- تىزىملاتقان
- 2012-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11968
- نادىر
- 0
- يازما
- 1181
ئۆسۈش
  4.92%
|
789-يىلى ئالىپ قۇتلۇق بىلگە قاغان ئۆلىپ تاراس قاغان تەخىتكە چىقتى ،تاراس قاغاننى ئىنىلىرى تەخىت تالىشىپ ئۆلتىرىپ ئېل كۆر قاغان تەخىتكە چىقتى(790-795 )،شۇ يىلى سارت ،ئاق تۈرۈك ،قارلۇق قەبىلىلىرى تۇبەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى ،يەنە شۇ 790يىلى ئۇيغۇر قوشۇنى بىلەن تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بېيتىڭدا مەغلۇپ بولغاندا ،ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرى ئېل ئۇگاس جاۋاپكارلىقتىن قېچىش ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسىنىڭ بېيتىڭ جىيدۇشىسى ياڭ شىگونى ئالداپ ئۆلتىرۋەتتى ،795يىلى ئېلكۆر ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا ئادىز قابىلىسىدىن بولغان ۋەزىر قۇتلۇق(795-805) تەخىتكە چىقتى ،ۋە ئۆزىنى تەڭرىدە قۇتلۇق بولمىش كۇلۈگ بىلگە قاغان دەپ ئاتىدى تاڭ سۇلالىسى ئۇنى ئېتراپ قىلىپ دىيانەتمەن قاغان دەپ نام بەردى .دىمەك قاراچور تېگىن ئېلكورنىڭ ئوغلى ياغلاقار ئۇرىقىدىن بولغان شاھزادە بۇلىشى مۇمكىن ،ئۇ ئادىز ئۇرۇقىدىن بولغان قۇتلۇق قاغان تەخىتكە چىققاندىن كېيىن بەلكىم ياڭشىگونىڭ ئەنتى ئۈچۈن قەسىتلەنگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئادىز ئۇرىقىدىن بولغان كېلىپ چىقىشى ۋەزىر بولغان قۇتلۇق قاغاننىڭ تەخىتكە ئولتۇرىشىنى مۇبارەكلەش سوغىسى بۇلۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن .(لى زۇ شىياۋنىڭ ئۇيغۇرلار دىگەن كىتابىنىپ بىرىنچى قىسمىدىن پايدىلاندىم )
دىمەك بۇ شاھزادەنىڭ قەۋرىسى بىزنى ئۇيغۇر خانلىق تارىخىدىكى ھاكىميەتنىڭ ياغلاقارلار قولىدىن ئادىزلار قولىغا ئۆتىش تارىخىنى ئېچىپ بېرىشتىكى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى پەرىزىم . |
|