- تىزىملاتقان
- 2012-8-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 25008
- نادىر
- 0
- يازما
- 1956
ئۆسۈش
  37.52%
|
مەكتىۋىمىز ھەر يىلى، ھەر مەۋسۇم بېشىدا ، ئايلانما دەرس ئۆتۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ پائالىيەتكە ھەرقايسى ئوقۇتۇش گورۇپپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچلار قاتنىشىشى كىرەك.بۇقېتىم بىزنىڭ ماتېماتكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار پۇختا تەييارلىق بىلەن دەرسىنى ئۆتۈشكە ئاتلاندى.مانا بۈگۈن4-يىللىق 2 - مەۋسۇم قۇشۇشنىڭ ئۇرۇن ئالماشتۇرش قانۇنى دىگەن دەرسنى بىزنىڭ خېلى تەجرىبىلىك بىر ئايال ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلەپ بەردى.دەرس ئىشقىلىپ خېلى ئۇڭۇشلۇق تاماملاندى.ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرسخانىدا خېلى ئاكىتىپ رولىنى جارى قىلىدۇردى. دەرس ئاياغلاشقاندىن كىيىن بۇ دەرسنى باھالاش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەنزۇ ئوقۇتقۇچلار بىر يەرگە يىغىلدۇق.بۇ ئوقۇتقۇچى دەرسى توغرىلىق قايتا ئويلىنىشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدىغان بولدى. خەنسۇ رەھبەرلەرمۇ بۇ ئوقۇتقۇچىنى خەنسۇچە ئوتتۇرىغا قويغىن دەپ تەلەپ قىلدى.بۇ ئوقۇتقۇچى مەن خەنسۇچە ئوتتورىغا قۇيالمايمەن. مەن تىلدا قىينىلىمەن دىدى. ئەتراپتا تۇرغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەھۋال چۈشەندۈردى. لىكىن يەنىلا خەنسۇچە دېيىشكە ئۈندىدى. بىز مىللىي ئوقۇتقۇچلار ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى سۆزلەش ئۈچۈن قانداق جاپادا تەييارلايدىغانلىغىنى بىلىمىز. خەنسۇچنى يادلاپ بولسىمۇ بىر سائەتلىك دەرسنى شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالدا ئۆتۈپ تۈگەتتى. مەن شۇ چاغدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: تىل ئۆگىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،بۇ ئوقۇتقۇچىنى بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قويساق بولمايدۇ.بۇنى توغرا چۈشىنىەيلى دەپ چۈشەندۈردۇم.ئو ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن قايتا ئويلىنىشنى خەنسۇچە تەرجىمە قىلىپ بەردۇق. ئارقىدىن خەنسۇ يولداشلار دەرسنى باھالاپ ،دەرسكە بولغان باھالىرىنى بەردى. بىز مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىرە ئېغىزدىن ئوتتۇرىغا قويدۇق.بىز ئۇيغۇر خەنسۇ ئارلاش مەكتەپ بولغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ، دەرس ئۆتىدىغان چوڭ پائالىيەتلەردە بىللە بولغان بىلەن باشقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا پائالىيەت قىلاتتۇق.نېمە ئۈچۈن دىگەندە خېلى كۆپ قېسىم ئوقۇتقۇچىلار تىل جەھەتتە ئىپادىلەشتە قېيىنچلىق بار ئىدى. رەھبەرلەر بۇنىڭدىن كىيىن ھەر قانداق پائالىيەت بىر بۇلىدىغانلىغنى ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەشتە تېخىمۇ تىرىشىش لازىملىغىنى،دەرسنى باھالىغاندا مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقاتچىسى تەلەپ قىلغان ئۆلچەم بۇيىچە ،قوشتىل 85پىرسەنت بولدىمۇ يوق ؟ مۇشۇلارنى ئۆلچەم قىلىپ دەرس باھالايدىغانلىغىنى دەپ بۇ قېتىمقى دەرس باھالاشنى ئاياغلاشتۇردى.
|
|