قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1500|ئىنكاس: 16

ئىككىنجى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن يالغاندىن ئاجرىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

-2

تېما

3

دوست

2992

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2217
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 568
تۆھپە : 518
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qinturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 17:57  

        ئىككىنجى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن يالغاندىن  ئاجرىشىش
                                       
          ئېلاۋە:نۆۋەتتە بىر قىسم ئەر-خوتۇنلار ئارسىدا يالغان<ئاجرىشىش>ھادىسىى كۈنسىرى كۆپيىۋاتقان بولۇپ،بۇلارنىڭ سەۋەبى ھەرخىل.ئىككىنجى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن يالغاندىن  ئاجرىشىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەب بولۇپ،يەنە ئىقتىساد ۋە باجدىن قېچىش ...سەۋەبىدىن <ئاجراشقانلار> ئاز ئەمەس.ئۇلار مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنە يارشىۋالدىغان بولۇپ،مەخسىتى ۋە ئۇسۇلىمۇ ھەرخىل بولماقتا.چىن لىياڭ جۈەن ۋە يولدىشىنىڭ <قانۇنلۇق> ھالدا ئىككىنجى بالىنى قاتارغا قوشۇش ئارزۇسى بولسىمۇ ئويلمغان يەردىن ئۇلارنى يېڭى ئاۋارىچىلق كۈتمەكتە ئىدى....

           چىن لىياڭ جۈەن ۋە يولدىشى لوسوڭجۈن مەلۇم شەھەرلىك يېزىدا خىلى ھاللىق دىھقان،كىرىمى يامان ئەمەس بولۇپ،تىخى بىر كۈندىلىك بويۇملار دۇككىنى بار.بەزى كۈنلىرى تىجارىتى بەكلا قىزىپ كىتىدۇ.ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار بولۇپ،  بۇ يىل  باشلانغۇچ ئۈچىنجى يىللىقتا ئوقۇيدۇ،كۆرۈشكە بولىدۇكى:ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ بەخىتلىك.ئەمما  بەزى تونۇش بىلىشلەر ئۇلارغا: يېقىندىن بۇيان  ئىككىنجى پەرزەنىت ئۈچۈن يالغاندىن ئاجرىشىپ يەنە قايتا ياراشقانلارنىڭ كۆپلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بىېرىشتى.بۇنداق بولغاندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋالدىن <خالىي> بولغىلى بولاتتى....
          شۇنداق قىلىپ بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن مەلۇم بىر<تونۇش>ىنىڭ  يول تېپشى بىلەن (يېقىندىن بىرى بۇنداق يول تېپشقا ياردەم بىردىغانلار خىلى كۆپيىپ ،تىجارەتلىششكە قارااپ يۈزلەنگەن ئىدى) ناھايتى تىزلا يولدىش بىلەن ئاجراشتى.ھىلقى كىشى تاپقان ئادەم 50ياشلار ئەتراپىدىكى كىشى بولۇپ، چىن لىياڭ جۈەن ئۇنىڭ بىلەن يالغان توي قىلىش ھېسابىغا ھىلقى تونۇش ئادىمىگە 20مىڭ يۈەن پۇل بىرىدىغان،ئەمما ئاجراشقان مەزگىلدە ئۇ ئىرى لوسوڭجۈن بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى نورمال ئېلىپ بېرىپ، ھاملىدار بولغانلىقى مەلۇم بولغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامسىنى يېڭى قۇرغان يالغان ئائىلە نامىدا بىجرىپ ،بالا تۇغۇلسىلا ئاجرشىدىغان ھەمدە بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن يارشىۋالدىغان بولۇپ پۈتۈشتى. ئۇلار ئەتراپىدىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىپ <ئاسانلا> ئىككىنجى بالنى قاتارغا قوشقانلىقىنى ئاڭلىدى ھەم كۆردى،بۇ قېتىم بولسا ئۆزلىرى سىناپ باقماقچى بولدى.
              ئۇلار ئاجراشتى، چىن لىياڭ جۈننىڭ يېڭى<ئىرى> ھەقىقەتەن يۇۋاش كىشى بولۇپ، كەچلىرى<ئايالى> نىڭ كىم بىلەن بىرگە ئەر خوتۇن بولۋاتقانلىقىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيتى،دېمسىمۇ ئۇ 50تىن ئاشقان بىر بوۋاي تۇرسا، سۈرۈشتە قىلىسىمۇ نېمە قىلالايتى،يەنەكىلىپ،ئۇنىڭغا لازىم نەرسە پەقەت پۇل تۇرسا،ئۆز <سودا>سىنى بۇزىدىغان ئەخمەق ئەمەس-تە ئۇ!
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى، كونا ئەر_خوتۇنلار بۇرۇنقى ئامراق تۇرمۇشىنى داۋام قىلىۋەردى. تۆت ئاي بولغاندا بەخىت قۇشى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا قونۇپ،چىن لىياڭ جۈەننىڭ ھامىلدارلىقى مەلۇم بولدى. بىر ئەتىگەنلىكى چىن لىياڭ جۈەن يېڭى توي قىلغان <قانۇنلۇق> يولدىشى بىلەن نوپۇس ئىشخانسغا،تۇغۇت كۆرسەتكۈچى ئىلتىماسى ئېلىش ئۈچۈن باردى.خادىملار ئۇنىڭ 50تىن ئاشقان يولدىشنىڭ بۇرۇن بىرمۇ پەرزەنتى يوقلقىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇلارغا كنىشكا بىجردى ھەم بەخىت تىلىدى.بۇ چاغدىكى بوۋايىنڭ خۇشاللقىغا گەپ توغرا كەلمەيتى،چۈنكى:كىممۇ 50تىن ئاشقاندا پەرزەنتىلىك بولغاننى ئاڭلاپ خۇش بولمايدۇ؟
           ئەپسۇسكى،بۇ خۇشاللىقىنىڭ نەتىجىسى تازا كۆڭۈللۈك بولماي قالدى.ئۇلار ئەمدى قايتىدىن ئاجراشماقچى بولغاندا بوۋاي ئاجرىششقا قوشۇلمايلا قالماستىن تېخى ئۇلارنىڭ نەسھتنى ئۇ ئاڭلاپمۇ قويمىدى.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ئەينى چاغدا يول تېپىىپ بەرگەن ھىلقى كىشى 20مىڭ يۈننىڭ ھەممسىنى بېرىدىغانلقى ھەققىدە گەپ قىلىسمۇ ئاڭلاپ قويمىدى.ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان <بالا>سىنى كۆرۈش ھەممدىنى مۇھىم ئىدى.چىن لىياڭ جۈەن ئۇنڭىغا: بۇ بالىىنڭ دادسى باشقا ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىمۇ،ئۇ يەنىلا ئاجىرشىشىقا قوشۇلمىدى.ئەگەر بۇ بالا مۇشۇ يالغان <نىكاھ> ئائىلىسدە تۇغۇلسا بالنىڭ فاملىسى ئېنىقلا باشقا بولاتتى.بۇلار ئاخىر سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشماقچى بولدى.ئەمما سوت خادىملىرىنىڭ سۇئاللىرى جەريانىدا <پىلان> ئاشكارلىنىپ قالدى. چاپقىنى ئوڭلاش تەس كىلىۋاتقاندا، جىتتاق بولۇپ قالايمىغانلاشقان بۇ ۋەزىيەتتە كەنىت ئاھالە كومتېتى خادىملىرى ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتشىقا باشلىدى.كونىلارنىڭ<پاختا ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولماس>دېگنى بىكار ئەمەستە.كەنىت كومتېتى بۇ بالىنى تۇغۇشقا بولمايدىغانلىقى،يەنە يالغان ئاجراشقان بۇ كىلشمىنى دەرھال بىرتەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقى،يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالسا بۇ ئىشنىڭ يالغۇز جەرىمانە بىلەنلا ھەل بولۇپ تۈگمەيدىغانلىقى....قاتارلىقلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقاندا،ئانا قورسىقىدىكى بىچارە پەرزەنىت كۆز يېشى قىلماقتا ئىدى.

          دا شىياۋ كى ئېمزالىقىدىكى بۇماقالە <<گۇاڭجۇ  كەچلىك گېزىتى>>2013-يىل 23-مارىت كۈنىدىكى سانىنىڭ شەخسى تۇرمۇش سەھىپىسىگە بېسىلغان.(بەزى مەزمۇنلار قىسقارتىلدى ياكى تەرجىمە ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلدى).


                     羊城晚报,私生活-B12页,2013323星期六


0

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7154
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېقىندا سىنا تورىدا بىر خەۋەر ئوقۇغان، خەۋەردە دىيىلىشىچە بىرى قەرىزدىن قېچىپ  
ئايالى بىلەن يالغان ئاجرىـىشىپتۇ، لېكىن ئايالى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيىدىكى پۇل ھەم باشقا پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ باشقا بىرى بىلەن قېچىپ توي قىلىپتۇ. ئىشقىلىپ بەزى چوشقا ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەر پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10162
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 217
تۆھپە : 159
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xamxad2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 13:37  

بىزنىڭ يۇرتتا ما فامىلىلىكتىن بىرى ،خرويىن سىتىپ ،تۇتۇلغان ھەم تۈرمىگە كىرگەن ئېدى،سوتنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادرە قىلماقچى بوپتىكەن،بىللە ئۆتىۋاتقان ئايالى بىلەن ئاللىقاچان ئاجرىشىپ بولغانكەن،مالمۈلۈكنىڭ ھەممىسى ئايالنىڭ كەن.بازارنىڭ دوقمۇشىدا ئىككى قەۋەتلىك بېناسى بار ئىدى.ئەسلىدە ئۆيدىكى ياشنىپ قالغان ئايالى سالدۇرغانكەن ئەمەسمۇ،پارتىيەمۇ ئىشەندى،بىزمۇ «ئىشەندۇق»،يېقىندا ئۇ تۈرمىدىن غەلبىلىك چىقىپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا،قانۇن نىمە دىگەن ئادىل-ھە!

باھا سۆز

delnazi  قانۇننىڭ ئادىل ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەندىم .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

8

تېما

2

دوست

2591

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10121
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 673
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى گەرچە يۇقىرىقىدەك ئىش قىلمىسىمۇ، باشقا مەنپەئەتلەر ئۈچۈن يالغاندىن ئاجىرىشىدىغانلارنى يوق دېگىلىمۇ بولمايدۇ. مۇسۇلمان يالغاندىن ئاجراشسىمۇ، بىر قېتىملىق تالاق ھېسابلىنىدۇ، نىكاھ ئاجرايدۇ. ئىسلامدا نىكاھ مۇقەددەس. تالاق بىر ياكى ئىككى بولغاندا يارىشىۋېلىشقا بولىدۇ، بىراق ئۈچىنچى تالاق بىلەن نىكاھ ئۈزۈل-كېسىل ئۈزىلىدۇ، يارىشىۋېلىشنىڭ يولى قالمايدۇ. تاكى شۇ ئايالى باشقا ئەر بىلەن ئىختىيارى توي قىلىپ، كېيىن يەنە ئۆي بولالماي قالغان بولسا، بۇ ئىشلارغا ساختىلىق ئارىلاشمىغان بولسا، ئەنە شۇ چاغدا ئاندىن ئاۋالقى ئەرنىڭ توي تەكلىپى قويۇش ھوقۇقى بولىدۇ، ئەگەر ئايال خالىسا ئاندىن توي قىلالايدۇ، بۇ چاغدا ھالال بولىدۇ.
شۇڭا نىكاھ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس.

3

تېما

0

دوست

1990

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ھەر ئىشىنى قىلىدۇ. ئەخلاق قارىشى يوق بولغان ئادەم مۇشۇنداق بۇلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

349

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12299
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
羊城دېگەن گۇاڭجۇ شۇ،شۇڭا‹‹ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى››دېگەننى ‹‹گۇاڭجۇ كەچلىك گېزىتى››دەپ تەرجىمە قىلسىڭىز تازا توغرا بولاتتىكەن.

0

تېما

3

دوست

3587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 994
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە ئاجراشسىمۇ يولقويمايتىغۇ؟
مىنىڭ ئاچام بىر توي قىلغان .بىر ئوغلىبار يەنە بىر تويقىلدى كىيىنكى يولدىشىنىڭ بىر قىزى بار
لىكىن ئۇلارغا بىرنى توغسا بولىدۇ دەپ تۇرىۋالدى ئەسلىدە ئىككى تەرەپنىڭ بالىسى بىر ئۆيدە بولسا ئاندىن بولاتتى ئاچامنىڭ بۇرۇنقى  ئۆغلىنى دادىسى ئۆزى باقىدۇ ئۇلارغىمۇ تۇغۇشقا يوليوقكەن ئىككى ئائېلەئۈچۈن 3تىن ئالتە پەرزەنىت بولسا بولاتتى لىكىن ھازىر ئىككى ئائېلىگە3بولۇپقالدى .ئۇياققا بارسا بۇياقتىكىنى قوشىدۇ بۇياققا كەلسە ئۇياقتىكىنى قوشىدۇ.ئىشقىلىپ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ

0

تېما

0

دوست

470

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2923
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 87
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىلانلىق تۇغۇت  نۇپۇسنىڭ قېرىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھامان دۆلەتنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7176

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   43.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1094
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئەرنىڭ دەسلەپكى خۇتۇندىن بىرئوغول كىينكى قىز ئالغان  خۇتۇندىن بىر ئوغۇل بولسا دۆلەت يەنە بىر قىز تۇغۇشقا رۇخسەت قىلارمۇ  ئەميلەتتە ئىككنچسى نىمە بولسا مەيلى ئشقلپ ئاللا ئىگەم ساق سالامەت قلسلا مەيلى ئىدى   پىلانلىق توغۇت توغىرسدا خەۋەر ئاڭلساق بوپتىكەن نىمە كەپتۇ ئەمدى ئۆزىمزنىڭ ماكانىدا مۈكۈپ يۈرۈپ ھەتتا ھىچنمگە ئىگە بۇلالمايدىغان بوپقالغنىمزغا ئىچىم بەك ئاچچىق بۇلدۇ  

0

تېما

0

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17083
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خەنلىنى  ئىككىنى  تۇغسا  بولىدۇ  دەپ  ھۆججەت  چۈشۈپتۇ  دىگەن  گەپلىنى  ئاڭلىدىم ،  بىزگە  ئۈچمىدۇ  تۆتمىدۇ شۇنى  بىلمىدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-13 13:01 , Processed in 0.059580 second(s), 10 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش