- تىزىملاتقان
- 2012-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 444
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
  72%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslan526 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-8 12:29
مىلللەتلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش،ئورۇش ۋە تېرورلۇقلار سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئەزىز جېنىدىن جۇدا قىلدى؛ سىياسى جەھەتتىكى دۈشمەنلىشىش،توقۇنۇش ۋە خلمۇ-خىل سەتچىلىكلەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇردى....دېمەك، ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە تۇغۇزۇپ چىققان تەشكىلى قورۇلمىسى پاچاقلىنىشقا يۈزلەندى. بىراق بۆرە ئائىلىسىنىڭ ئىجتىمائى قۇرۇلمىسىدا بولسا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ۋە مول مەئىشەتتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشتەك ھەرىكەت ئەندىزىسى ئىزچىل ساقلاندى.
نىكاھتىن ئاجرىشىش، جىنىسداشلار ئىشىقۋازلىقى ۋە بويتاقچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ئائىلىسى مىسىلسىز زەربىگە ئۇچرىدى.بىراق بۆرىلەر توپىنىڭ ئائىلىۋى قورۇلمىسىدا ئەسلىدىكى موقۇملۇق ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرى يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاش ئۆملۈك ۋە شادلىق ئىچىدە ياشايدۇ.
بۆرىلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن، بۆرە ئائىلىسى بارلىق مۈشكۈلاتلارنى جەسۇرلۇق بىلەن يىڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئېسىل ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلدى.
........بۆرىنىڭ ھەمكارلىق، پاراسەت،ساداقەت ۋە سىرداشچانلىق جەھەتتىكى ئۆزگىچە گۈزەل ئەخلاقىغا مەپتۇن بولغان كىشىلەر بۆرە ئائىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.
"بۆرە خىسلىتى" دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
مەن بۇكىتاپنى ناھايىتى قىزىقىپ ئوقۇدۇم.بۇكىتاپتىكى باشقا مەزمۇنلارنى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللايمەن. تورداشلارنىڭ بۆرىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
|
|