- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 765
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
  53%
|

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wisal214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 19:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كەمىنە ۋىسالدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،ھەممىڭلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ،خىزمىتىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىنى تىلەيمەن،
مەخسەتكە كەلسەك:مەن بۇ مۇنبەرگە تىخى يىڭى ئەزا بولۇپ كىرگەچ، بۇ يەردە تورداشلاغا ئارتۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرۇش سالاھىتىممۇ يوق ئىدى،بىراق نەچچە كۈندىن بىرى مۇنبەردىكى نۇرغۇن تېمىلارنى كۆرۈپ كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتۈپ كەتكۈم كەلمىدى،ئەگەر قىلغان گىپىم تورداشلارنى رەنجىتىپ قويسا سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن،
مەن بۇ مۇنبەرگە رەسمى ئەزا بولۇپ كىرمەستىن تارتىپ تا ھازىغىچە نۇرغۇن تېمىلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدى ھىس قىلشىمچە باغداش مۇنبىردە سەۋيەسى يۇقىرى قوسغىدا ئومچى بار ئەزالار شۇنداق كۆپكەن،بىراق نىمە سەۋەپ بىلمىدىم يوللانغان تېمىلاردا ئىملا خاتالىقى شۇنداق كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ تۇرغىنى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسىم قىپ قويدىكەن،مەنغۇ بىرە مەتبۇئاتنىڭ مۇھەررىرى ئەمەس ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر چالا ساۋات ئادەم،بىراق ئانا تىلنى قوغداش يولىدا تور دۇنياسىدا ھارماي تالماي جاپا چىكىۋاتقان جاپاكەشلەر توپلانغان مۇشۇنداق بىر سورۇندا ئىملا خاتالىقى شۇنداق كۆپ تېمىلارنىڭ يامراپ كىتىشى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشمۇ قانداق؟
تورداشلاغا دەيدىغىنىم ھىچكىم بىزنى قوغلاپ يۈرگىنى يوق،بىرەر تېمىنى تورداشلاغا سۇنۇشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەندە ئامال بار ئالدىرماي ئۇيغۇرچە يىزىقنىڭ ئىملا قائىدىسى بويچە رەتلىك يىزىپ يوللىغان بولساق،ئەنە شۇ ۋاقىتتا تېمىنى ئوقۇغان كىشىمۇ ناھايتى ياخشى چۈشەنگەن،ھەم شۇ تېمىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تىخىمۇ ياخشى ئوتتۇرغا قويغان بولاتتى،ئىملا خاتالىقى تۈپەيلى مەزمۇن ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئىشلامۇ بولمىغان بوللاتتى،
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم رەنجىمىگەيسىلە،
ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئانا تىلمىزنى توغرا ھالەتتە كىيىكى ئەۋلاتلاغا يەتكۈزەيلى!!! |
|