بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-6 16:32
«969 ھەرىكىتى» دەپ تونۇلغان تەشكىلات، بېرمىنىڭ ئاراكان «روھىنگىيا» رايونىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئاملارغا ئايلىنىپ كەتكەن توقۇنۇشنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ دەپ قارالماقتا
ئاراكان قەتلىئامىنىڭ ئارقىسىدىكى كىم؟
دۇنيا ئاخبارات تورى 2-مارت خەۋىرى: «969 ھەرىكىتى» دەپ تونۇلغان تەشكىلات، بېرمىنىڭ ئاراكان «روھىنگىيا» رايونىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئاملارغا ئايلىنىپ كەتكەن توقۇنۇشنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ دەپ قارالماقتا.
بۇددىزىمنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىجابى ۋە تىنچلىقپەرۋەر سۈرىتىگە قارىماستىن، بېرمىنىڭ ئاراكان رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىشنىڭ ئارقىسىدا 969 ھەرىكىتى ناملىق بىر بۇددىست گۇرۇپپا بار. 969 ھەرىكىتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان قەتلىئام ۋە يۇرتىدىن قېچىشقا سەۋەب بولغان بىردىنبىر مەسئۇلىدۇر.
بېرما نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن يۈزدە %5 نى تەشكىل قىلغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بېرمىنىڭ، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە تايلاند چېگرىلىرىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك بىر نۇقتىدا ئولتۇراقلىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاراكان رايونىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە دۆلەتتىكى ئەسكىرى گۇرۇپپا ۋە زومىگەر مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش ۋە قاتتىق كونترول قىلىش مەركىزى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى زور.
كالتەك تۇتىۋالغان راھىبلار
مىللەتچى ئېقىمغا ئىگە 969 ھەرىكىتى، دۆلەتنىڭ ئەڭ تېز زورايغان سىياسىي-ئىجتىمائىي ھەرىكىتى بولۇش ئەھۋالىدا 969 ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئادەتتە بۇددىست راھىبلاردىن تەشكىللەنگەن. ھەممىنىڭ بېشىدا (Wirutha ) ناملىق بىر راھىب بار، ھەرىكەتنىڭ نامىدىكى 969 دىگەن سان بولسا بۇددانىڭ خاراكتېرلىرىدىن ئېلىنغان ئىكەن. (Wirutha) بولسا 2003-يىلىدا ئاراكاندىكى ھۇجۇملارنى قوزغىغان دەپ 25 يىللىق تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم بولغان، ئەمما ئالدىنقى يىلى بېرما دۆلەت رەئىسى (Thein Sein) تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان ئىدى، (Wirutha ) ھازىر مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشۋىقات بىلەن مەشغۇل ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا.
راھىب (Wirutha) سۆزلىگەن تەشۋىقاتلاردا دائىم مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتنى قولغا ئېلىش ۋە بۇددىزىمنى يوق قىلىش نىيىتى بارلىقىنى داۋراڭ سېلىپ يۈرمەكتە، (Wirutha ) مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالغانلىقى ۋە بۇ ئىقتىسادنى بۇددىزىمغا قارشى ئىشلەتكەنلىكىنى داۋا قىلىۋاتىدۇ.
969 ھەرىكىتىنىڭ ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالدىغان چىقىرالايدىغان بىردىنبىر باھانە بولسا 2001-يىلىدا ئافغانىستاندىكى بۇددا ھەيكىلىنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىقىتىلغانلىقىدۇر.
ئارمىيەمۇ 969 ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ؛
يەنە بىر تەرەپتىن بېرما ئارمىيسىنىڭ 969 ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوتتۇرغا چىقماقتا، چۈنكى ئارمىيە دائىم مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 969 ۋائىزلىرىغا (تەشۋىقاتچىلىرى) كۆزىنى يۇمۇپ كۆرمەسكە سالىدۇ. ئەسلىدە ئارمىيە كۈچى بىلەن باشقۇرىلىدىغان بېرمىدا ئارمىيدىن خەۋەرسىز بىرەر تال قۇشمۇ ئۇچالمايدۇ. ئاراكانددا مۇسۇلمانلار قەتلىئاملىرى بولغاندا ئارمىيە تەرەپ ھەر دائىم كېچىكىپ قالىدۇ، ئۆلىدىغىنى ئۆلۈپ ئىش تۈگىگەندە ئاندىن ئەھۋالنى قولىغا ئالىدۇ
مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىقتىسادىي بايقۇت؛
بېرمىدا 969 ھەرىكىتىنىڭ شۇئارى بار بولغان ئىش ئورۇنلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى بىۋاستە بايقۇت قىلىدۇ، بۇ شۇئارلار بۇددىستلارنىڭ بۇ يەرلەردە كەڭ-كۇشادە سودا-سېتىق قىلالايدىغانلىقىنى، پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يەردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ، يەنى 969 شۇئارلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىقتىسادىي بايقۇت ۋە بۇددىستلار ئارىسىدا ئىتىپاقلىقنىڭ بىر سىمۋولى سۈپىتىدە بولىۋاتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن بولىۋاتقانلار سېرىلانكىدا بولىۋاتقان ئىشلارغا تامامەن ئوخشىشىدۇ، ئۇ يەردىمۇ بۇددىست كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم يۈرگۈزىۋاتىدۇ.
مەنبە : ئوكيان
|