- تىزىملاتقان
- 2012-9-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1600
- نادىر
- 0
- يازما
- 172
ئۆسۈش
2.86%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم(ئاللاھ سىزلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي)، قەدىردان باغداش ئەھلى.
بىر كۈنى ئاپتوبۇس بېكەتتە تۇراتتىم. يەتتە ياشلار چامىسىدىكى كىچىك بىر قىز ئورۇندۇققا سومكىسىنى قويۇپ بىر نېمىلەرنى ئىزدەۋاتاتتى. خەنزۇ تىلىدا ئۆز-ئۆزىگە بىر نېمىلەرنى دەيتتى. ئىزدىگەچ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭا قاراپ قوياتتى،بۇرۇلۇپ قاراش، ئۆزىگە سۆزلەش قېتىم سانى كۆپەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، ئاندىن سورىدىم«ئۇيغۇرمىسىز؟« ئۇ ھەئە دەپ جاۋاب بەرگىنىدە ئۇنىڭغا سەپ سېلىشقا باشلىدىم. «ھە، يۇمىلاق چوڭ كۆزلەر، ئىلىپتەك بۇرۇن، قويۇق قاشلار...بۇ ئۇيغۇرنىڭ بالىسىكەن.« دېدىم كۆڭلۈمدە.
«ئەمىسە باياتىن نېمىشقا ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيسىز؟« سوئالىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
«مەن ئۆچ.» كۈتۈلمىگەن جاۋابتىن سەنتۈرۈلگەندەك بولدۇم.
- ئاپىڭىزغا ئۆچمۇسىز؟
-ياق.
-ئانا تىلىڭىز ئانىڭىزغا ئوخشاش. باشقىلارنىڭ ئاپىسى ئۆزىڭىزنىڭكىدىن ياخشىمۇ؟
-ياق مەن ئۆچ ئەمەس، 我不喜欢 (ئۇ خەنزۇچىلاپ« مەن ياخشى كۆرمەيمەن» دەپ چىرايىنى يېنىك پۈرۈشتۈردى)
ئاپتوبۇسى كەلدى ئالدىراپ قاچتى. قارىسام مەن ساقلاۋاتقانمۇ شۇكەن، كەينىدىنرەك چىقتىم. يەنە بىر يەردە تۇرۇپ قالدۇق. ماڭا قاراپمۇ كەتمىدى، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئاتمىشلاردا بار خەنزۇ ئايال بىلەن كىچىك خەنزۇ قىزنىڭ يېنىغا چاپتى. ئۇلار ئورۇندۇقتا ئۇ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئورۇندۇقىغا يېپىشىپ راۋان خەنزۇ تىلىدا چۇۋۇلداپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭغىچە مەن تۇرغان يەردىن ئورۇن چىقىپ قالدى، ئولتۇردۇم، يېنىمدىكى ئورۇنمۇ بىردەمدە بوشىدى. ئۇ قىزنى تەكلىپ قىلدىم، «رەھمەت» دېدى دە ئولتۇردى، ئالدىغا قاراپ بايىقىلارغا يەنە سۆزلەۋەردى. سۆزلەپ سۆزلەپ ھاياجانلىنىپ كەتتى. قارىماققا بىرەر پائالىيەتنى سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن:
-كىچىك رىياسەتچىمۇ سىز؟
ئۇ خۇش ياقمىغان ھالدا زورىغا كۈلدى-ھەئە-دەپ بولۇپلا يۈزىنى يەنە ھېلىقى تەرەپكە بۇرىۋالدى.
-خەنزۇلارغا خەنزۇچە سۆزلەڭ، لېكىن ئۆيدە، ھەم ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرچە سۆزلەڭ، خۇددى باشقىلارنىڭ ئاپىسى سىزنىڭ ئابىڭىزنىڭ ئورنىنى باسالمىغاندەك باشقىلارنىڭ تىلىمۇ ئۆز تىلىڭىزنىڭ ئورنىنى دەسسيەلمەيدۇ.
ئۇ مەنسىتمەسلىك بىلەن زورىغا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، ماڭا قارارغا كۆزى يوق يەنە ھېلىقى مومايغا يېپىشتى.
-تىرىشىڭ، ياخشى رىياسەتچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ ھە.
بالا بولغاندىكىن زوق-شوخ بىلەن سۆزلەۋاتقان نەرسىسىدىن ئىلھاملاندۇرۇپ قوياي-دە ئەمدى. ئۇ يەنە بايىقىندەك ئىلمان ھەم تېزلىك بىلەن «رەھمەت» دەپ بولۇپلا شۇ ياققا قارىۋالدى، ئاڭغىچە بېكەتكە كەلدىم. ئورنۇمدىن قوزغىلاي دەۋاتسام ھېلىقى قىز ۋە خەنزۇلار مېنىڭ ئالدىمدا ئىشىكتىن چۈشۈپ بوپتۇ. ئاپتوبۇس ئىشىكىنىڭ پەلەمپىيىگە قاراپ قەدىمىمنى شۇنداق سېلىشىمغا ھېلىقى ئۇيغۇر قىزنىڭ ئاۋازى جاراڭلىدى:
-مېنىڭ دادام قۇرۋان ئوقۇيدۇ!
-ھە؟...ياخشى ، ياخشى ..ئوبدانكەن، دادىڭىز قۇرئان ئوقۇپ بەرسە سىز ئاڭلاڭ. سىزمۇ ئۆگىنىڭ.
-دادام قۇرۋاننى ئوقۇپ يەنە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ
-قۇرئاننى ئوقۇپلا قالماي قۇرئاندا دېيىلگەندەك قىلىش كېرەك جۇمۇ!....
گەپلىرىمنىڭ ئارقى شاماللاردا قالدى. ئۇ «ھە » دېگەچ خېلى ئۇزاپ قالغانىدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئۇ يا سىزنىڭ قىزىڭىزدۇر، يا قېرىندىشىڭىزنىڭ. كىچىككىنە سەبىي مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىرىنى، يالغان رەھمەت دەپ قويۇشلارنى نەدىن ئۆگەنگەندۇ؟ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە قانداقلا قىلسا يېشىغا ماس كەلمەيتتى. ياتلارنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈشلىرى، ئەركىلەپ سۆزلەشلىرى، ئۆز مىللىتىدىن ئۆزىنى تارتىشلىرى، ھەي بۇ كىچىك بالىنىڭ قىلىقى ئەمەسقۇ زادى. بۇنچىلا ئەيىبلەرنى ۋىجىككىنە بىر قىزچاق نەدىن يۇقتۇرىۋالغاندۇ؟ گويا ئۇنىڭ ۋىجىك تېنى ئارقىسىغا چوڭ بىر يىرگىنىشلىك شەيتان يوشۇرۇنغان ئىدى. ئاتا-ئانىلار، ئۆزىمىزنى لوپا ئەينەكتە ئوبدان كۆزەتمىسەك بولمىغۇدەك.
|
|