- تىزىملاتقان
- 2012-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 740
- نادىر
- 0
- يازما
- 40
ئۆسۈش
  85%
|
بۇ قېتىمقى لىكسىيە بىر قېتىملىق ناھايىتى ئەھمىيەتلىك لىكسىيە بولدى. مەزمۇنى: زامانىمىزدىكى كارخانىچى- سودىگەر بايلىرىمىزنىڭ ، زىيالىلىرىمىزنىڭ دەۋر ۋە خەلق ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى؛ كارخانىچىلار بىلەن زىيالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى؛ ئىلىمگە ئەھمىيەت بىرىش، ھەق- ھالال ياشاش؛ خەلقنى يۇرتنى سۈيۈش؛ ئىجىل -ئىناق ياشاش قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولدى.
تۇنۇشتۇرلىشىچە لىكسىيەنى ئۇيۇشتۇرۇشقا خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومى بىلەن «ئىنساپ»كۈتۈپخانىسىنى ئاچقان مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى تۇرسۇن توختى ھاجىم بىرلىكتە كۈچ چىغانكەن.
لىكسىيە سائەت 9 دا باشلاندى. مەن سائەت 8:15 تە خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومى زالىغا كىرسەم زالنىڭ يېرىمى توشۇپ بولغان ئىكەن. سائەت 9 دىن بۇرۇن زال لىق تولدى. كىيىن كەلگەنلەر زالنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە ئوتتۇرىدكى يولدا ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى. سائەت 9 يېرىملاردا يېغىننى باشقۇرغۇچى ئەدىپ ئەنۋەر مۇئەللىم ناھايىتى تەكەللۇپ ۋە ئۆتۈنۈش ئىچىدە خىتاپ قىلدى: « مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بىز بۈگۈن ساھىپخان، سىيرتتىن كەلگەن نۇرغۇن مويسىپىت ئاتىلار، ئاكىلار ئۈرە تۇرۇپ قالدى، شۇڭا سىلەر ئورنۇڭلانى ئۇلارغا بوشىتىپ بىرىپ ياندا تۇرۇپ ئاڭلىغان بولساڭلا». ئۇنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن 100-150 چە يىگىت - قىز ئورنىدىن دەس تۇردى...زالدا ئۇلارغا رەھمەت دىيىلىپ گۈلدىراس ئالقىش ياڭرىدى... زالدا ئۈرە تۇرۇدىغانغىمۇ يەر قالمىدى، زال سىرتىغا كاناي ئورنىتىلپ سىرتتا تۇرۇپ ئاڭلايدىغانلارغا قولايلىق يارىتىلدى...
بۇ لىكسىيەنى ئاڭلاشقا كەلگەنلەر ئىچىدە ئاز بىر قىسىم كادىر زىيالىلاردىن باشقا كارخانىچى، سودىگەرلەر، تىجارەتچىلەر، دىنىي ساھەدىكى ئۆلىمالار ۋە باشقا ساھەدىكى ئىلىم ئاشىقلىرى...بار ئىدى، نەچچە يۈز كىلومىتىر يول يۈرۈپ كەلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
لىكسىيە داۋامىدا ھەر نەچچە مىنۇتتا ھەتتا نەچچە ئون سېكونتتا بىر قېتىم ئالقىش ياڭراپ تۇردى. نۇرغۇن كىشىلەر سىن ئالغۇ، تېلىفۇنلىرىدا نەق مەيداننى تۇلۇق سۈرەتكە ئالدى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر خاتىرلىدى...
خوتەندىكى ئىلىم ئاشىقلىرى ئالىملىرىمىزنىڭ ھېكمەتلىرىدىن ئوزۇق ئالدى، ئالىملىرىمىز خوتەنلىكلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى. سائەت 11 يېرىملاردا لىكسىيە ئاخىرلاشتى، ئالىملىرىمىز جامائەتكە، جامائەت ئالىملىرىمىزغا قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.
كەچتە «ئىتتىپاق»مەيدانىدا سەيلە قىلىدىغانلانىڭ ئاغزىدا شۇ پاراڭ: لىكسىيەنى ئاڭلاشقا بارغانلار ئۆمرىدە مۇنداق خاسىيەتلىك پائالىيەتنى تۇنجى كۆرگەنلىكىنى
ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشمەكتە، كىلەلمىگەنلەر پۇشايمان- نادامەتتە.
ھەممەيلەن پائالىيەتنى تۇلۇق سىنغا ئالغانلارنىڭ ئۇنى تىزراق تور مۇنبىرىگە يوللىشىنى تىلەشتى.....
نەق مەيداندا بارلار مەزمۇننى داۋاملىق تۇلۇقلىغايسىلە. |
|