- تىزىملاتقان
- 2011-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 175
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
  58.33%
|
ئابدۇكېرەم ئابلىزنى جاۋ بېن شەنگە سېلىشتۇرغانلارغا شۇنداق دېگۈم كىلىدۇ: جاۋ بېن شەن بىر قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە نۇمۇر ئورۇنلىسا قانچىلىك ھەق ئالىدۇ؟ لېكىن بىزنىڭ بىچارە ئارتسلىرىمىز ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە نۇمۇر ئورۇندىسا ئالدىغان ھەققى تائىنلىقلا. تېخى ئازغىنە ھەقنىمۇ ۋاقتىدا ئالالمايدىكەن. سەنئەتكارنىڭ ئىجاتكارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى ئىقتىسادى ئۈنۈم ئەمەس، لېكىن ئۇلار ئېقتىسادى ئۈنۈمگە ھەم مۇھتاج. چۈنكى قورساق توق بولسا، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي غېمى بولغان ماددىي جەھەتتىكى غەمدىن خالاس بولالىسا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئجادىيەتلەرنى روياپقا چىقىرالايدۇ.
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئېتوتلىرىدىكى تىلغا كەلسەك بۇنى يالغۇز ئابدۇكېرەم ئابلىزغا ئارتىپ قويساق ئۇنىڭغا ئوۋال قىلغان بولىمىز، ئەڭ چوڭ مەسئۇليەت يەنىلا زامان بىلەن تەڭ ماڭالمايۋاتقان تىل-يېزىق كومتېتىدا. ئۇلار باشقا تىلدىن كىرگەن ھەرخىل ئاتالغۇ، سۆزلەرنى دەل ۋاقتىدا قىلىپلاشتۇرۇپ تۇرسا ئەبجەش سۆزلەيدىغانلار تەبىئىي ئازىيار ئىدى. مۇشۇ يەردە ئۇنداق مۇنداق دەپ مەيدىسىگە ئۇرغانلارمۇ بەزى سۆزلەرنىڭ ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچىسىنى دەپ بېقىڭ دېسە تىلىنى چاينايدۇ. |
|