- تىزىملاتقان
- 2012-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1562
- نادىر
- 0
- يازما
- 67
ئۆسۈش
  56.2%
|
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى 9-ئاپرېل بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى بېسىپ، ئاففانىستاندىكى داڭلىق ئايالللار تۈرمىسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى نامايەن قىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ بادامباگ ئاياللار تۈرمىسىگە نۇرغۇنلىغان ئاتالمىش ئەخلاق جىنايەت ئۇنسۇرلىرى قامالغان بولۇپ، مەھبۇسلار ئىچىدە ئېرىدىن ئايرىلغان ياكى كۆتۈرە توينى رەت قىلغان ئاياللار بار. تۈرمىدە يەنە 62 نەپەر كىچىك بالا بار بولۇپ، بۇ كىچىك بالىلار ئانىلىرى بىلەن تۆمۈر دېرىزە تۇرمۇشىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.
مارىيا بۇ يەرگە قامالغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغان بىر ئەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان. ئەمما، مارىيا ئەيىبلەشكە ئۇچرىمىغان. نورىيا ئېرى بىلەن ئاجراشماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان. ئۇ تۈرمىدە ئوغۇل يەڭگىگەن، ئانا-بالا ئىككەيلەن بىر مەھبۇس كامىرىدا تۇرغان. بۇ تۈرمە ئىچىدە جەمئىي 62 نەپەر كىچىك بالا بار بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنىڭ جىنايىتى بار دەپ جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقتىن تۈرمىدە تۇغۇلغان، بۇ ئانىلارنىڭ بەزىلىرى كۆتۈرە توينى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلىرى ئۆزلىرى تاللىغان ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە تۈرمىگە كىرگەن. بىر قىسىم ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئېرىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ھەتتا يەتتە يىل ئۆمۈرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: بىر ئېغىز مەھبۇس كامىرىدا ئالتە ئادەم قامالغان، ئۇلار بىر ھەپتە ئىچىدە ھەر خىل دەرىسلەرگە قاتنىشىدۇ، مەسلەن، ئاساسىي ئوقۇش، يېزىش ئىقتىدار دەرىسلىكى، قول-ھۈنەر بويۇملىرى، تىككۈچىلىك تېخنىكىسى دەرىسلىكلىرى قاتارلىقلار.
|
|