- تىزىملاتقان
- 2012-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 905
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
  81%
|
مىنىڭ بىلىشمچە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كۇلۇبى خېلى كۆپىيىپ قالدى،ھەرخىل دوسلۇق مۇسابىقىللىرىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرماقتا.ھەممىمىزگە مەلۇم شىنجاڭدا ھۇررا پۇتبول كوماندىسى تارىخى ئۇزۇن،قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرخىل مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان كوماندا.(مەن ئالدىنقى قېتىم شىنجاڭغا قايىتقاندا ئاتلان كوماندىسى بىلەن ھۇررا كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن ھۇررا كۇلۇبىنىڭ شۇچاغدىكى ئىپادىسى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىنمۇ قالتىس بولغان...)ئەگەر ھۇررا كوماندىسى ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتناشسا مەن كىسىپ ئېيتىمەنكى تۇنجى يىلىلا ئا دەرىجىگە ئۆرلىيەلەيدۇ.(بۇ كوماندىدىكى ھۇجۇمچى،بىك، قاپقىچى قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن قالتىس).مەن بىلىمەن ب دەرىجىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خېلى كۆپ مەبلەغ كىتىدۇ،لىكىن پۇلنىڭ مەسىلىسىنى تىرىشىدىغانلام بولساق چۇقۇم ھەل قىلالاليمىز،چۈنكى سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا مىليونلىغان پۇتبول مەستانىللىرى بار ئەمەسمۇ!
ئاخىردا ھۇررا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بۇ ئىشنى ياخشى ئويلىنىپ ،شىنجاڭدا جۇڭگۇ بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان مۇنتىزىم، كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يوقلۇقىغا خاتىمە بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
كىم بىز ئۈچۈن توپ ئوينىسا بىز شۇنىڭ توپ مەستانىسى!
ھۆرمەت بىلەن:ئادىلجان(ئەسكەرتىش:starking,cctv520بولسامىنىڭ توردىكى تەخەللۇسلۇرۇم)
|
|