- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 695
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
  39%
|
مىسىر ھەققىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەنلەر باشقىلاردىن ئاڭلىغاننىلا سۆزلىمەڭلەر. ھەممىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ كېتىشى ناتايىن، ساياھەت قىلىپ كىلىپ كەتكەنلەر ئۇ يەرنىڭ پەقەت سىرتقى شەكلىنىلا بىلىدۇ.
بۇ يەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى راسىت ، لىكىن قەشقەرنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس، مىڭ يۈئەن ھەرگىز كەڭرىتاشا يەتمەيدۇ . ئۆي ئىجارىسىلا مىڭ يۈئەندىن يۇقۇرى . ئۆي ئىجارىسى بەلكىم ئۈرۈمچىنىڭكىدىن ئازراق تۆۋەندۇ ، لىكىن مۇھىتى ياخشىراق يەرلەرنىڭ بىر ئايلىق ئۆي ئىجارىسى 1200يۈئەندىن 3000 يۈئەنگىچە ، مۇھىتى سەل ناچارراق يەرلەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆي ئىجارىسى 500 يۈئەندىن 1200 يۈئەنگىچە. مىنىڭ دىگىنىم پەقەت تەخمىن سان سىفىرلار .بۇ يەردە ھەممە ئادەملەرنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى سوراپ يۈرمىگەندىن كىيىن بىلگىنىمنى دىدىم.
مىسىرغا كىلىپ ئۇقۇش ئۈچۈن پەقەت پاسپورت بولسىلا بۇلىدۇ . ئۇقۇش تارىخى دىگەندەكلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ . تىل بىلمەيدىغانلار نۆدىن باشلاپ تىل كۇرسلىرىدا ياكى ئەزھەرنىڭ تەييارلىقكۇرسلىرىدا ، تۇللۇقسىز سىنىپلىرىدا يۇقۇرلاپ ئۇقۇيدۇ. بۇ يەرگە كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ، بىلەتلەر ئۈچۈن تەخمىن مىڭ دوللار ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنراق كىتىشى مۇمكىن.
ئەگەر توي قىلمىغان بويتاقلار بۇلۇپ قالسا ياتاق تاماققا تەخمىنەن 500-1000 يۈئەنگىچە كىتىشى مۇمكىن.كۇرس ھەققى ئايلىقى 250 يۈئەن. ئەرگە توي قىلغان ئەر ئاياللار بۇلۇپ قالسا بىر يىلدا 20000 دىن 40000 گىچە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىتەمدىكىن. بۇ ئىستىال سەۋىيىسى ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ خەجلىشىگە يارىشا بۇلىدۇ.
ساختا ئۇچۇرلارنىڭ تورداشلارنى قايمۇقتۇرماسلىقى ئۈچۈن قۇشۇمچە يوللاپ قويدۇم، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر. |
|