- تىزىملاتقان
- 2012-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2563
- نادىر
- 0
- يازما
- 142
ئۆسۈش
  30.37%
|
خوتەندە مۇشۇ دوغاپ(ئائىلىسىنىڭ)نىڭ 3خىل چوڭ تۈرى بار،بىرى دوغاپ(ئوڭ دوغاپ،ساراڭ دوغاپ)،ئىككىنچىسى راخاپ،ئۈچۈنچىسى قادا(قاردا).كۆپىنچەيلەن ئالدىدىكى ئىككىسىنى ئاڭلاپ باققان،لېكىن 3-سىنى بەلكىم ئاڭلىمىغان،كۆرمىگەن بولىشى مۈمكىن.
قادا خوتەننىڭ ئۆزگىچە يەرلىك سوغۇق ئىچىملىگى بولۇپ،بۇ ئىچىملىكنىڭ ئاساسلىق ماتېريالى،يەنىلا قېتىق،ئۈزۈم شىرنىسى،مۇزدىن ئىبارەت.لېكىن تەڭشەش ئۇسۇلى ۋە ماتېريالدا ئوخشىمايدۇ.يەنى قادىنى تەييارلاشتا،مۇز ئالاھىدە تۆمۈر ئەسۋاپ بىلەن قاردەك ئۇششاق چېپىلىدۇ،ھەم تەخسىگە ئېلىنىپ ئۈستىگە قېتىق بىلەن ئۈزۈم شىرنىسى بىرگە قۇيۇلىدۇ،ئۇستام قېتىق بىلەن شىرنىنى قۇيۇۋاتقاندا تەخسىنى ئۇستىلىق بىلەن بىر قولىدا يۇقۇرى تۆۋەن ئوينىتىپ،قېتىق بىلەن ئۈزۈم شىرنىسىنى ئۇششاقلىنىپ قار ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن مۇزغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇدۇ(قورىمىچى ئۇستىنىڭ قورىما قورىغاندا ساپلىقنى ئوچاق ئۈستىدە ئويناتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ)،قادىغا دوغاپتەك سۇ قۇيۇلمايدۇ،قاردەك مۇز قېتىق ۋە ئۈزۈم شىرنىسى ئارىلىشىپ تولىمۇ تەملىك ئالاھىدە سوغۇق ئىچىملىك بولۇپ چىقىدۇ.خوتەنگە بارسىڭىز چۇققۇر بازارغا بېرىپ قادا يەپ كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ! |
|