- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1580
- نادىر
- 0
- يازما
- 157
ئۆسۈش
  2.29%
|
elbilge يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 01:44 
بىلگە
مەن بىر ماتېرىيالدا y خىروموسومنىڭ ھاياتى كۈچىنى ...
سالام ئەلبىلگە،
سۇئالىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنى چەتئەلدە پەقەت ئاممىۋى تورلاردا ئۇچرىتىش مۇمكىن، لىكىن بۇ ھىچقانداق ئىلمىي تەتقىقات قاتارىدىكى ماقالە، دوكلاتلاردا تىلغا ئىلىنمايدۇ. سەۋەبى، مەيلى سىز ئىشقارلىقى يۇقىرى ياكى كېسلاتالىقى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ بەرىبىر بەدەننىڭ ئوخشىمىغان قىسملىرى ئوخشىمىغان مۇنتىزىم بىر pH دائىرىسىدىلا تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازاننىڭ pH قىممىتى دائىم كۈچلۈك كېسلاتاغا مايىل بولىدۇ، قاننىڭ ئازراق ئىشقارغا مايىل بولىدۇ. سىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەرنىڭ مەلۇم ئەزانىڭ pH قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى بىر پاكىتسىز گەپتۇر. شۇنداق بولغانىكەن، گەرچە سىز دىگەندەك ئىسپىرما ھۆجەيرىلىرىنى تەن سىرتىدا تەجرىبە قىلسا سىز دىگەندە مەلۇم خىل pH نىڭ قايسى خىروموسوملۇق ئىسپىرمىنىڭ ھايات قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، بۇنىڭ قوللىنىشچانلىقى يوق دىيەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى ئىسپىرمىنىڭ ھايات قىلىشى شۇ ئىسپىرمىنڭ چوقۇم تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرىدىغانلىغىنى بىلدۈرمەيدۇ چۈنكى ئەمەليەتتە نۇرغۇن ئىسپىرمىلار تۇخۇمغا ئوخشاش ۋاقىتتا يىتىپ بىرىشى مۇمكىن، ئېىنق بولمىغان مىخانىزىملار ئارقىلىق بىرىنچى ئىسپىرما تۇخۇم سىرتىدىكى ZP قەۋىتىنى بۆسۈپ كىرىشى بىلەن تەڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ پەردە ئىچىدىكى تۈكچىلەر دەرھال توسۇلۇپ باشقا ئىسپىرمىلارنىڭ كىرىش يولىنى ئېتىپ قويىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئىسپىرمىنىڭ ھاياتى كۈچى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە مۇھىم بولغىنى بىلەن بۇنىڭ قايسى ئىسپىرمىنىڭ تۇخۇم بىلەن جۈپلىشەلەيدىغانلىغىدا ئوينايدىغان رولى كۆرۈنەرلىك ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا سىز دىگەندەك ئۇسۇل سىناق قىلىنغان بولسىمۇ بىردەك نەتىجىگە ئېرىشىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللىقاچان بۇنىڭ قوللىنىلىشچانلىقى يوق دەپ قارالغان. ھازىرغىچە كىشىلەر بالىسىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنى تاللاش ئىختىيارىغا ئىگە ئەمەس. ئاتالمىش ئۆزى دىگىنىدەك ئوغۇل ياكى قىز تۇغالىغانلار ياكى تۇغدۇرالىغانلار پەقەت تەساددىپىلىقنى مىنىڭ قىلغان ئاماللىرىم تۈپەيلى شۇنداق بولغان دەپ قارىغانلىقىدۇر. بۇ مەلۇم كىشىلەردە شۇنداقتەك بىلىنگىنى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلنى ھەممە كىشىگە ئىشلەتسە بۇنىڭ بىر ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ ئىسپاتلىنىپ چىقىدۇ. بىز مەيلى قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلايلى، بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئېرادىمىز بويىچە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، چوقۇم قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنى شەرت دەپ بىلسىڭىز، تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق X Yخىروموسۇملۇق ئىسپىرمىنى تاللاپ تۇرۇپ ئۇرۇقلاندۇرۇش مۇمكىن، شۇندىلا ئۆزىڭىز دىگەن جېنىستىكى بالىغا ئېرىشەلەيسىز. لىكىن تەن سىرتىدا يىتىلدۈرۈشنىڭ قىممەت بولۇپلا قالماي، يەنە خەتىرىمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ھالدا ئويلىشىپ ئىش قىلغان تۈزۈك. |
|