- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
جۇڭگو باھا ئۆرلەش مەزگىلىگە كىرەمدۇ؟
2013.03.27 16:47 مەنبە: خەلق تورى
-مەن بۈگۈن ئوغلۇمغا ئاتاپ بېلىق ۋە كۆكتات سېتىۋالغانتىم، قارىسام يېنىمدا 100 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۈگەپتۇ-، دېدى چېن خانىم ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ، -ھازىر 100 يۈەن ھېچقانچە يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.
2013-يىل كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار پۇل بارغانسېرى پۇلغا يارىمايدىغان بولۇپ كەتتى، باھانىڭ يوقىرىلىقىدىن پورتماللىرىمىز ھەمىشە قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. بۇ ھەقتە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر 2013-يىلى جۇڭگو باھا ئۆرلەش مەزگىلىگە كىرىشى مۇمكىن، دېدى.
نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى سۇڭ سۇڭشىڭ «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى، ئاھالىلەرنىڭ «يوقىرى، قۇبۇل قىلالمايمىز» دېيىشىدە ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار: بىرى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان پۇل پاخاللىشىپ، مال باھاسى ئۇدا ئۆرلىدى، كۆپچىلىك ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرۇپ مال باھاسىنىڭ ناھايىتى يوقىرىلىقىنى سەزدى. يەنە بىرى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى تېز ئەمەس، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە پۇل پاخاللىشىشقا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز، شۇڭا كىشىلەر مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى روشەن ھېس قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يىمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچتىن ئېشىپ كەتكەن، پۇقرالارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىۋاتقاچقا، كىشىلەرنىڭ «باھا يۇقىرى» دېگەن تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. |
|