- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3061
- نادىر
- 0
- يازما
- 376
ئۆسۈش
  44.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslan428 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 20:37
kungun يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 00:06 
قاراڭلار قېرىنداشلار! ئەجەپ چەتئەللىك ‹‹ يۇلتۇز ئوس ...
گىپىڭىز توغرا، لىكىن بۇ يەردە 1200 قىممەت دىگۇچىلەرمۇ ئۇنداق يۇلتۇز، كىيىم-كېچەككە پۇل بۇزىدىغان ئىنسانلار ئەمەس. ئۇنداقلار مۇنبەردە كەم ئۇچرايدۇ.
1200 لىكىن بەكلا قىممەت. سەنئەتتىن ھۇزۇرلانغىلى بۇلىدۇ، لىكىن بۇ مۇھاكىمە، كەسىپ ئەھلى ھۇزۇرلىنىدۇ، كۆپ قىسىم ئامما 1200 گە چۈشلۇق نەپ ئالالىشى ناتايىن.
ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلاشقا 20 يۈئەن، ئالدىدا ئولتۇرۇپ پىكىر قاتناشتۇرۇشقا قولايلىق يەردە 50-100 دىسىمۇ بىر گەپ، كىشىلەر ئۆزىنى بىلىپ تاللاپ ئالالايتى.
مەن شەخسەن 200 بولسمۇ بارمايمەن. بىرىنچى قىممەت، ئىككىنچى مەن ئائىلىدە ئەر باش، ئايال يانداش بۇلۇپ ئۆينىڭ ئېغىرىنى ئايال، تالانىڭ ئىشىنى ئەر قىلىش. ، ئەنئەنە بىلەن، بالا-تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىش، يات تىلدا سۆزلىمەسلىك ،پۇلنى تەربىيەگە ، كىتابقا ، بالىلارغا سەرپ قىلىش..... دىگەندەك ئائىلە مەدەنىيىتىنى بىلىمەن دەپ قارايمەن. ئابىستىراكىتلاشتۇرۇپ يىزىلغان ماقالىلەرنىڭ ماڭا بىۋاستە ئۇنچىلا 1200 گە ئەرزىگىدەك قىممىتى تىگىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئۈچىنچى، مىنىڭ بىر كۈنلۇك مائاشىم 200 يۈئەن گە بارمايدۇ. نەچچە كۈن ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن شۇ پۇلغا 3 تال كىتاب ئېلىپ ئۇقىساممۇ كۆپرەك پايدىسى بار دەپ قارايمەن، چۈنكى ئائىلە بۇيىچە ئۇقۇيالايمىز.
دەڭسەپ كۆرسەم يەنىلا كىتاب ياخشىكەن. تىللىساڭلارمۇ مەيلى. مىنىڭمۇ مەقسىتىم ئوخشاش، ئۆزەمنى ، ئائىلەمنى تەربىيلەش. بىرقانچە ئۇسۇللار ئىچىدىن ئەرزان، ھۇزۇرلۇق، ئۈنۈمى قېلىشمايدىغاننى تاللىدىم دەپ قارايمەن.
|
|