قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2221|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى4 -ساندا دوكتۇر مۇقەددەس مىرزا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

793

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17782
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 18:04:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibirlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 18:07  

*

*لېكسيە ئسمى:قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشمەدەنىيتى
لېكسيە بەرگۈچى:دوكتۇر مۇقەددەس مىرزا
پىلانلىغۇچى:تاھىر ئىمىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى:قارلۇق شركىتى
ئورنى:قارلۇق شركىتى يېغىن زالى
ۋاقتى:2013-يىلى 4-ئاينىڭ20-كۈنى شەنبە چۇشتىن 7:20دە



*دوكتۇر مۇقەددەس مىرزا مۇئەللىمنىڭ تەرجىمھالى

شىنجاڭپىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېىتىنىڭ ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ دوتسىنتى، دوكتۇر، ئاسپىرانىتيىتەكچىسى مۇقەددەس مىرزا 1970-يىلى چۆچەك شەھرىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى شىنجاڭئۇنىۋىرستېتى تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1993-يىلى ئوقۇشپۈتتۈرگەن. 1993-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىياتفاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا رۇستىلىدا بىلم ئاشۇرغان.2003-يىلى «ئەمىلىي قوللىنىلىدىغان يېزىقچىلىق» دەرسلىك كېتابىنىتۈزۈشكە قاتناشقان.  2004-يىلىدىن2008-يىلىغىچە قازاقىستان رىسپوبلىكىسى بىلىم ۋە ئىلىم مىنىستىرلىكى ئەخمەتبايتۇرسۇن نامىدىكى تىل بىلىم ئىنىستىتوتىدا ئاكادېمىك ئابدۇۋەلى قايدارنىڭيىتەكچىلىكىدە كاندىداتلىق(دوكتۇرلۇق) دېسىرتاتسىيەسى «قازاق ۋە ئۇيغۇر ماقالتەمسىللىرىنىڭ ئېتنو-تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەكشۈرۈش» تېمىسىدا ماقالە ياقلىغان.بۇ جەرياندا قازاقىستان ئاساسلىق ئىلمىي ژۇرناللىرىدىن ئاكادېمىيەدىن چىقىدىغان«خەۋەرچى»، «قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە «قازاقىستانجۇمھۇرىيتىىدىكى ۋە شۇ يەردە ئىچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغنلىرىدا «ئۇيغۇرۋە قازاق ماقال تەمسىللىرىدىكى ئەرەپچە ۋە پارسچە سۆزلەر»، «قازاق ۋە ئۇيغۇر ماقالتەمسىللىرىنىڭ مەنا ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى پىكىرلەر»، «تۈركى تىللىقخەلقلەر ۋە باشقا خەلقلەر ماقال تەمسللىرىدىكى تەپەككۇر ئوخشاشلىغى» قاتارلىق15دىن ئارتۇق تېمىلاردا لېكسىيە ئوقۇپ، يىغىن توپلاملىرىدا ماقالىلەرنى ئىلانقىلغان. 2008-يىلى ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا ئىشقاچۈشكەن.
2010-يىلى جۇڭگۇ مائارىپمىنىستىرلىگى شىنجاڭ تەتقىقات تېمىسىدىن تەتقىقات تۈرى ئالغان. 2011-يىلىدىن2012-يىلى 7-ئايغىچە بىيجىڭ ئۇنىۋېرستىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا «شىنجاڭدىكىئازسانلىق مىللەت تەتقىقاتچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيلەش تۈرى» بويىچە تەربىيلەنگەنھەمدە  زىيارەتچى تەتقىقاتچى سۈپىتىدەتەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى مەخسۇس ژۇرنىلى «ئۇيغۇر قازاقماقال تەمسىللرىنىڭ ئورتاقلغى ھەققىدە » دېگەن ماقالىسىنى ئىلان قىلغان.


*بىرلىك كارخاناسىتىراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى،ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەييارلىدى
*


ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش                                 
*
*.تاھىر ئىمىن (ئۆز تۈرك شركىتى ،بىرلىك كارخانا ستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن)                                                                           
                                                                                    
ۋەتەن يەنى ئانا تۇپراق ،خەلق يەنى بىز بىلىدىغان،سۆيىدىغان ئنسانلار ھەققىدىكى تۇيغۇلار ئنسانلىقىمىزغا پۈتۈلگەن مەڭگۈلۈكقسمەتلەردىن .بىز بۇ تۇپراق  ۋە شۇئنسانلار تۇيغۇسىدىن مۇستەسنا ئنسانلىقىمىزنى قانائەتلىك بىلمەيمىز.ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۆز تۇپراقلىرىمىز-ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى ۋە ئۆزگە تۇپراقلاردا –چەتئەللەردە توپلىشپ ياشاۋاتقان بىرمەۋجۇتلۇق شەكلىدە.ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش-ئۇيغۇرلارنىچۇشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى،ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش-ئۆزىمىزنى شەخس ھالىتىدە چۇشىنشتەھالقىپ كىتەلمەيدىغان ئنسانلىقىمىزنىڭ بىر پارچىسى.تۇمەنلىگەن قىرىنداشلار تارىخنىڭ تۇرلۇكباسقۇچلىرىدا ياخشراق پۇرسەتلەرنى ئىزلەپ ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان.ۋەھالەنكىئۇلار شۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ پارچسىدىندۇركى،شۇ ئۇيغۇرلار ئۆملۇك مۇھىتتىنئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدىغان،ھاياتنىڭ ئىجتىمائى قسمىنى قىزغىن سۆيىدىغان  ئنسان تۇركۇملىرىدىن.  بىز ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلەن ئوخشاش تىلداسۆزلەيدىغان، مۇيەسسەرلىك ۋە مەھرۇملۇقتا ئورتاقلىشىدىغان، كۇلكىمىزدە ،يىغىمىزدابىز بىلەن بىرگە بولىدىغان مۇشۇ خەلقنى سۆيىمىز، ھاياتىمىز مۇشۇ خەلق بىلەنقايناق، مۇشۇ خەلق بىلەن  مەنىدار.بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ دىيار سوغۇق بەلباغرايونلىرىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن قانچىلىك قۇرغاق، ئسسىق بىلىنسۇن،قىنىمىز تۆكۇلگەن بۇزىمىن بىز ئۇچۇن يەنىلا ئەڭ سۆيۇملۇك تۇپراقتۇر،بۇ يەردە بىز تۇگىتىپبولالمايدىغان نۇرغۇن ھىكايىلەر بار.ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ تۇپراقلاردىن ۋاز كېچىپ،ئاتا-ئانا ،قەۋم-قىرىنداشلاردىن،ھەر بىر ئۇچۇم تۇپراق،ھەر بىر يۇتۇم سۇلىرىدىنكۆزىنى يۇمۇپ چىداپ تۇرۇپ ئايرىلغان سانسز قىرىنداشلىرىمىز ،ئۇلار چوقۇم ئۆزى ياكىئۆز تەۋە بولغان مۇشۇ خەلقكە تېخىمۇ ياخشى بولغان پۇرسەتلەرنى ئىزلەپ ماڭدى.  ئۇلارنىڭۋەتەن سرتىدىكى ئەھۋالىىنى چۇشىنىشنى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلىمىز.پەمىمچەكۆپچىلىك تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارغا ھىرىسمەن 1-ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردىكى ئۆزلۇكنى ساقلاش ۋەتەرەققىيات ئەھۋالى ئۇلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ئۇلار قاچاندىن بىرىمەۋجۇت؟ ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتتە قانداق شەكىلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بەرپاقىلالىدى؟ئۇلارنىڭ سوتسيال (ئىجتىمائى) ۋە كۈلتۈرەل ئورنى قانداق ؟ئۇلار ئۇيغۇرلۇقنىساقلاپ قىلىشنى تاللىدىمۇ ياكى ۋاز كىچىشنىمۇ؟ ساقلاشنى تاللىغان بولسا بۇنىڭئۇچۇن قانداق تەدبىر قوللاندى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا يەتكۇزۇش ئۈچۈن نىمەقىلدى؟ئۇلار قانداق مۇنتىزىم ئاپپارات بەرپا قىلالىدى قاتارلىقلار.2-ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دۆلەت ۋە خەلق بىلەن ئالاقەئەھۋالى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقانسياسىيتى قانداق؟ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن ئالاقە ئۇسۇلىدا قانداقئالاھىدىلىك ياكى كەمچىللىكلەر مەۋجۇت؟ 3-ئۇيغۇرلارچەتئەلدە ۋەتەن ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناۋاتامدۇ ياكى پاسسىپ رولمۇ؟ مۇھاجىرئۇيغۇرلار شۇ دۆلەت خەلقلىرىگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانچىلىكتونۇشتۇردى؟مەدەنىيەت ۋە ئنسانپەرۋەرلىككە ئوخشاش يۇمشاق ساھەلەردە پاسسىپئورۇندىمۇ ياكى قانداق؟جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتى شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرمۇھاجىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت،ئېقتساد ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق ئاكتىپسياسەتلەرنى قوللاندى ۋە مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ئوخشىغان ئامىللاردىن ئۆزىئۇچۇن ئاكتىپ پايدىلىنىشقا قانچىلىك تىرىشتى؟ئەلۋەتتە،مۇساپىر بولغۇچى نۇرغۇنئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۇرگەن بولىدۇ.دەردى ۋە ئازاپلىرى بولىدۇ.ئۇلاردىننىمىنى كۇتسەك توغرا نىمىنى كۇتمەيمىز دىگەنلەر ئەقىل ئىگىلىرىدە بولۇشقا تىگىشلىكقاراش بولۇشى كىرەك. يۇقىرىقىلار ھەققىدە كۆپ قېسم ئۇيغۇرلىرىمىزچۇشىنىشكە قىزىزىقىدۇ.ئەمما شۇ كۆپ قىسم ئۇيغۇرلىرىمىز پاسپورت مەسىلىسى،ئېقتسادمەسىلىسى ۋە باشقا مەسللەر تۇپەيلىدىن بىۋاستە بىرىپ كۆرۇش،چۇشىنىش ياكى مۇشۇساھەنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چۇشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.ۋەتەن ئۇيغۇرلىرىداجاھان ئۇيغۇرلىرىنى بىلمەسلىك،سرتتىكى ئۇيغۇرلاردا يالغۇزسراش بارغانسرىئىغىرلىشىدۇ.مۇھىمى بىلىش ۋە ئالاقە ئۇزۇلگەنسرى ئوتتۇرىدىكى تۇيغۇ بىرلىكىيىراقلىشىدۇ.ۋەتەن سرتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى‹‹ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان چەتئەللىك ››سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى بۇنىڭدەللىلىىرىدىن.تۇيغۇنىڭ يىراقلىششى-ئارىمىزنى بۆلىدۇ. ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەسلىك مەسئۇلىيتى ۋەھالەنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسمئۇيغۇر مەمۇرلار ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە قانۇنى ۋەمۇۋاپىق يوسۇندا ئۇچۇر بېرشتىن ھامان ئۆزىنى قاچۇردى.ئۇلار ئومۇمى ئۇيغۇرمەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر قسمى تۇرۇقلۇق خۇددى مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىندى.ھەتتاجۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقراسى سۇپىتىدە مەۋجۇت ئۇيغۇرلارمۇ شنجاڭ تىلىۋىزىيەئستانسسى،شنجاڭ گېزىتى,رادىئو،ژۇرناللار ۋە باشقا تاراتقۇلارداتىلغا ئىلىنمىدى ياكى كەمدىن كەم تىلغا ئىلىندى.مەسلەن:چەتئەللەردە ياشاۋاتقانئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ھەققىدىكى ئىزلىنىشلىرى ئالى مەكتەپدەرسلىكىدە يوق،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا قازاقستان ئۇيغۇريازغۇچى-شائىرلىرى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرلار يوق.ۋە ھالەنكى ئۇلارنىڭ نەتىجىسىئوتتۇرا ئاسيا خەلقلىرىدە كۆرۇنەرلىك. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش،كۆرەكلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار يوق،چەتئەلئۇيغۇرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھەققىدە ئۇچۇريوق،ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۇچۇن چەككەن رىيازەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.شۇنداقلائەرزىمەس ئشلار ئۇچۇن ۋەتەنگە قايتالمايدىغان ،بىر ئۆمۇر مۇساپىر،بىر ئۆمۇر غېرىپئۆتمەكچى بولغان قىرىنداشلار ئۇچۇن ئىككى ئىغىز لىللا سۆزلەش مەسئۇلىيتى ھەمۋەتەندىكى مەمۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە توپلىشپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ سرتىدا ھەم ئۇزاق تارىختا ئىگىدارچىلىق قىلغان ھەم گۇللەتكەنزىمىنلىرى بولغان،ھازىر ھەم شۇ جايلاردا ئۇيغۇر نوپۇسى مەۋجۇت .شۇلاردىن بىرىقازاقستاندۇر.قازاقستان ئۇيغۇرلىرى ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغانرايوندۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقستاندىكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشئەھۋالىنى ئىلمى تەتقىقات نۇقتسىدىن چۇشىنىش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىنىڭ 4-سانلېكسيەسى تەييارلاندى.

51

تېما

1

دوست

1606

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15277
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 21:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمكان بولسا قاتىنىشىپ باقساق بولغۇدەك!رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

19

تېما

2

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 21:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ساننىڭ سىننى كۆرمىدۇققۇ؟؟

3

تېما

3

دوست

1197

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9457
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 98
تۆھپە : 295
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 22:00:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

3

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6201
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 23:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز توردىن كورۇشكە مۇيەسسەر بولالارمىزمۇ؟

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 00:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم-ياتا

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 00:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگەن ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 00:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگەن ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )