- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2170
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
ئۆسۈش
5.67%
|
يىقىندا تىڭشۈن تورىدا ئىلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،2013- يىلى نەنجىڭ شەھىرى دونيا بىر سائەتلىك توك ئۆچۈرۈش كۇچ ئۇلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان . لىكىن كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دە پۈتۈن نەنجىڭ شەھىرىدىكى چوڭ كىچىك بىنالارنىڭ يۇرۇتۇش چىراقلىرى تولۇق ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لىكىن شەھەرنى توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش مىقدارى تۆۋەنلىمەستىن تېخىمۇ ، ئىشىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان . بۇ ئىش توردا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن تورداشلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى : بۇ بىر شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت ، چەتئەللەردە بارلىق پۇقرالار بۇ پائالىيەتە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ، لىكىن جوڭگودا مۇشۇ پائالىيەتمۇ بىر مەمۇرىي بۇيرۇققا ئايلىنىپ ، بەزى شەھەرلەردە توكىنى ئۆچۈرمىگەن شىركەت ۋە ئورۇنلاردىن جەرىمانە ئىلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن . ئوخشاش بىر پائالىيەتنىڭ ، نىمىشا ئۈنۈم ئوخشىمايدۇ ؟ بۇ ئىش بىزگە يەنە نىمىلەرنى ئويلاندۇرىدۇ ؟ |
|