- تىزىملاتقان
- 2013-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1013
- نادىر
- 0
- يازما
- 74
ئۆسۈش
  30.43%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 20:04
ئۆزىنى چىن جى گاڭنىڭ ئادۇۋكاتى دەۋالغان بىرسى ماڭا تېلفۇن قىلىپ «ئوبلاستنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجسى چىقتى ، چىن جى گاڭ ھىچقانداق پۇلنى يېمەپتۇ ،پەقەت يۆتكەپ ئىشلىتپتۇ ،شۇڭا چىن جى گاڭ سېنىڭ ئۈستىڭدىن ئەرىزقىلماقچى،ئەگەر سەن باغداش توردىكىنى ئۆچۈرۋىتىپ ،چىن جى گاڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەپۇ سورىساڭ ،سېنى كەچۈرىۋىتشى مومكىن»دېدى.
مەن ئۇنىڭغا سوتتا كۆرۈشەيلى دېدىم .ئاتالمىش ئادۇۋكاتنىڭ دېيىشىچە مەن چىن جى گاڭنىڭ كىشلىك ھوقۇقىغا دەخلە -تەرۇز قىپتىمەن .
2011 -يىلى 560 ئائىلىگە ئېلىكتىرونلۇق ئارخىپ ئشلىگەن، لېكىن بۇ ئائىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى پۇل ئالمىغان ياكى ئۆي سالمىغان بولسمۇ پۇل ئالدى دەپ يوللانغان، ھەتتا نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشغا كىرگىنىنى ئۇقمايدۇ.سەن ئۇلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىغا دەخلە- تەرۇز قىلمدىڭما ؟
دۆلىتىمىزنىڭ ئەمىن ئۆي بەلگىلىمسدە ئېنىق قىلىپ «ياردەم پۇلدىن بىر ئائىلدىن پەقەت بىر كىشى بەھىرلندۇ ،بىر يىل بەھىرلىنىپ بولغان بولسا ،ئائىلسدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ يەنە بەھىرلنىشگە يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ مەسلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەيلى رەھبىرى كادىر، مەيلى مەسئۇل كادىر بولسۇن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندۇ »دېيىلگەن .
لېكىن بىزنىڭ يېزىدا 2011-يىلى ياردەم ئالغانلار 2012 -يىلى يەنە ئالغان (ئايالنىڭ نامدا).دېمەك ئەمىن ئۆي قۇرلۇش پۇلى ئۇلار ئۈچۈن خۇددى يانچۇقتىكى پۇلنى خەجلىگەندەكلا بولغان،خالىغانغا بەرگەن،خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلەتكەن .دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمغان.
ئىملاسى تۈزىتىلدى،ئىملاغا دىققەت قىلىڭ |
|