2013-يىللىق جوڭگۇ Bدەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسى
2013-يىللىق جوڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيتى Bدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا تىزىملاش ،گۈرۇپپىغا ئايرىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى . بۇ قېتىم 16كوماندا تىزىمغا ئالدۇرغان بۇلۇپ ،بۇ 16كوماندا جەنۇبىي رايۇن ۋە شىمالىي رايۇندىن ئىبارەت ئىككى رايۇنغا ئايرىلدى.( بىزنى خۇشال قىلىدىغان يىرى شۇكى بۇلتۇر شىنجاڭلىقلارغا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىمۇ بۇ تىزىملىكتە بار.)
شىمالىي رايۇنغا ئايرىلغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە:شىنجاڭ ياشلار،خۇبېي جۇڭچى،تىيەنجىن پاراۋۇز،گەنسۇ ئاۋشىن،چىڭخەي سىنكې،شېنياڭ دوڭجىن،لىياۋنىڭ ياشلار،چىڭخەي خەينىيۇ جەنۇبىي رايۇنغا ئايرىلغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە:شېنجېن فېڭپېڭ،دالى رۈيلوڭ،جىياڭشى لىيەنچېڭ،شەنشى لاۋچېڭگېن،مېيشىيەن كېجىيا،لىجىياڭ جىيايۈنخاۋ،مېيجوۋ كېجايا،شەندۇڭ تېڭدىڭ
2013年中国足球乙级联赛分区情况
北区:甘肃奥鑫、沈阳东进、青海森科、河北中基、新疆青年、天津火车头、辽宁青年、青岛海牛
南区:深圳风鹏、大理锐龙、江西联盛、陕西老城根、梅县客家、丽江嘉云昊、梅州客家、山东滕鼎
2013-يىللىق جوڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيتى Bدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ19-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ.ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانى ئۈرۈمچى 2-قەسىر(二宫) تەنتەربىيە مەركىزى بۇلىدۇ،بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش. پۇتبول سۆيەر دوسلارنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلغايسىلەر! ھۇررا سادالىرىمىز ئۈزۈلمىسۇن! |