- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 340
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
  70%
|
ئەمدى بولغۇلۇق بولۇپ،بوپتۇ،نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلمىغاننىڭ ئاقىۋىتىكەن،ئەمما مۇشۇ ئىشلارنى قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار،مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەنلەر بىلىدۇ،نەچچە ئەۋلاد ئولتۇرىۋاتقان قورو-جاينى شەھەر قۇرۇلۇشى دىگەندەك پىلانلارغا دۇچ كەلدى،دەپ چاقىدىغان ئىشلار يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ كەتتى،ئۆينى چېقىشتا ئۈستى يېپىلغان،ئىشىك دېرىزىسى بار،خىش ياكى كېسەكتە سېلىنغانلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان تۆلەم ئۆلچەملىرى بار،ھويلىدىكى ئۆي سېلىنمىغان بوش يەرگە تۈزۈك تۆلەم بەرمەيدۇ،شۇڭا بىر قىسىم ھويلا-ئاراملىرى خېلى چوڭ،ئەمما قولىنىڭ قىسقىلىقى سەۋەبىدىن ھويلىسىغا ئۆي سالالمىغاچقا تۈزۈكرەك تۆلەمگە ئېرىشەلمەيدۇ،شۇ سەۋەپتىن قول ئىلكىدە بار خوشنا-خۇلۇم ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن قەرز-قۇرۇم قىلىپ ئۆي سالىدىغان،ئەمما،كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھېلىقىدەك ئاۋارىچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ،قېرىنداشلار بولسا بۇ ئىشنى قول ئىلكىدە يوق،ساددا قېرىنداشلىرىمىزدىن كۆرمەي،ياخشىراق مەسلىھەتىڭلەر بولسا بەرمەمسىلەر.
ئەگەر بىرەرسىمىزنىڭ كېچىك بالىلىرىمىز موتوسېكلىت مىنىپ ھادىسىگە ئۇچراپ،يارىلانسا «خوپ بوپتۇ'دەمدۇق ياكى باشقىچە تەسەللىي گەپلىرىمىزنى دەمدۇق...مېنىڭغۇ ئۆيۈم چېقىلمىغان،لېكىن مۇشۇنداق ئىشلارنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان،شۇڭا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ،تەنە گەپ قىلمايلى ،دىمەكچى، كەچۈرۈڭلار ئارتۇق گەپ قىلىپ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتىپ قويغان بولسام سەمىمىي ئۆزرە سورايمەن. |
|