رۇسىيە ئاۋازى:
تۈركىيە ھەربى تەرەپ: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرمەكچى
ئىران خەلقارا رادىيو ئىستانىسى ئىسرائىلىيە ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دىدى: تۈركىيە ھەربى تەرەپ باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ تۈركىينىڭ چۇقۇم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر چوڭ خەلقارالىق كۈچ بۇلۇپ قالىدىغانلىقى، تۈركىينىڭ چوقۇم بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر ئەزا دۆلىتى بۇلۇشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھەربى تەرەپنىڭ ئىچكى مەتبۇئاتىدىكى بىر ماقالىدا مۇنداق دىيىلگەن: تۈركىيە چوقۇم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشىلاتىدىكى دوسىت دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ رەسمى ئەزا دۆلەت بۇلۇشى كېرەك. تۈركىيە بولسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرگە خۇشنا دۆلەت، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىنىرگىيە بايلىقلىرنى غەربكە تۇشۇشتىكى كارىدور، تۇركىيە بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخى مۇناسىۋىتى بار.
ئىران خەلقارا رادىيو ئىستانىسى مۇنداق كۆرسەتتى: تۈركىينىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىكى ھەم ئامېركا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسۋىتنىڭ قويۇقلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ئەنقەرەنىڭ بۇ تەلىپى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىتىگە خىلاپ.
مەنبە: http://chinese.ruvr.ru/2013_03_20/108444651/