- تىزىملاتقان
- 2013-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 266
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 15:39
بىزنىڭ ئۆيىمىز ناھىيە بازىرىنىڭ ياخشى يېرىدە ئىدى، 1998-يىلى قايتىدىن بىنا شەكلىدە قىلىپ ئەڭ ياخشى ماتىرياللار بىلەن سالغان ، ئالدىنقى يىلى يازدا دۆلەتنىڭ كەپىلىك رايۇننى ئۆزگەتىش سىياسىتى بىلەن ئۈيىڭلارنى چاقىمىز دەپ ، ناھىيدىكى ئۆي چېقىش گورۇپپىسىدىكى خادىملار كىرىپتۇ ، بىزمۇ ئۈزىمىزنىڭ تەلىپىىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ، بىزنىڭ ئۈيىمىز يول ئۈستىدە بولغاچقا قۇرۇلۇش رايۇنىغا تاقاشمايدىكەن ، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قىلىدىكەن ، شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۆينى قالدۇرۇپ قۇيۇپ مەھەللە ئىچىدىكى ھەممە ئۆينى چېقىپ بولدى ، بىر نەچچە يول ئۈستىدىكى ئۆيلەرلا قالدۇق .ئۆي چېقىش گورۇپپىسىدىكى خادىملار پەيشەنبە كۈنى بۈگۈن زادى چاقمىساق بولمايدۇ دەپ بازارلىق ھۈكۈمەتنىڭ خەلىق ئەسكىرىدىن ئون نەچچىنى ۋە قۇرۇلۇش ماشىنىسىدىن بىرنى ئۆينىڭ يېنىغا توختۇتۇپ ھەيۋە قىپتۇ . مەن ئۇ ۋاقىتتا سىرىتتا ئىدىم ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى تېز قايتىپ كەلدىم . بىزنىڭ 52 كىۋادىرات مېتىر دۇكان ، ،82 كىۋادىرات مېتىر بىنا شەكلىدە سالغان ئۆي بۇلۇپ ھەممىسى 134 كىۋادىرات مېتىر كېلەتتى ، لىكىن يەر باشقۇرۇشنىڭ كېنىشكىسىدە ئولتۇراق ئۆي دەپ بار ئىكەن ، بىز ئىتىراپ قىلمايمىز دەپ تۇرىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن توختامغا ئىمزا قويدۇم ،لىكىن ئۇلار بىزنى ئىمزا قويدۇرىۋېلىپ ئۈزى ھاكىم ئىمزا قۇيىدۇ دەپ تۇرىۋالدى. 80كىۋادىرات مېتىرلىق ئىككى يۈرۈش ئۆيگە 100مىڭ يۈەن بېرىدىغان بولدى ، لىكىن بىز رازى ئەمەس، شۇڭا پۇلنىمۇ ئالمىدۇق . دۇكاننى 14يىلدىن بىرى ئاتام ئېچېۋاتقان، بىزنىڭ ئۆيدىكى 6 ئادەم دۇكاننىڭ پايدىسى بىلەن ياشاۋاتقان، 4 بالا ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان ئىدۇق ،ھازىرمۇ كىچىك سىڭلىم بېيجىڭدا ئۇقۇۋاتىدۇ . شۇڭا بۇلارنى باشقۇرغۇدەك بىر ئورۇننى ئىزدەۋاتىمەن ، ياردەم قىلىدىغانلار بولسا كۆپ رەھمەت ئېيتاتتىم .قۇرۇق رەھمەت ئەمەس ھە .
باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،بۇ ئىش بەك جىددى ئىدى .
|
|