- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1077
- نادىر
- 0
- يازما
- 98
ئۆسۈش
  7.7%
|
apandim111 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 00:39 
كەنت كادىرىنىڭ ھوقۇقى شۇنچە چوڭما جەنۇبى شىنجاڭدا؟
ئۇلارنىڭ ھوقوقىنى چوڭ قىلىۋەتكەن ، كەينىدىكى قارنى تويماس باشلىقلار ، مەن بىر تۇققىنىمىز تۇرۇشلۇق يېزىدىكى كەنت شۇجىسىنىڭ ، دائىملا سىرتتا نايناق خېنىملار بىلەن رېستۇرانلارغا كىرىپ كېتىۋاتقىنى ۋە ۋالىي دەرىجىلىك باشلىقلار بىلەن تېلىفۇندا ئۇچۇق ئاشكارە ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ، ئۇ باشلىققا لازىملىق نەرسىلەرنى چوقۇم يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىۋاتقىنىنى دائىم كۆرۈپ قالاتتىم . تۇققىنىمدىن ئۇ شۇجىنىڭ ئۇنچىۋالا باي ئەمەسلىكىنى ، ئەمما كەنت شۇجىسى بولغاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا باي بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئاڭلىسام كەنت ئەزالىرى ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلمىسا بىر تۈپ دەرەخكىمۇ ئىگە بولالمايدىكەن.ئەمما كەنت دەرەخلىرى بىر كېچىدىلا كېسىلىپ توشۇلۇپ كېتىدىكەن . ئاندىن ئەتيازدا دېھقانلارنى تېرەك كۆچىتى تىكىشكە بۇيرۇيدىكەن.شۇنىڭدەك ئىشلار نۇرغۇن..... |
|