- تىزىملاتقان
- 2012-9-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1584
- نادىر
- 0
- يازما
- 150
ئۆسۈش
  2.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elbilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-6 18:16
مەھمۇد بوۋىمىز تۈركلەر توغرىسدا‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ››دا مۇنداق يازغان :
1. دىۋاننىڭ باش قىسمىدا تەڭرىگە ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ھەمدۇ سانا ئوقۇپ بولۇپلا مۇنداق يازىدۇ: ‹‹ مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى ( ئىلمى نۇجۇم) تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ تۈركلەرنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم ، تەڭرى ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى،دەۋرنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلدى ۋە زاماننىڭ ئىختىيارىنى شۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى،ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى››
دىۋان تۈركى تىللىرى بىلەن ئەرەپ تىلىنى سېلىشتۇرۇپ يېزىلغان ئىدى، بوۋىمىز يەنە يېتىشكەن ئەرەپ تىلشۇناسى ئىدى. بۇ دەۋردە تېخى ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيىسى بارلىققا كەلمىگەن ئىدى، پەقەت سالجۇقىلار بار ئىدى.
2. ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم ( بۈيۈك ھەدىسشۇناس ئىمامى بۇخارىمۇ بۇخارالىق ئالىم ئىدى، ئەرەپ ئەمەستى) بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغان ئىدىم ‹‹ پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى ، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ، ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە ‹ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار،چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ › دەپ ئېيتقان ئىكەن.››.
3. تۈرك- تەڭرى يارلىقىغۇچى نوھنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئىسمى،بۇ تۈرككە تەڭرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم.ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تۈرك دەپ ئاتىلىدۇ.
4.بىز تۈرك دىگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان دىدۇق،چۈنكى قەشقەرلىك خەلەف ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىننىڭ ئىبىن ئەل غەرقى دىگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ، ئىبىن ئەبىد دۇنيا دىگەن نام بىلەن تونۇلغان جەرجارالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى مۇفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا ، پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان :‹‹ ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇكى ، مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم ، ئۇلارنى كۈنچىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم، بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنسەم تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن.››
بوۋىمىز دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركنى باغداتتا ئابباسىلار ئوردىسىدا يېزىپ چىققان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا ئولتۇرغان ھاشىم ئۇرۇقىدىن بولغان ئابباسىلار خەلىپىسى ئەبۇلقاسىم ئەلمۇقتەدى بىئەمرۇللاھ ئابدۇللا بىن مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ ئەل ئابباسىيغا ( خەلىپە قائىم بىئەمرۇللاھنىڭ نەۋرىسى ) غا تەقدىم قىلغان !
ئاللاھ ئىسىمىنى ئۆزى قويغان تۈركلەردىن بولغانلىقىمدىن كاتتا پەخىرلىنىمەن.... |
|