قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilgejan

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

538

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8175
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 116
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 22:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
نارات ئەپەندىم ياخشىمۇسىز،مىنىڭ بىر سىڭلىممۇ مۇشۇنداقراق بىر كىسەلگە گىرىپتار بوپتىكەن،ئۇ كىسەلنى خەنزۇچە 癔病دەيدىكەن،بۇ كىسەلمۇ تۇتقاقلىق كىسىلىنىڭ كاتۇگىرىيىسىگە كىرەمدىغاندۇ،ئۇيغۇرچە ھىستىريە كىسىلى دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر نەرسە دەيدىكەن،مۇمكىن بولسا گەنسۇدىكى شۇ دۇختۇرخانا ۋە شۇ دۇختۇرنىڭ ئىسمىنى قالدۇرغان بولسىڭىز،ئاتا- ئانىسى جىق داۋالىتىپ كەتتى ھېچ پايدىسى بولغاندەك ئەمەس.مۇمكىن بولسا تەپسىلى ئادرېسىنى ئېيتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 00:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 17:18
بۇ خىل كېسەللىكنى تۇتقاقلىق دەپ كېسىپ ئېيتىشقىمۇ بولم ...

بەرگەن تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. مەن بۇ كېسەلنى دوختۇرخانىدا تولۇق تەكشۈرتۈپ توغرا دىئاگنوز قويغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدىم، بۇ كېسەلنىڭ ئالامىتىدىن تۇتقاقلىققا ئوخشايدىغانلىغىنى ھەم ئەگەر شۇ بولسا قايسى تۈردىكى تۇتقاقلىققا تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتتىم. كېسەلنى كۆرمەي، تەكشۈرمەي تۇرۇپ كېسىپ ئېيتىشقا جۈرئەت قىلغىنىم يوق.  

يىمەكلىك بىلەن داۋالاشتا سىز دىگەن دورىلار مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە ئىكەن، بۇ كېسەلنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم ھەم بۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ناتايىن. كىتونلۇق يىمەكلىلەرنىڭ بۇ كېسەلنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئونلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلگەن. سىز دىگەندەك ھەسەل ۋە باشقا تاتلىق يىمەكلىكلەر ئەسلى بۇنداق كېسەللەر ساقلىنىشقا تىگىشلىك بولۇشى كىرەك ئىدى.

سىز دىگەن ئوكۇلمۇ مېڭە مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ مېڭە پائالىيىتىنى ياخشىلايدىغان ئوكۇل ئىكەن. بۇ ئوكۇلنىڭ بۇ خىل كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغانلىغى توغرۇلۇق مەن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەنچە يەنىلا كېسەلگە ئېنىق دئىاگنوز قويۇپ ئاندىن داۋالىغان تۈزۈك.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

538

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8175
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 116
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 10:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan  مۇشۇ癔病 دىگەنمۇ تۇتقاقلىققا كىرەمدۇ؟بۇنى داۋالاپ ساقايتقىلى بۇلامدۇ؟

4

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 1884
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 10:52:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 00:48
بەرگەن تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. مەن بۇ كېسەلنى دوختۇرخان ...

مەن سىزنىڭ گېپىڭىزگە رەددىيە بەرمەكچى ئەمەسمەن . لېكىن مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى دەۋاتىمەن . ئوغلۇم سەككىز ئايلىق بولغاندا قىزىپ كېتىپ دائىم تارتىشىپ قېلىپ ئاخىرىدا مېڭە پاراللىچ بولۇپ قالدى . شەھرىمىزدىكى دوختۇرلارغا ئاپارسام كالتىسىي كەملىك دەپ دىئاگنوز قويدى . دوختۇرلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىۋەرگەنكىن دوختۇرلار بىلەنمۇ تونۇش بولۇپ كەتتۇق . كورلا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمى باش مۇدىرى كېسىپلا تۇتقاقلىق دەپ دىئاگنوز قويدى . مەن ئۇنىڭ گېپىگە قەتئىي ئىشەنمىدىم . ئاپتونۇم رايونلۇق ئىككىنجى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۈم ، ئۇلار مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى ئەمەس . دەپلا دىئاگنوز قويالىدى . ئۇزاق يىللىق داۋالاش جەريانىنى باستىم ...
مەن يوقارقى ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان دورىنى ئۈزلۈكسىز بەردىم . 脑苷肌肽 دىگەن ئوكۇلنى بىر يىل كاسسىدىن ئوكۇل قىپ ئۇردۇق . نەچچە يىل بولدى تارتىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى . ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى . ئىشتىھاسىمۇ بەك ياخشى . مېڭە تەرەققىياتىمۇ ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . لېكىن ئۇنىڭدا ئېغىر دەرىجىدە كۆپ ھەركەت قىلىش (多动症 (كېسەللىكى بولغاچقا دىققىتىنى بىر يەرگە يىغالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن داۋالاش ئۈنىمىگە تەسىر يېتىۋاتىدۇ . ئۇندىن باشقا بۇ خىل كېسەللىكلەرگە ئالدى بىلەن مېيىپلىق كىنىشكىسىنى بېجىرىپ ، ئاندىن كېيىن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يىلدا 4000 يۈەنلىك ھەقسىز داۋالىنىشىدىن بەھىرلىنىۋاتىمىز . بۇ ئاساسلىق فىزىكىلىك داۋالاشنى كۆزدە تۇتىدۇ . يەنى قۇرۇق يىڭنە سانجىش ، ئۇۋىلاش ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ماھارىتى دىگەندەك ...
مېڭە پاراللىچ بالىلىرى بار قېرىنداشلارنىڭ بىرەر ئىشتا مەسلىھەت سورىماقچى بولسا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغۇم كېلىدۇ . مۇنبەردىكى شۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلارمۇ سورايدىغان ئىشلار بولسا سورىساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە .

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adam1 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 10:33
bilgejan  مۇشۇ癔病 دىگەنمۇ تۇتقاقلىققا كىرەمدۇ؟بۇنى داۋالاپ ...

ياق، ھېستىرىيە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىر خىل پىسخىك كېسەل دەپ قارىلىدۇ. ھېستىرىيە دەپ دىئاگنوز قويغاندا سىڭلىڭىزنى بىرەر پىسخكىلىق تەكشۈرۈشمۇ ئىلىپ بارغانمۇ؟ ھېستىرىيەنىڭ سەۋەبى تا ھازىرغىچە ئېىنىق ئەمەس بولۇپ، كۆپىنچە غەرب ئەللىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، دەپ قارالغان ۋە بۇ توغرۇلۇق جەمىئىيەتتىمۇ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىمۇ ئوخشىمىغا قاراشلار مەۋجۇت. بۇ كېسەل بۇرۇن پەقەت ئاياللاردىلا بولىدۇ دەپ قارالغان، لىكىن نۆۋەتتە ئەرلەرمۇ ھېسىترىيەگە گىرىپتار بولغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئېىتراپ قىلىنغان، لىكىن ئاياللاردا يۈز بىرىشىنىڭ نىسبىىتى ئەرلەردىن ئوخشىمىغان رايونلاردا 2-6 ھەسسە يۇقىرى.

گەپنى يىغسام، ئەگەر سىڭلىڭىز راستىنلا ھېستىرىيە دىگەن كېسەلگە توغرا دىئاگنوز قويۇلۇپ شۇنداق ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا، بۇ ئەمەليەتتە تۇتقاقلىققا قارىغاندا سەل يەڭگىلرەك كېسەل دىسە ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە پىسخىكىلىق داۋاالاش ئارقىلىق ياكى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدىكەن، ھېستىرىيە سەۋەبىدىن يوتىسى پالەچ بوپقالغان بىمارلار ئادەتتە تۇرمۇشتا مەلۇم ئېغىر ئازاپلىق كەچۈرمىشنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى ئېھتىماللىققا يىقىن دەپ قارالغان، ھەم ئۆز كاللىسىدا يوتىىسى ياكى بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر قسىمنى باشقا قىسملاردىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغانلىغى تۈپەيلى ئېىنق بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزىملار بىلەن شۇ قىسمىغا نىرۋانىڭ كونتىروللۇقى يوقىلىدىكەن. ھەم بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرغا ئاپىرىپ كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا ئوخشىمغان ئۇسۇللاردا داۋالاش ئىلپ بارسا ساقىيىپ كىتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا بۇ خىل كېسەلگە گېىرپتار بولغانلار ئاۋۋال پىسخكىلىق جەھەتتىن باشقىلارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پىسخىك دوختۇرنىڭ ياردىمى بىلەن كېسەل سەۋەبىنى ئۆزى تىپىپ چىقىپ شۇ تەسىر قىلغۇچى ئامىلغا قارىتا كاللىسىدا توغرا چۈشەنچە پەيدا بولسا ساقىيىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىماردا مەيۈسلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە مەيۈسلىنىش كېسەللىكلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سىېروتوننى، دوپامىن قاتارلىق كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان نىرۋا خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان دورىلار ، ياكى لىتىي تەركىبلىك دورىلار بىلەن داۋالىسىمۇ بولىدىكەن.

يەنە بەزى يىمەكلىلەر بۇنداق بىمارلار ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىلىۋىتىپتۇ.  بۇلار كۈندە ئەتىگەن كەچتە بىرە قوشۇقتىن ھەسەل ئىچىش، بىر ئىستاكان ئوسۇڭ (莴苣) سۇيىگە بىر قوشۇق قارىقات سۈيىنى قوشۇپ ئىچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دائىم ھەرىكەت قىلىش (مەسىلەن، يوگا) مۇ بۇنداق بىمارلا ئۈچۈن ناھايتى پايدىلىق ئىكەن.

مۇشۇلارنى سىناپ باققۇدەك بولسا سىناپ بىقىڭ. يەنە ئەسكەرتىدىغىنىم دىئاگنوز چوقۇم توغرا قويۇلغان بولسا ئاندىن مىنىڭ دىگەنلىرىم مەنپەئەت قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەممىنى ئاسان قىلسۇن.

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 10:52
مەن سىزنىڭ گېپىڭىزگە رەددىيە بەرمەكچى ئەمەسمەن . لېكى ...

قېرىندىشىم begir، ئەگەر سىز ئۆز تەجىرىبىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ دىگەنلىرىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىغىغا گۇۋاھ بولغان بولسىڭىز، مەن سىزگە ئىشىنىمەن ھەم سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز نۇرغۇن باشقا تۇتقاقلىققا گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. مەن پەقەت ھەر ھالدا كېسەلنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئىلىپ بارسا ياخشى بولامدىكىن دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك تەجىرىبىلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىزغا رەھمەت.

دىققەتنى يىغالماسلىق توغرىسىدا بىر دوختۇرنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرگەن ئېسىمدە، مەن ئۇلارنىمۇ سەل تۇرۇپ يوللاپ قوياي. مەن دەۋاتقان بىلەن سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ كېسىلى ئوخشاشمۇ ئەمەس بىر نىمە دىيەلمەيمەن، ئەمما ھەر ھالدا كۆرۈپ ئۆزىڭىز قاراپ بىقىپ بىر نىمە دەسىز.

23

تېما

19

دوست

5145

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 10:52
مەن سىزنىڭ گېپىڭىزگە رەددىيە بەرمەكچى ئەمەسمەن . لېكى ...

مانا تۆۋەندىكىسى مەن facebook دەيدىغان توردا كولۇمبىيە ئۇنۋىرىستىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوختۇر ئاكىمىزنىڭ دىققەتنى يىغالماسلىق كېسىلى توغرىسىدا بىرەيلەنگە بەرگەن مەسلىھەتى ئىكەن:

بىمارنىڭ سۇئالى:
man ... nahilik halik hukumitining maarip mupattix ixhanisida ixlayman.taxfulat apandim alladin ozliriga bahit tilax bilan birga man bu ketimki uqurim. arkilik uzliri arkilik uzliri ixliwatkan daxuning mahsus tibbi ilim fakultitidiki dunyawi dukturlarning wa kolombiya,wirginiyadiki danglik duhturlarning balilardiki jim turmaslik kesili hakkidiki dunya karixini anglap baksam dayman qunki 12yaxka kirgan bir oglum bar alla uyki bargandin baxka qaglarda katti jim turmaydu .jim turalmaslik kesili kaysi kisalning bixariti?jik izdandim kayil bulgidak jiwap tapalmay bak biaram bulup kiliwatiman manmu alladin tilap uglumning tabii panlarda dunyada birdinbir ang utkur birga mahir kupka kadir bala bulsikan dap oylisammu likin uglumning siniptiki bulupmu matimatika darsida dikkitini yigalmaydu ham sawakdaxlirining dikkitini buzidu bu kisalning mutlak tupki sawabi zdi nimidu?maniwi jahattin .rohi jahattin bir yardam birixlirini qin kalbimdin umut kiliman qunki balini muxundak intayin kiqik waktidila kutkiziwalmisak ata .kalgusida qong badal tulap kalarmanmu dap tula ansirayman ...
.....................
ahirda janabi alladin tanliriga salamatlik kunliriga tiniq amanlik tilap amin!

جاۋاپ خاراكتىرىدە ئوقۇپ بىقىش تەۋسىيە قىلىنغان مەزمۇنىڭ ئۇلىنىشى (ھەممىسى ئۇيغۇر كونا يىزىقىدا ئەمەسكەن، ئۆزىڭىز ئۇلانمىنى ئىچىپ تەپسىلىي ئوقۇپ باقارسىز):

http://saghlam-bolung.blogspot.c ... lmasliq-we-jim.html

http://zh.wikipedia.org/zh-cn/%E ... E%E5%8B%95%E7%97%87

پايدىسى تىگىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس، مەن بۇ بەتتىكى يازمىلارنى كونا يىزىقتا ئۇرۇپ ياكى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قوياي دىسەم ۋاقتىم سەل قىسراق بوپقالدى، بولسا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئوقۇپ باقارسىز. ئوغلۇڭىزنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلەيمەن.



0

تېما

0

دوست

538

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8175
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 116
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 12:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adam1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 12:09  

رەھمەت سىزگە،سىڭلىمغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىككىنچى دۇختۇرخانىدا ھەر خىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ھىستىرىيە(癔病 ) دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇپتىكەن.ئاداتتە ھەپتىدە بىر- ئىككى قېتىم ئايلىنىپ كىتىپ پۈتۈن بەدەنلىرى قېتىپ تارتىشىپ قالىدىكەن،لېكىن ئېغىزىدىن كۈپۈك چىقمايدىكەن،5- 10 مىنۇتلاردىن كىيىن ئەسلىگە كىلىدىكەن،ئۆزىنىڭ دىيىشىچە ئايلىنىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئۈزىگە مەلۇم بۇلىدىكەن.15 ياشقا كىرگەن،شۇ دۇختۇرخاندىدىن بەرگەن دۇرىلار،خۇتەندىكى داڭلىق تىۋىپلار بەرگەن دۇرىلارمۇ كار قىلمىغان ئوخشايدۇ،يېقىندا ئىككى كۈندە بىر تۇتىدىغان بوپ قاپتۇ.ھازىرچە يەنە تىبابەتنىڭ دۇرىسىنى يەپ داۋالىنىۋاتىدۇ،ئاساسلىقى مىڭىنى قۇۋەتلەيدىغان دۇرا ئىكەن،تۇلۇقسىزدا ئۇقۇيتتى، دەرستىنمۇ قالدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )