- تىزىملاتقان
- 2012-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 797
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
99.25%
|
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىدارىسى 11-چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەننىڭ يادرو قورالى جەھەتتىكى ئىلگىرلىشى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى باھادىن كۆپ خەتەرلىك بولۇپ، چاۋشيەن ئېھتىمال يادرو ئوق بېشىنى تىرايىكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بېشىغا ئورنىتىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا بىنائەن، ئاقساراي باياناتچىسى كانى رەددىيە بېرىپ:‹‹چاۋشيەننىڭ يادرو بومبىسىنى ئورۇنلاشتۇرغۇدەك كۈچى يوق›› دېدى.
چاۋشيەننىڭ زادى مۇشۇنداق ئىتىدارى بارمۇ-يوق، ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى جامىس كراب سۆزلەپ:‹‹بىز چوقۇم ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، چاۋشيەن دۇنيا بويىچە ئاخبارات يىغىش ئەڭ قېيىن دۆلەتلەرنىڭ بىرى.... بىز كىم جۇڭئۇننىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز›› دېگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى قوللاپ، غەربنىڭ جاسۇسلىرى چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىدە ھېچقانداق ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدۇ دېدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى برۇس لىدېر بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىپادە بىلدۈرۈپ:‹‹جاسۇسلار چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرەلمەيدۇ›› دېگەن. بۇنىڭدىن باشقا، چاۋشيەندە ئېنتىرنىت تورى بولمىغاچقا، ھەتتا يان تېلېفوننىڭ سانىمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولغاچقا، ئامېرىكا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرۇلۇقچە ئاڭلىيالمايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى پەقەتلا سۈنئىي ھەمراھ اقاتارلىق ئەسلىھەلەر ئارقىلىق چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىدە ئاخبارات يىغىدۇ، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، جورجى شەھەرچىسى ئۇنىۋېرسىتىتى بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ پېروفېسسورى ماسۋېل:‹‹بىز سۈنئىي ھەمراھ ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يىغالايمىز، ئەمما ئەڭ ھالقىلىق مەقسىتىگە ئېرىشمەك قېيىن. بىز چاۋشيەننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى قارار چىقىرىش ۋە ئىلغار ئەسلىھەلىرىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز›› دېگەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇكى، چاۋشيەن غەربنىڭ جاسۇسلىرىنى قايمۇقتۇرۇشقا بەك ماھىر بولۇپ، 1999-يىلى، ئامېرىكا ئەمەلدارى چاۋشيەننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى تەرەققىياتىنى قىياس قىلىش ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەتلىك، جاپالىق سۆھبەت ئارقىلىق تەكشۈرۈش سالاھىيىىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما بارغاندىن كېيىن بولسا بۇنىڭ پەقەت بىر ئازگال ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇلار:‹‹بىزنىڭ كۆرگىنىمىز، دەل ئۇلارنىڭ بىزگە كۆرسەتمەكچى بولغىنى، ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارنى نازارەت قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلىدۇ›› دېگەن. |
|