- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12942
- نادىر
- 19
- يازما
- 665
ئۆسۈش
7.36%
|
مەنمۇ بۇ سېستىمىدىن 248 يۈئەنگە بىرنى سېتىۋالغان، نەچچە كۈندىلا كۆنۈپ كەتتىم. ھەم تېز، ھەم قولاي.
ھازىر ۋىندوۋىس8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قاچىلىغان بىلەن ئوفىس خەنچە بولغاچقا مەشغۇلات جەريانىنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا خەنچە. شۇڭا ئىشلىتىشتە تازا قولاي ھېس قىلمىدىم.ئوفىسنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا قاچىلىسام بولاتتى.
قانۇنىي يول ئەپەندىنىڭ ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش توغرىسىدىكى تېمىسىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن بولساممۇ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرمىدىم (بۇ مېنىڭ ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشنى قوللىمىغىنىم ئەمەس، بەلكى، يىراق ئاقسۇدا تۇرۇپ بىرەر ئەمىلىي ئىش قىلىشقا ياردەمدە بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلغىم كەلمىدى). بىراق نۇرغۇن تورداشلار ئۇ تېمىغا ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلغا تۇتقان ئاكتىپ پوزىتسىيسىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈپتۇ. ئەمدىكى گەپ، ھازىر ئانا تىلنى قوغداشتا سۆزلەش بىلەن ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئىككى ئىش تۇرۇپتۇ. بىزدە بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر ئىككىسى مۇھىم. ھەم سۆزلىشىمىز ھەم ئەمىلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا مەن بىر سوئال قويسام، قېنى ئانا تىل توغرىسىدىكى تېمىغا ئاكتىپ پىكىر بەرگەنلەردىن قانچەيلەن ئۇيغۇرچە ۋىندوۋىس8 نى سېتىۋالدىكىن؟ كۆپچىلىكنىڭ بۇ يەردە مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرىشى ھاجەتسىز. پەقەت بىز ئۇيغۇرچە سېستىمىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاك ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ئەمىلىي كۈچ چىقارساق شۇ كۇپايە.
مەن بىر نامرات ئادەم، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقىم ناھايتى ئېغىر. شۇنداق تۇرۇپ سېستىمىنى 248 يۈئەنگە سېتىۋالدىم. يەنە سۆزلىگەندە %99.9 ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتىمەن. خەت يازغاندىمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئىمكان بار ھۆرمەت قىلىۋاتىمەن. باشقىلار خەنچە ئارلاش گەپ سورىسا ئىمكان بار چۈشەنمىدىم دەپ، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىمەن. قېنى ئانا تىلنى سۆيۈشتە سىزمۇ شۇنداق قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئانا تىلىڭىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىرەر قېتىم بەدەل تۆلەپ باقتىڭىزمۇ؟
مەن ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىدە، قانۇنىي يول ئەپەندىگە چىن قەلبىمدىن قايىل ھەم ئۇنىڭ جاپالىق ھەرىكىتى ۋە سۇنماس ئىرادىسىگە كۆپ ئاپىرىن ئېيتىمەن!
ئۇنى قوللىغان ئەزىمەتلىرىمىزگىمۇ چىن قەلبىمدىن سالام يوللايمەن! |
|