئەتىسى ئىنىم ۋە باشقا ئاغىنە بالىلار بىلەن قەشقەر شەھرىگە كىردۇق. بۈگۈن قەشقەر شەھرىنىڭ بازار كۈنى ئىدى. مۇڭسىراپ تۇرغان ھېيتىگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قەشقەر شەھرىنىڭ ئۆزگەرتىپ سېلىنغان كونا كوچا ۋە ئۆيلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ئارقا ئوردا دەپ ئاتىلىدىغان كوچىغا كىردۇق. بەش يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن «ساچ مەدرىسى» دەپ خەت يېزىلغان ۋىۋىسىكا ئەسلى ئورنىدا كۆرۈنمەيتى. قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇب بولغان بۇ مەدرىسىنىڭ گەرچە خارابىسى ساقلىنىپ قالمىغان بولسىمۇ ئەسلى ئورنى نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئارقا ئوردا كوچىسىدا خەلقىمىزنىڭ كۆزى ھەم ئىڭىدا ساقلىنىپ قالغانىدى. ئەپسۇس، بۇ قىتىمقى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش بۇ مەدرىسنىڭ ئورنىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇش ئارزۇيىمىزنى بەرپات قىلىۋەتكەنىدى. يەنە مۇشۇ كوچىنىڭ ئارقىسىغىراق جايلاشقان، قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇب بولغان 900 يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىتمۇ «يېڭىلاپ» سېلىنغانىدى.
قەشقەر شەھرىدىكى كونا قۇرلۇشلارنى يېڭىلاپ سېلىش ئاڭلىماققا كىشىنى خۇشال قىلسىمۇ لېكىن بۇ يېڭىلاشنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تارىخىمىز ۋە مەدەنىيەتىمىزنى تامامەن غايىپ قىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى تارىخى ئىزنالىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى،  مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن تەڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەسلىمىسىدە ئەجدادلىرىنىڭ تارىخى ئەستىلىكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كىتىدىغانلىقىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشىگە گۇۋاھ بولغۇچى تالايلىغان كوچا ۋە قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي ھەم مەدەنىي قىممىتىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ قەدىمي تارىخىي شەھەرلىك سۈپتىگە خېلىلا نۇقسان يېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
13 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئاغىنە بالىلار بىلەن خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق. دۇنياغا داڭقى كەتكەن خوتەن قاشتىشىنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم 14 – يانۋار ئەمەلگە ئاشتى. دەريانىڭ تار كۆۋرۈكىدىن ئالدىرىماي ئۆتۈۋاتقان ماشىنا ۋە ئادەملەرگە قارىغاندا سۈيى تاتىلغان دەريادا تاش كولاۋاتقان ئادەم ۋە توپا ئىتتىرىش، توپا قىزىش ماشىنىلىرى كۆپ ئىدى. بىزمۇ قىزىقىپ دەرياغا چۈشتۇق. قىرى – ياش، ئەر ئايال، ئوغۇل – قىز ئارلاش ھالدا تاش كولاۋاتقانلارنىڭ بىزگە قاراشقا ھەپسىلىسى يوق ئىدى. شىغىللىق دەريا قىرىدا ئۆمىلىپ تاش ئىزدەۋاتقان ئاق ساقاللىق بوۋاي، قولىدىكى جا قاشتىشىنى ماڭا ساتماقچى بولۇپ ئارقامغا كىرىۋالغان، كۆپكۈك ماڭقىسى ئىقىپ تۇرغان بالا، يۈزىنى يۆگىۋىلىپ ئېرى بىلەن تاش ئىزدەۋاتقان ئايال، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان توپا قىزىش ماشىنىسى بىلەن تاش كولاۋاتقانلار ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
شۇ پۇرسەتتە بىر نەچچە تاش كولىغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. قاشتىشى كولاپ مىليۇن – مىليۇنلاپ پۇل تاپقانلارنىڭ ھېكايىسىنى، يەنە شۇ قاشتىشى كولايمەن دەپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلەرنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىسىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم. قاشتىشى تېپىپ قالسا شۇنى سېتىپ  ئاتا – ئانىسىنى ھەرەمگە يولغا سالماقچى بولغان ياش بالىلارنى، ئالىي مەكتەبتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ خىراجىتى ھەل بوپ قالارمىكىن دەپ قاشتىشى كولاۋاتقان ئاتا –ئانىلارنى، قىمار ئويناپ مال – مۈلۈكلىرىنى ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىۋەتكەن نوچىلارنىڭ قاشتىشى تېپىپ يەنە قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەنلىرىنى قايتۇرىۋالماقچى بولغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسىغا ئېغىرچىلىق سالماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنى كۆرۈپ ۋە ئۇلارنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى تاش كولاپمۇ بىرەر تال قاشتىشى تاپالمىغنالىقىنى ئاڭلاپ ئويلاپ قالدىم. قاشتىشىغا شۇنچە ئۈمىت باغلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشى ناتايىن ئىدى. ئەگەر مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمى باشقا كەسپ ياكى ئىش ئوقەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا نەچچە يىللاپ دەريادا قۇرۇق ئاۋارە بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان ۋە بىرەر تىرىكچىلىكنىڭ يولىنى تاپقان بولاتتى.
جىددىي قايتىشقا توغرا كەلگەچكە 15 – يانۋار خوتەندىن قايتىپ كەچكە يېقىن قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا كىردۇق. قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان بېرىش مۇساپىمىزدە ھېچقانداق كىملىك ياكى باشقا تەكشۈرۈشلەر بولۇنمىغانىدى. لېكىن قايتىش سەپىرىمىزدە قاغىلىق بازىرىغا كىرىشتىن ئاۋۋال بىر يىرىم سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىملىك تەكشۈرتتۇق. بىر كىچىنى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى چۈش ۋاقتى بىلەن قەدىمي ئاستانە يەكەنگە كەلدۇق ۋە يەكەن كونا شەھەردىكى تارىخى ئىزلارنى زىيارەت قىلدۇق. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردا خارابىسى سۈپتىدە قايتىدىن سېلىنىۋاتقان قۇرلۇش نېمە ئۈچۈندۇر توختاپ قالغانىدى. خانىش ئاماننىساخان ۋە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خان جەمەتىنىڭ قەبرىلىرىنى ھەم چىلتەنلىرىم مازىرىنى زىيارەت قىلدۇق. چىلتەنلىرىم مازىرىدىكى ھەر خىل تۇغ ئەلەملەر، سوپى  - ئىشانلارنىڭ ناماز ئوقۇماي مازارغا چوقۇنۇپ ئىبادەت قىلىشلىرى، كىشىلەرنىڭ سەدىقىلىرىگە تەمەگەر بولۇپ ئولتۇرغان تىلەمچىلەر، ھايۋانلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى ۋە رەڭگاراڭ رەختلەر ئېسىلغان بىر مازارنىڭ ئالدىدا ئوت قالاپ ئولتۇرغان نەشىكەش دەرۋىشلەر، شۇ دەرۋىشلەرنىڭ ئالدىغا پۇل تاشلاپ دۇئا ئېلىۋاتقان كىشىلەر، بوش قەبرىدە سوغۇقتىن تىتىرەپ ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان ياش سوپى، يۈزلىرىنى يۆگىۋېلىپ زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرگە ھال ئېيتىۋاتقان ئاياللار بەئەينى تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرىلەنگەن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ جاھالەتلىك دەۋرلىرىنى ئەسلىتەتتى.
خوتەن سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى ئۆينىڭ تېمىغا چاپلانغان ئىككى ۋاراق رەڭلىك قەغەزگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ كوناشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە پايدىسىز گەپ ۋە ئىش قىلغانلار، دىندىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلار، بالا ئوقۇتقانلار ۋە كونا قوليازما كىتابلارنى ساقلىغانلارنى ھۆكۈمەتكە چېقىپ بەرگەنلەرگە بېرىدىغان مۇكاپاتنىڭ سوممىسى يېزىلغان ئۇقتۇرۇش ئىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزۈم چوڭ بولغان يۇرتۇم ئوغۇساق يېزىسىغا كەلدىم. يېزىنىڭ مەن بىلىدىغان قىياپەتلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، رەتلىك سېلىنغان بىنالار، سودا سارايلىرى، خەنزۇچە ئىسىم قويۇلغان كەڭرى كوچىلار ئىچىمنى بىر خىل ئاچچىق قىلىۋەتتى. چۈنكى بۇ يېزىنىڭ ئىسمى ۋە  يېزىدىكى كەنت مەھەلىلەرنىڭ ناملىرىدىن تارىخنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولاتتى. يەنى ئوغۇساق دېگەن ئىسىمنىڭ ئوغۇز ۋە ساك قەبىلىلىرى بىلەن بىرەر تارىخى باغلىنىشى بارلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئوغۇساققا يېقىن جايلاردىن توققۇزاق، ئىنساق، ساقساق دېگەن جاي ناملىرىمۇ ساك قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىدى. يەنە ئوغۇساق يېزىسىنىڭ  يۇقىرىقى ئوغۇساق كەنت تەۋەلىكىدىكى ئوردىرىق (ئوردا ئېرىق) مەھەلىسىنىڭ نىڭ بىرەر خانلىقنىڭ ئوردىسى بىلەن، مېنىڭ ئۆيۈيۈم جايلاشقان تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى تەۋەلىكىدىكى قىغزىرىق (قىرغىز ئېرىق) مەھەلىسىنىڭ نىڭ قىرغىزلار بىلەن، ئاغچام پاشا مەھەلىسىنىڭ پاشاھلارنىڭ ئاغچىلىرى، يەنى پادىشاھلارنىڭ خانىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، غوجىلا كەنتىنىڭ غوجىلار بىلەن، پاچىيە كەنتىنىڭ تارىختا يۈز بەرگەن بىرەر ئۇنتۇلماس قانلىق پاجىئە بىلەن، ھىلاكۇ كەنتىنىڭ چىڭگىزخان ئوغلانلىرىدىن بولغان ھىلاكۇ ئىسىملىك خان بىلەن، ئويباغ كەنتىنىڭ تارىختا ياسالغان بىرەر مەشھۇر باغ بىلەن مۇناسەۋەتلىك بولۇشى ئىھتىمالغا يېقىن ئىدى. يەنە مۇسۇما، قاقۇلا قاتارلىق مەنىسىنى بىز بىلمەيدىغان كەنت ناملىرىنىڭمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر (ياكى تۈرك) تىلى، سانسىكىرت تىلى ھەم ساك تىللىرى بىلەن بىرەر باغلىنىشى بارمىكىن دەپ ئويلايتىم. ئەپسۇسكى بۇ تارىخى ناملار شەھەر قۇرلۇشى پىلانى بىلەن بىراقلا ھۆكۈمەت تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلگەن، بۇ ناملارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان خەنزۇچە سودا ساراي ئىسىملىرى، يول ناملىرى ئالماشقانىدى. ھەممىدىن قىزىققارلىقى ھەم تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى كۆپ قىسىم دىھقانلارنىڭ ئاغزىدا «بىزنى گۇاڭجۇدىن باشقۇرىدىكەن» دېگەن گەپنىڭ ئېقىپ يۈرگىنى ئىدى. چۈنكى ئوغۇساق يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرى كۆچۈرۈلگەن يەرلىرىگە گۇاڭجۇ شەھرىنىڭ نامىدا نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق بىنالىرى، سودا سارايلار ۋە زاۋۇتلار سېلىنىۋاتاتتى.
18 – يانۋار مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبرىسىگە زىيارەتكە چىقتىم. سايباغ يېزىسى بىلەن ئوپال يېزىسىنىڭ ئارلىقىدىكى «ئالۋاستىنىڭ ئۈزۈكى» دېيىلىدىغان چۆلگە يېڭىدىن قۇرلۇشلار سېلىنىۋاتاتتى. پولات تۈۋرۈكلەرگە ئورنىتىلغان رەڭلىك ۋېۋىسكىلاردا «گۇاڭجۇ شەھەرچىسى» دېگەن خەت ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. قارىغاندا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاجىكىستان رىسبۇبلىكىسى (ھازىرقى تاجىكىستان)، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرگە چىققىلى بولىدىغان، ھەجگە ماڭغۇچىلار ۋە سودىگەرلەر تولا قاتنايدىغان بۇ يولنىڭ  مۇشۇ بۆلىكىدە ئىلگىرىكى چاغلاردا كۆپ ۋەقەلەر يۈز بەرگەچكە «ئالۋاستىنىڭ ئۈزۈكى» دەپ ئاتالغان بۇ چۆلگە گۇاڭجۇ شەھرىدىن يەنە بىرسى قۇرۇلماقتا ئىدى.
مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تەۋەرۈك قەبرىسىگە يېتىپ بارغان ۋاقتىمىزدا كۈن چۈشتىن قايرىلغانىدى. يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئالىمنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆرۈپلا بىر خىل پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئۇلۇغ كىچىك تىندىم. ئىلگىرى نەچچە قېتىم زىيارەت قىلغاندا قەبرىگاھنىڭ يان تەرىپىدىن ئوغۇرلۇقچە كىرىپ ھەقسىز زىيارەت قىلغانىدىم. لېكىن بۇ قېتىم قائىدىلىك كىرەي دەپ قەبرىگاھنىڭ چىڭ يېپىغلىق تۇرغان چوڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى بىلەت سېتىش كۆزنىكىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بىلەت ساتقۇچى قىزدىن سورىدىم:
-يەرلىكلەردىنمۇ پۇل ئالامسىلەر؟
-ھەئە، بىلەت ئامماي چىسىلىرى بوممايدا.
-بىز مەھمۇد قەشقىرى بىلەن تۇغقان كىلىمىز دەڭە، ئۇ زات مېنىڭ بوۋام بولىدۇ، بوۋامنىڭ قەرىسىگىمۇ پۇل تۆلەپ كىرىمەنمۇ؟
بىلەت ساتقۇچى قىز ماڭا تىكىلىپ قاراپلا قالدى. بىر نەرسە دەيمەن دەيتتىيۇ، لېكىن ئېغىزى مىدىرلىغىنى بىلەن ئاغزىدىن گەپ چىقمايۋاتاتتتى. مەن گېپىمنى داۋام قىلدىم:
-ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋىسى بولغان بۇ ئالىمنىڭ قەبرىسىنى نەۋرىلىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلار پۇل تۆلەپ زىيارەت قىلساق قانداق بولىدۇ. خاپا بولماي باشلىقىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ «مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىر نەۋرىسى زىيارەتكە كەپتىكەن، بىلەت ئالامدۇ ئالمامدۇ؟» دەپ سوراپ باققان بولسىڭىز بوپتىكەن.
بىلەت ساتقۇچى قىز گېپىمنى چۈشەندى. بايىقى مۇز چىرايى ئېچىلىپ سەل كۈلۈمسىرەپ دېدى:
-بۇنىڭغا بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق، يۇقىرىدىن ھەممە ئادەمگە بىلەت سېتىپ چىگۈزۈشنى بۇيرىغان. ھازىر سىلەنى بىلەتسىز چىگۈزىۋەتسەم ھەممە ھەرىكىتىڭلار جىيەنكوڭغا  (كۆزىتىش ئاپپاراتى) چۈشىدۇ، ئۇ چاغدا ماڭىمۇ گەپ كېلىدا.
مەيلى دېدىم، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكەم بولغاچقا يېرىم باھادا، مەن بىلەن بىرگە چىققان ئىككى ئىنىم پۈتۈن باھادا بىلەت سېتىۋېلىپ قەبرىگاھنى زىيارەت قىلدۇق.
21 – يانۋار ئۈرۈمچىگە مەلۇم بىر ماتىرىيالنى توردىن يوللاش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىدىكى تورخانىغا كىردىم. لېكىن كومپىيۇتىرلارنىڭ ھېچقايسىسىغا بارماق دىسكا چاتقىلى بولمايدىكەن. تورخانا خادىمىنىڭ دېيىشىچە ھۆكۈمەتتىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن توردىن ھېچقانداق نەرسە چۈشۈرگىلى، قوبۇل قىلغىلى ۋە يوللىغىلى بولمايدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قانۇنغا چۈشمەيدىغان كۈلكىلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقارمايدىغانلىقىنى دەپ تورخانا خىزمەتچىسى بىلەن خىلىلا ئېيتىشقان بولساممۇ ئۇ بالىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى پەش قىلىپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ جىم بولدۇم. چۈنكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت شۇنداق بۇيرىغان بولسا جەزمەن بوي سۇنۇشۇم كېرەك ئىدى.
ئانا يۇرتۇمدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان ئون نەچچە كۈن مەندە تولىمۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى قالدۇردى. تەپسىلى يېزىپ زارلىنىۋەرسەم ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويۇشىم مۇمكىن. بۇ ئاچچىق خاتىرىلەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن...
ئۈرۈمچىگە جىددىي قايتىشقا توغرا كەلگەچكە 23 – يانۋار چۈشتىن كىيىن يولغا چىقتىم. ئايرۇپىلان قەشقەر ئاسمىنىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقاندا يۇرتۇمنىڭ مەندە قالدۇرغان ئاچىق ئەسلىمىلىرى بىلەن تىرىكچىلىكنىڭ غىمى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت، ياشاشتىكى ئىنتىلىش ۋە چەكلىنىش، ئادالەت ۋە ئادالەتسىزلىك، بۇزەك قىلىش ۋە بوزەك قىلىنىشلار؛ شۇنداقلا كېيىنكى ھايات مۇساپەم، ئارزۇ ئارمان ۋە ئاداققى نىشان گىرەلىشىپ كەتكەن زىددىيەتلىك خىياللار قاينىمىدىن چىقالمىدىم.
خەيرىيەت، بىز تەقدىرىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرىۋاتقاندىمىز ۋە يەنە نىمىلەرنى كۆرىمىز؟ بۇ تېخى بىزگە قاراڭغۇ.

0

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13592
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇندا......... ئاناڭنى باشىقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، يەر-جاي نامىلىرىنى خالىغانچە بىكتىۋاتىدۇ. 40نەچچە يىل ياشاپتىمەن تۇپرىقىمدا،تىخى ھۇش-كاللامىدىن كەتمەي تۇرۇپ  ئاتالمىش  ‹‹چۇ،خۇئەن........››لەرنى پەقەتلا پەرىق قىلىلاما بوپ قالدىم دىسە؟بۇلتۇر 8-10  ياش چاممىسىدىكى باللارنىڭ ئوغزىدىن ‹‹خەنزۇ بازىرى››دىگەنلىكىنى ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلاپ ناھايتى خاپا بولۇپ دەرھال رەدىيە بىرىدىم ھەم ئۇ يەرنىڭ نامى ‹‹ئوي بازىرى›› دىيىلىدىغانلىقى‹‹ئۇلارنىڭ››ئەزەلدىن ئۇنداق بازىرىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتتىم.بىزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن يوقۇتۇتدىغانلىرىمىز بۇنىڭلىق بىلەن تۈگۈمەيدىغان ئوخشايدۇ!!!!!!

باھا سۆز

aktuqi  http://www.kskino.com/html/hawar/show/kskino_news_2567.htmlچوقۇم كۆرۈك ياكى يوللاپ قويۇڭ  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

请接受我真诚的道歉!

0

تېما

0

دوست

2576

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8382
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 592
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساچ مەدىرسە خارابىسى يەنىلا جايىدا بار(ئارقا ئوردىدا ئەمەس ،ئوردا ئالدى كۆكتات بازىرىدىن چاھارسۇ غاماڭىدىغان يولدىكى  غوجىلار كوچىسىنىڭ ئۇدۇلىدا)،ساقىيە مەدرىسىسى ئورنى ساقىيە دوختۇرخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى،1-باشلانغۇچ مەكتەپكە 14-باشلانغۇچ،17-باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرى قىتىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن خانلىق مەدرىسە خارابىسى چىقىۋىتىلىپ زىمىنى 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇپ بىرىلدى،خۇشال ياشاڭ!بەزى مەسلىلەرگە زورلاپ ئازابلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق!
پەرۋاز

0

تېما

3

دوست

5586

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1568
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئىشلار كۆپ

تۈمەن ئۆركىشى

4

تېما

15

دوست

9089

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   81.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1640
تۆھپە : 1632
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ‹‹قەشقەر شەھرىدىكى كونا قۇرلۇشلارنى يېڭىلاپ سېلىش ئاڭلىماققا كىشىنى خۇشال قىلسىمۇ لېكىن بۇ يېڭىلاشنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تارىخىمىز ۋە مەدەنىيەتىمىزنى تامامەن غايىپ قىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى تارىخى ئىزنالىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى،  مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن تەڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەسلىمىسىدە ئەجدادلىرىنىڭ تارىخى ئەستىلىكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كىتىدىغانلىقىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشىگە گۇۋاھ بولغۇچى تالايلىغان كوچا ۋە قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي ھەم مەدەنىي قىممىتىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ قەدىمي تارىخىي شەھەرلىك سۈپتىگە خېلىلا نۇقسان يېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.››


يۇقارقى قۇرلار تىمىنىڭ  مەركىزى ئىدىيىسىكەن . قەشقىرىمىز ئۆزگەرمەكتە .
‹‹ قەشقەر ›› دىسەم بىر تەرەپتىن قاتتىق ھاياجانغا چۆمۈلسەم ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىم ئېچىشقاندەك بولىمەن .ھەي سەلتەنەتلىك تارىخ ، ھەي كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئېلىۋاتقان _ ‹‹ تەرەققىيات .››

0

تېما

1

دوست

387

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15653
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرنى شۇنداق بىر كۆرگۇم بار ئىدى مېنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ كۆڭلۇم يېرىم بولۇپ قالدى

0

تېما

0

دوست

188

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14469
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلېق.كوتۇرمېچې.ساتقۇن.پۇقرا.بېچارە.بېقۇل...................سەن.قېلساڭ.يامانلېقنې.مەن.قويدۇم.غۇدايېمغە.....................كەمبېغەل.كەيسە.كۇلانې.بايلېرېڭ.ادەم.امەس

0

تېما

0

دوست

81

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17944
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ ئۆينى ھەقسىز ئېچىۋەتسە بولاتتى

0

تېما

1

دوست

3189

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 890
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   .....

0

تېما

0

دوست

1318

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەردە ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق مىللى باشلىقلار باركەن، ئوتتۇرا ئەسىردىن بىراقلا 50-ئەسىرگە ھالقىما تەرەققى قىلدۇرۇپتۇ ئەمىسە...
قەشقەردىكى قەدىمى مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالغانمىدۇ؟

باھا سۆز

quxanmaysan  زامانغا لايىقلاشتۇرۇشدەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئۆز ئەسلىنى ساقلاپ قالغانلىرى ناھايىتى ئاز قالدى  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
quxanmaysan  ياق ھەممىسى يوقالغىنى يوق ،لىكىن بەكلا ئاز قالدى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سىلىش يىڭىلاش  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-24 10:47 , Processed in 0.062127 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش