بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 19:31
تەرتىپ ھەممىدىن ئۇستنمۇ؟ جاڭ بىيشى دولان تەرجىمىسى
گېرمانىيە فاشىسىت ئەسكەرلىرى ئادەم ئۆلتۇرىشتە « تەرتىپ ھەممىدىن ئۇستىن » دىگەنى ئەڭ چوڭ باھانە قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ« بۇ كىم ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىدىغان تەرتىپ »، « بۇ تەرتىپ كىمگە پايدىلىق » دەپ سوراشقېمۇ رۇخسەت قىلمىغان ئىدى. بۇ يەردىكى تەرىپ بىلەن فىۋۇداللىق ئەدەپ-قائىدە ئوخشاشلا ئادەم يەيدىغان نەرسىدىن ئىبارەت. گىرمانىيە ئەينى چاغدا « تەرتىپ » دىگەندىن باشقا يەنە « جامائەت ئامانلىقى »، « خەلق مەنپىئەتى » ۋە « دۆلەت مىللەت مەنپىئەتى » دىگەنلەرنى باھانە قىلىپ كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالغان. گىتلىرگە ئوخشاش تارىختا يەنە قانچىلىغان ھۆكۇمىرانلارنىڭ ئاشۇنداق « سەلتەنەتلىك » ئىبارىلەر بىلەن باشقىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئۆزمەنپەتىنى قوغدىغاندۇ؟، تارىخقا نەزەر سالغاندا ئاشۇنداق « سەلتەنەتلىك » چەكلەش پەرمانىنى ئويلىسا كىشىنى ئىختىيارسىز تىترەكباسىدۇ.
|