- تىزىملاتقان
- 2013-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5818
- نادىر
- 0
- يازما
- 604
ئۆسۈش
  16.36%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇگۈن مەن ئەتىگەندە دۇككاننى ئىچىپ تور ئارلاپ ئولتۇرسام ، ناھايىتى سالاپەتلىك كىينگەن ، بىر كىشى كىرىپتۇ دۇككانغا ،كىرىپلا ئۆزىنىڭ يەكەندىن كەلگەنلىكىنى ، قىزىنىڭ كىرەمباغ دوختۇرخانىدا ئىغىر كىسىەل بولۇپ يىتىپ قالغانلىقىنى ، ئامالسىز ياردەم سوراپ كەلگەنلىكىنى ئيتتى. ئۇلۇغ جۇمە كۈنلىرنى ، يىگانە ئاللاھنى شپى كەلتۇرۇپ تۇرۇپ ، قولىدىكى يۈز يۈەنلىك ، پارچىسى ئون يۈەنلىك پۇللارنى كۆرسەتتى دە، قوشنا دۇككاندىكىلەر يۈز يۈەندىن بەردى ، سىلىمۇ ئاتىغانلىرىنى بەرسىلە دىدى.
يىنىمغا قاراپ 15 كوي پۇلدىن 10 كوينى ئۇ كىشىگە بەرسەم قوشنا دۇككانلارغا چىقىپ كەتتى.
( ئەلۋەتتە باشقىلارغا ئوخشاش ناھايتى ئوبدان دۇئالارنى قىلدى.) .
5 مىنۇت ئۆتە ئۆتمەي ، يان تەرەپتىكى دۇككان قوشنىمىز كىرىپ كەپتۇ ، سىلە نەچچە پۇل بەرلە دەپ ، 10 كوي بەردىم دىسەم ، ئۇلار بىز ئالدىنىپ قاپتۇق دەيدۇ، ئەھۋالدىن ئۇقسام ، ئۇ كىشى قوشىنمىزنىڭ بالىسىغا ياخشى دۇئا قىلىپ قويىمەن ، دەپ ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ ، قوشنىمىز 50 كوي بەرسە ، يەنە 20 كوي بەرسە باشقىلار يۈز كويدىن بەردى دەپ 20 كوينىمۇ ئاپتۇ -دە چىقىپ كىتىپتۇ،
مەن ئويلاپ قالدىمكى ، ئەگەر ئۇ كىشى ھەققەتەنمۇ ھاجەتمەن بولغان بولسا بەرگەنگە رەھمەت دەپ شۈكۈرى قىلىپ چىقىپ كىتەتتى، (ئەمىليەتتە ھىچكىم يۈز كوي بەرمەپتىكەن). مۇشۇنداق كىشلەرنى بۇرۇن ئۈرۈمچىدە كۆپ كۆرگەن ، ئەمدى ھەممە يەرگە يامرىغان ئوخشايدۇ . بۇلارنى قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى....
بۇنداق قىلسا ، مۇشۇلار سەۋەبلىك ھەققي بىشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ھېچ كىم ئىشەنمەس بولۇپ ،ئۇلار ياردەمسىز قالمامدۇ؟ كىشىلەر ئارا مېھرى-مۇھەببەت سۇسلىشىپ ، ئۆز -ئارا ئىشەنچىسىز بولۇپ قالمامدۇ ؟؟؟ ئەنە شۇلارنىڭ ئۇۋالىغا كىم قالار......
مەن دەيمەن سىلەرمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققانمۇ ؟ بۇنداق كىشىلەرنى قانداق قىلىپ يوقاتقىلى بولمىسىمۇ ، ئازايتقىلى بولار ؟؟؟
مەنبە: ئەتىگەنلىك كەچۈرمىشلىرىم. |
|