- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2587
- نادىر
- 0
- يازما
- 316
ئۆسۈش
31.06%
|
ئۆزەڭلارنى تۈركىيەنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئويلاپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
تۈركىيە ئوتتۇراھال كۈچلۇك دۆلەت، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تېخنىكا، مائارىپ، ھەربىي كۈچ، مەدەنىيەت تەسىرى ئوتتۇرا ھال سەۋىيىدە. تەسىر كۈچى ئوتتۇرا شەرقتە بىر قەدەر كۈچلۇك، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەنئەنىۋىي قېرىنداشلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان تەسىرى بار لىكىن كۈچلۇك ئىقتىساد، ھەربىي ، سىياسىي تەسىرى يوق، بۇنىڭ ئۇچۇن تىرىشىۋاتىدۇ .
مۇشۇنداق بىر دۆلەت چوڭ دۆلەت بىلەن بىۋاستە قارشىلىشىش يولىغا مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەممە دۆلەت ئۆز مەنپەئەتىنى ئاۋۋال ، ئاندىن قېرىنداشلىرىنىڭنى ئويلىشىدۇ. بىر ئۆيدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. تۈركىيەنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى پەقەت ئاستىرىتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۆرسىتىش، ئۇچۇق قارشى تۇرماسلىق سىياسىتى. ئۇچۇق دۈشمەنلىك سىياسىدا ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، چاۋشىيەندەك ساراڭلار باشقىچە ئەلۋەتتە.
ئۇچۇق ئاشكارا دۈشمەنلەشتىمۇ دەيلى، تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھازىرقى دۆلەت كۈچى بىلەن نىمە ئىش قىلالايدۇ، قۇشۇن ئەۋەتەلەمدۇ، خەلقئارالىق ئىقتىسادىي جازانى تەشككىللىيەلەمدۇ، ھەربىي - سىياسىي ئىتتىپاق تۇزۇپ ئىشكەنجىگە ئالالامدۇ؟ ھىچقايسىسىنى قىلالمايدۇ. شۇنىڭدىن كۈرۈشكە بۇلىدۇكى، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى پات-پات قاتتىق بۇلۇپ، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا نورمال پوزىتسىيەنى ساقلاش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، سىياسىي سىڭىش كىرىشى ئاقىلانىلىق. ئەگەر ئۇچۇق ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، يۇقارقى يوللارنىڭ ھەممىسى ئىتىلىدۇدە، تۈركىيەمۇ بۇنىڭغا ئامال قىلالمايدۇ.
تىپىپ مىسالى، نەچچە يىل بۇرۇن تۈركىيەنىڭ قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن تەنقىدلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى، ئۇقۇش مۇكاپاتى تەسىسى قىلىپ تۈرك مىللەتلىرىگە ئىتىبار قىلىشى دەل مۇشۇ ھازىرچە كۈچى يىتەرلىك بولمىغاندا ئوتتۇرا يول بىلەن قېرىنداشلىرىغا ياردەم بىرىش ئۇسۇلى.
تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىشى بىرنەچچە يىلدىلا مۇمكىن بۇلىدىغان بىردەملىك ئىش ئەمەس، ئۇزۇن مەزگىل ئوتتۇرا يولدا تەييارلىق قىلىش، تەسىرىنى كېڭەيتىش، ئەل رايىنى ئۆزىگە قارىتىش ئارقىلىق بۇلىدۇ.
ھەتتا ئامىركىدەك كۈچلۇك دۆلەتمۇ بىۋاستە ئارلىشىشقا ۋاقتى كەلسە ئامالسىز، تۈركىيە تېخىمۇ شۇنداق.
بەزىدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۇچۇن كۇرۇنۇشتە يول قويسىمۇ، لىكىن ئۇمۇمىي يۈزلىنىش يەنىلا كۆپچىلىككە ئايان. 90 يىللاردا تۈركىيە ئىقتىسادى ناچار، سىياسى مۇقىم ئەمەس ھالەتتە بولغاچ يول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما يېقىندىن بىرى دۆلەت كۈچى ، تەسىرى كىڭىيىۋاتىدۇ.
يەنە بىر گەپ، ھەرقانچە قېرىنداش بولسىمۇ پۇتۇنلەي ئۇلاردىن ئۈمىد كۇتۇپ ئازراق جىم تۇرىۋالسا تىللاشنىڭ ئۆزى بەكلا ئاخمىقانىلىق. قېرىنداش قۇلىدىن كەلگىنىنى قىلىدۇ، لىكىن سىز ئۇچۇن جاندىن كىچەلىشى مۇمكىن بولمىقى يوقنىڭ ئورنىدا. ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق.
ئەڭ مۇھىمى قۇرۇق گەپ سېتىپ باشقىلارنى تىللىغاندىن، ئىقتىسادىمىزنى، بىلىمىمىزنى، كاللىمىزنى ، پۇت-قۇلىمىزنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ تۇرغان تۇزۇك. كارۋاتتىكى نىمجان ئاغرىققا ياردەم بەرسىمۇ ھىچ ئىش قىلالمايدۇ، ياردەم ئېلىشقىمۇ دەسمايە كىتىدۇ. |
|