بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-16 18:20
ياغلىقتىن توغۇلغان ئويلار...
تارىخ ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئېقىنىدىن ئىبارەت» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). مەن تارىخچى ئەمەس، ئەمما تارىخقا قىزىقىمەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇزاق زامانلاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، قان-تەرى سىڭگەن تۈرلۈك سىناق، بوران-چاپقۇنلاردە تاۋلىنىپ، ئامان-ئېسەن ھالدا بۈگۈنكى دەۋرگىچە يېتىپ كەلگەن، جەزبىدارلىقى، خىسلەتلىكلىكى، ئۇلۇغلۇقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ تۇتىيا بىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان، ئىپتىدائىي دەۋرلەردە مۆجىزە كەبى روياپقا چىقىپ زامانىۋىلىققا تولغان دەۋردە يەنىلا ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىۋاتقان سەرخىل مەدەنىيەتلىرىمىز مېنى چۇڭقۇر خىياللار قاينىمىغا چۆمدۈرىدۇ. بەزىلىرىنىڭ مېنى سۆيۈندۈرگەن مەدەنىيەتلىرىمىز ھەققىدە ئېيتقان غەشلىك پاراڭلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا گاھ تەپەككۇر دۇلدۇللىرىم قاناتلىنىپ تارىخقا قايتقاندەك بولىمەن. گاھ بەزىلەرگە مەدەنىيەت ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە دەرس ئۆتكۈم كېلىدۇ.
يېقىندا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدىم. بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇندىكى مەسئۇل خادىم يىغىلىشقا قاتناشقانلارنى تونۇشتۇرغاندا بەزىلەر ماڭا ئەجەبلىنەرلىك نەزەر بىلەن قاراۋاتقانلىقىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالغانىدىم. يىغىلىشنىڭ ئارىلىقىدا بەزى ئاياللار ماڭا ئۇدۇللا: «بىز سىزنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىلگىرى سىزنى بىرەر دېھقان ئايال ھەۋەسكار ئوخشايدۇ، دەپ قاپتىمىز. بىز سىزنى بۇنداق ئاددى-ساددا كىيىنىدۇ، سەھرانىڭ ئېتىزلىرىدا ئىشلەيدىغان دېھقان قىزلىرىدەك ياغلىق ئارتىدۇ، دەپ ئويلاپ باقماپتىمىز. ھازىرقىدەك گۈزەللىك قوغلىشىدىغان دەۋردە سىزدەك بىر قەلەمكەشنىڭ ياغلىق ئارتىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ» دېيىشتى. يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىز-ئاياللار بولۇپ، بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغىنى پەقەت مەن ئىكەنمەن.
بۇنداق گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقىنىم يوق. بىر ۋاقىتتا بىرەيلەن مېنى «سىزمۇ بىر نەرسە يازىدىغان قەلەمكەشمۇ؟ سىزنى تۇرقىڭىزغا قاراپ ھېچ كىشى قەلەمكەش، ئوقۇتقۇچى دېمەيدۇ» دېگەنىدى. «نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ كىشى: «ھازىر زىيالىيلار تۈگۈل ئادەتتىكى قىز-ئاياللارمۇ ياغلىق ئارتمايۋاتسا، سىزنىڭ ياغلىقىڭىزغا قاراپ شۇنداق گۇمانغا كەلمەمدۇ كىشى. ياغلىق دېگەننى سەھرادىكى چوڭ ئاياللار ئارتىدۇ. سەھرادىكى ياش قىز-چوكانلارمۇ زامانىۋىيلىشىۋاتىدۇ. ئەمما، سىز بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەنسىز» دېگەنىدى. مەن ئۇلارنىڭ نەزەرىدە توپا-تۇمانغا مىلىنىپ ئېتىزدا ئىشلەيدىغان دېھقان قىزى، زامانىۋىي دەۋردىكى مەدەنىيەتتىن خالىي «مەدەنىيەتسىز» گە ئوخشاپ قالغان بولسام كېرەك. ئۇلارنىڭ مېنى ئۇنداق ئوخشىتىشلىرىنى كۆڭلۈمگە ئېلىپ كەتمەيمەن. چۈنكى، مەن بىر سەھرا قىزى. ئاتا-ئانام دېھقان. مەنمۇ پات-پات دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ تۇرىمەن. مېنىڭ قېنىمدا ئېقىۋاتقىنى ھالال نىيەتلىك، مېھنەتكەش دېھقاننىڭ قېنى. ھېلىھەممۇ بولۇق ئۆسكەن مايسىلارنى، ئالتۇندەك باشاقلارنى، قىش كۈنلىرى ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن ئېتىزلارنى ھەپتىدە بىر كۆرمىسەم كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ. تەپەككۇرلىرىم تورمۇزلىنىپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار مېنى دېھقانغا ئوخشاتسا قانداقمۇ ئاچچىقىم كەلسۇن؟ ئۇلارنى مېنىڭدەك بىر دېھقان قىزىنى بايقىۋالغانلىقىدىن كۆڭلۈم سۆيۈنسىمۇ، دېھقان قىز-ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى زامانىۋىلىققا قارشى، مەدەنىيەت يۇقمىغان دېگەنلىرىگە ئاچچىقىم كەلدى. مەن يەنە بەزىلەرنىڭ مېنىڭ بېشىمدىكى ياغلىقنى كۆرۈپ؛ «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان، مەدەنيەت يۇقمىغان ئادەمدەك ياغلىق ئارتىۋالغىنىڭىز نېمىسى؟ سىزمۇ ياغلىقنى ئېلىۋېتىپ، چاچلىرىڭىزنى بۈدرە قىلىپ يۈرمەمسىز؟ بۇنداق ياغلىق ئارتىۋالسىڭىز سىزنى كىممۇ ئوقۇتقۇچى دەيدۇ؟ قاچانغىچە شەھەرنىڭ ئۇپىسىنى يۇقتۇرماي، سەرانىڭ توپىسى بىلەن يۈرىسىز؟ دەپ ئەيىبلىشىگە كۆپ ئۇچرىغانمەن. مانىڭ كاللامدا «ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئارتىپ كەلگەن ياغلىق، بۈگۈنكى كۈندە زىيالىيلارنىڭ نەزەرىدە مەدەنىيەتسىز دېھقانلارنىڭ باش كىيىمىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ دېھقان قىز-ئاياللار ياغلىق ئارتسا مەدەنىيەتسىز بولۇپ، ياغلىقنى تاشلىۋەتسە مەدەنىيەتلىك بولامدىكەن؟ ئۇنداقتا مەدەنىيەتلىكلەرنى مەدەنىيەتسىزلەر بېقىۋېتىپتۇ-دە». قايسى بىر دانا «دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ» دېگەنىكەن. بۇنىڭ ھەقىقەتلىكى بۈگۈنكى كۈندە ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق ئىسپاتلىنىدۇ. دېھقانلارنىڭ كۆڭلى ئەڭ ساپ. شۇڭلاشقا ئۇلاردا غەيرىي مەدەنىيەت، غەيرىي ئادەتلەرگە قارشى تۇرۇش روھى كۈچلۈك. ئۇلار ئەجدادلاردىن قالغان ئۇدۇمنى قوغداشنى مۇقەددەس بىلىدۇ. تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ ھەقىقەتلىكى ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى ئۇلار غەيرىي ئىدىيە، غەيرىي ئادەتلەر تۈپەيلىدىن چۆرىۋېتىشنى نومۇسسىزلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئاڭسىزلىق دەپ قارايدۇ. ئۇلار ساپ مەدەنىيەتنى ئەبجەش قىلىشقا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى. شۇڭا، ئۇلار غەيرىي كىيىنگەن، غەيرىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنى كۆرسە «توۋا» ئېيتىپ ياقىسىنى تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ «توۋا» ئېيتىپ ياقىسىنى تۇتۇشى ئۇلاردا بەلگىلىك نومۇس تۇيغۇسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا شايى، ھېلىلە، يىپەك ياغلىق ئارتقان، ياغلىق ئارقىلىق ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىزنى قانداقمۇ مەدەنىيەتسىز دېگىلى بولسۇن؟ ياغلىق ئارتىش مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ، خۇراپاتلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارالسا، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان «ھۈسەيىنىيە» مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىچىدىكى تۇنجى ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى راھىلە خانىم ياغلىقنى بېشىدىن چۆرۈۋەتمەسمىدى؟ خەلق ئۇسۇللىرىنى ئوينىغۇچىلار سەھنىگە ياغلىق ئارتىپ چىقىشتىن باش تارتماسمىدى؟
ياغلىق بىر قارىسا شۇنداق ئاددىي نەرسە. ئۇ پەقەت بىر باش كىيىمدىنلا ئىبارەت. ئەمما، ياغلىق-ئۇ گۈزەللىك ئەلچىسى. نۇرغۇن قىز-چوكانلىرىمىز رەڭگارەڭ ياغلىقلارنى ئارتىۋالسا، تېخىمۇ جەلپكارلىشىدۇ. نۇرغۇن ئەيىبلەرنى ياغلىق بېسىپ، ئۇلارنى جەزبىدار قىلىدۇ. ياغلىق ئارقىلىق باشقا نەرسىلەردىن تاپالمىغان گۈزەللىكنى تېپىپ گۈزەللىك ئىستىكىنى قاندۇرىدۇ. ھەتتا ياۋروپانىڭ مودا كىيىم ھەپتىلىكلىرىدە بەزى مودىللارنىڭ كىيىمىگە ماسلاشقان ياغلىق، شارپىلارنى بېشىغا ئارتىپ، مۈرە يېپىنچا قىلىپ، سەھنىگە چىقىۋاتقانلىقىنى پات-پات ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
ياغلىققا قىز-ئاياللارنىڭ شەرمى-ھايالىقى، ئار-نومۇسى، ئەقىدىسى، پاكلىقى سىڭگەن. بۇ گەپ بولۇنسا بەزىلەر ياغلىق ئارتمىغان قىز-ئاياللار بۇزۇقمىكەن؟ ياغلىق ئارتىۋېلىپ ھەر نومۇسسىزلىقلارنى قىلىۋاتقان قىز-ئاياللارمۇ بارغۇ؟ نومۇس ياغلىقتىمۇ ياكى روھتىمۇ؟ دېيىشى ئېنىق. مېنىڭچە، بۇ ھەرگىزمۇ بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان قىز-ئاياللارنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ياغلىق ئۇ بىر بويۇم، ئاتا-بوۋىلارنىڭ نەزىرىدە ياغلىق نومۇسچان، غورۇرلۇق، دىيانەتلىك قىز-ئاياللارنىڭ بېشىغا ئارتىشقا لايىق بولغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر ھېسابلانغان. ياغلىق قىز-ئاياللارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىدە قانداق خىسلەت ۋە ھېكمەتلەرنى ھازىرلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەخلاق ئەينىكىدۇر. قىز-ئاياللار بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغانىكەن ياغلىققا تۇشلۇق ئىش-ھەرىكەت، ياغلىققا لايىق روھىي دۇنيا يېتىلدۈرىشى كېرەك. ياغلىق ئارتىپ تۇرۇپ ياغلىققا داغ كەلتۈرگەن قىز-ئاياللار ياغلىق ئارتىشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلاردۇر. ياغلىق كۆرگەنلا ئادەم ئارتسا بولۇۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس. رۇس ئاياللىرىمۇ ياغلىق ئارتىدۇ. شىمالىي ياۋروپادىكى ئاياللارمۇ ياغلىق ئارتىدۇ. ئەمما، بىزنىڭ ياغلىق ئارتىش ئېڭىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياغلىققا سىڭگەن ئەقىل-پاراسىتى، قان-تەرى، روھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ياغلىقنىڭ ئاياللارنى سوغۇقتىن ساقلاپ، چاچلىرىنى توپا-تۇماندىن خالىي قىلىدىغانلىقى راست. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قىرقى توشقىچە ياغلىقنى مەھكەم چىگىشى، ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىغاندا ياغلىقنى مەھكەم چىگىۋالسا ئۈنۈمى بولىدىغانلىقى، ياغلىقنىڭ تېبابەتتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە كېرەك.
باشتا ئېيتقاندەك مەن تارىخچى ئەمەس. ياغلىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە قانداق خىسلەتلىرى بارلىقىنى تولۇق تەتقىق قىلدىم دېيەلمەيمەن. ئەمما كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىم، ھېس قىلغانلىرىمغا قارىغاندا ياغلىق ئۇنداق ئاددىي نەرسە ئەمەس.
«ئۇزاق تارىخنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىگەن مەدەنىيەت پىشىپ يېتىلمىگەن مەدەنىيەتتۇر. ئۇزاق تارىخ ئېسىل مەدەنىيەت قاتلىمىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). ياغلىق-ئۇ بىر مەدەنىيەت بويۇمى. ئۇنىڭ بىر يولى، گۈلىدە تارىخنىڭ ئىزناسى بار، ياغلىق بەزىلەر ئۈچۈن باش كىيىمى ھېسابلانسا، بەزىلەر ئۈچۈن ئەسكى-تۈسكى كىيىملەرنى جىمىقتۇرىدىغان بوخچا، خالاس. بىر مەدەنىيەت خادىمى ئۈچۈن تەتقىقات بازىسى، كىتاب يازىدىغان خۇرۇچ، بايلىق قازىدىغان كاندۇر. بىر سەنئەتچى ئۈچۈن بولسا ئۇ مىللىيلىك پۇرىقىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەللىك تاجىسىدۇر.
بەزىلەر ياغلىق ئادەمنىڭ سالاھىيىتىگە تاقىلىدىكەن، نۇرغۇن ئىشتا ئادەمنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىكەن، تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرىدىكەن دېيىشى مۇمكىن. ئۆزۈمنى ئېيتسام، مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، مەيلى ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان دىياردا بولسۇن بىرەر ئىدارىگە بىرسىنى ئىزدەپ بارسام بېشىمغا قاراپلا قوغداش خادىمىنىڭ ماڭا سوغۇق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇردۇم. بۇ ياغلىقنىڭ گۇناھى ئەمەس. شۇ كىشىلەرنىڭ ياغلىققا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىدۇر. ياغلىق بىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دېگەن گەپكە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. بىنگالنىڭ باش مىنسىتىرى خالىدە زىياغىمۇ ياغلىق تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەپتىكەنغۇ.
بىز ياغلىق ھەققىدە تۇترۇقسىز پاراڭلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا بۇزرۇكۋار مومىلارنى ياغلىقسىز، سارغۇچسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. داڭلىق ئۇسسۇل پىشۋاسى قەمبەرخانىممۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەھنىلەردە ئۆز ئۇسسۇلىدا ئۇيغۇر ياغلىقىنىڭ نەپىسلىكىنى باشقىلارغا تونۇتقانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز.
ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مىللىي مەدەنىيەتلەر يات مەدەنىيەتلەرنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىماقتا. ياغلىقنىڭ بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشى ھەرگىزمۇ ياغلىقنىڭ زامانىۋىي دەۋردە ئۆز قىمىتىنى، گۈزەللىكىنى، خاسىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. بۇ ئۆزلۈكىنى يوقاتقان كىشىلەر پەيدا قىلغان كرىزىستۇر. بىزدە «بىر خار بولغان بىر ئەزىز بولۇر» دەيدىغان گەپ بار. ياغلىقنى تاشلىۋەتكەنلەر چوقۇم ئۇنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى تونۇپ، قىلغان-ئەتكەنلىرىگە توۋا قىلىدۇ. ياغلىق شۇ چاغدا ئەتىۋارلىنىدۇ.
مەن ياغلىقنى سۆيىمەن. ياغلىققا بولغان ئەقىدەم چۇڭقۇر. ياغلىقنى ئېلىۋەتسەم خۇددى يالىڭاچ كوچىغا چىقىپ ئۇياتقا قالغان ئادەمدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. ياغلىق ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مېنى گۇناھلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ماڭا نوزۇگۇم، ئاماننىسا روھىنى ئەسكەرتىدۇ. ھەر كىمنىڭ نېمىنى تاللىشى ئۆزىگە باغلىق. ئەمما، باشقىلارنىڭ چاك باسماس گەپلەرنى قىلىپ، ياغلىقنى كەمسىتىشىگە، ئۇنى سۇندۇرۇشىغا، مېنىڭ غورۇرۇم چىدىمايدۇ. بۇنىڭغا مېنىڭلا ئەمەس، ھەر قانداق غورۇرلۇق قىز-چوكانلارنىڭ غورۇرى چىدىمايدۇ. شۇنداقمۇ سۆيۈملۈك قىز-چوكانلار!؟
«قەشقەر» ژۇرنىلى، 2007 ، 3 –سان.
پاك دىن ئىسلام تورى . ئىخۋەن بىز ئىسلام تورى :مەنبە
|