- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3385
- نادىر
- 1
- يازما
- 143
ئۆسۈش
  46.17%
|
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ناھايىتى كوپ مەسىلىلەر ھەل بولدى، ئەمما ئاساسلىقى ئىككى خىل ئاجىزلىققا يول قويۇلدى، ئۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى تەڭلەشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتكۇل تارىخىنى ئۇيغۇر ناملانغان ئاشۇ گەۋدىسىنىلا ئىزدەش. يەنە بىر ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلارنى ئاساسى سۇپىتىدە پايدىلانماسلىقتا كورۇلىدۇ.
-----
مۇشۇ گەپ بەك مۇھىم ئىدى.
بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس، بەلكى بىر قىسىمى ياكى ئارىلاش قىسىمى. ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر قېنىدىن باشقا، يەنە موڭغۇل قانلىرىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا كىرگەندە، نۇرغۇن موڭغۇلنى مۇسۇلمان قىلغان. ئىسلامغا كىرمەي ئۆز دىنىدە قالغانلىرى «قالماق» ئاتالغان. 15- ئەسىرلەردە بۇ يەر «مۇغۇلىستان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، خەلقى بولسا موغال دەپ ئاتىلىپ كەلگەن (تاكى 1910-يىللىرىغىچە)، ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتىسى بابۇر شاھ ئۆز موغۇل، يەنى فەرغانە تەرەپتىن ھىندىستانغا بارغان ئىدى. ھازىر ھىندسىتان بىلەن پاكىستاندا موغۇل (موغال) دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەت بار، نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون ئەتراپىدا چىقىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر بولۇپ، بەك تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى دەل شۇ بابۇر شاھ بىلەن تەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەنلەردۇر.
ئۆزبەكلەرنىڭ تارىخىدا يادىگارخاننى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، لېكىن شۇ يادىگارخاننىڭ قەۋىمى قەدىمكى ئۇيغۇر بىلەن نايماندىن تەركىب تاپقانلىقى ئېنىق (شەجەرىئىي تۈرك دېگەن كىتاپقا قاراڭ).
بەزى چەتئەل توربەتلىرىدە مىللەتلەر تۈركۈمىنى ئايرىماقچى بولسا، ئۇيغۇر مىللەت تۈركۈمىگە ئافغانىستاندىكى ھازار مىللىتىنىمۇ قوشىۋېتىدۇ، بۇنىڭ پارىڭىنى قىلساق، بەلكىم گەپ ئۇزىراپ كۇشان خانلىقىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن.
|
|