- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 64
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
  21.33%
|
polat315 تېمىنى ئوقۇپ ئەسلىدىلا يېرىم كۆڭلۈم تېخىمۇ بەك يېرىم بولدى. مىنىڭ ئېرىممۇ بىگۇناھ تۆرمىدە،ئۇنى كۈتىۋاتقىلى بەش يىل بولدى. ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاسانلىق بېرە. ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشكۈم، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈم كىلىپ كەتتى. چۈنكى بىز تەقدىرداش، بىر ئوتتا كۈيىۋاتقانلار ئىكەنمىز. سىز ئۇ ئايالنى كۆرسىڭىز دەپ قۇيۇڭ ھەممىمىز ئاللاھدىن ھەر كۈنى ئاسانلىق تىلەۋاتىمىز. غەيرەتلىك بولسۇن، ئۈمىد ئۈزمىسۇن. بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ. بۇ بىر سىناق. ھازىر كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلارنى تۇختىتىۋىلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ. بۇ كۈتۈشلەرنىڭ ، بۇ غېرىپلىقلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەت بىشىغا كەلگەن ئادەملا بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇ ئايالغا ئۆز قۇدىرىتى بىلەن سەبىر ئاتا قىلغايسەن، ھەممىمىزگە سەبىر قىلغۇدەك ئىرادە ئاتا قىلغايسەن. |
|