- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3093
- نادىر
- 0
- يازما
- 161
ئۆسۈش
  36.43%
|
تېمىدا دېيىلگەندەك ئۇيقۇ باسقاندا نى-نى شاۋقۇنلۇق يەرلەردىمۇ ئۇخلاپ باقتىم يۇ، خورەك ئاۋازى بار جايدا قەتئىي ئۇخلىيالمايمەن.
بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى مەرھۇم زۇنۇن قادىرى بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ قاپتۇ. زۇنۇن قادىرى خورەكنى بەك تارتىدىغان بولغاچقا، خورەك دەستىدىن تۈزۈك ئارام ئالالمىغان ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ جايىدىلا قولىغا قەلەم ئېلىپ مۇنداق قوشاق قوشۇپتۇ:
ئەي خۇدايا، خورەكنى،
ياراتقانسەن نېمىشقا.
خورەك تارتقان زۇنۇننى،
يولاتمىغىن بېھىشقا.
ئالدىدا بوش-بوش خورەك،
كەينىدىن قوش-قوش خورەك.
خورەك تارتقان زۇنۇنغا،
پەشۋا بىلەن مۇشت كېرەك.
خورەكنى زۇنۇن تارتسا،
مەن قالامدىم چاتاققا.
ساراڭمىدىم پۇل تۆلەپ،
خورەك تارتقان ياتاققا. |
|