- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3904
- نادىر
- 1
- يازما
- 236
ئۆسۈش
63.47%
|
كۆچەت تىكىپ،ئورمان ئەھيا قىلىش خەلققە پايدىلىق ساۋاپلىق ئىش،بولۇپمۇ يىشىللىقىنى سۆيۈش،يىشىللىقىنى قوغداش،ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق مۇھىتتا ياشاۋاتقان بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى.بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىسىنىڭ ئالدىمۇ گۈل،ئارقىسىمۇ گۈل،ئىچىمۇ گۈل،شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرنىڭ قەلبىمۇ گۈل.ئۇيغۇر ئۆيىنىڭ ئەتىراپىدا كىچىك بولسىمۇ چوقۇم بىغى بولىدۇ.ھويلىسىنىڭ ئەپلىك ئورۇنلىرىغا ئۈزۈم تال،ھەرخىل گۈل-گىياھلارنى،مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ،پەرۋىش قىلىدۇ،ئۆيىنىڭ دىرىزە تەكچىلىرىگە تەشتەكلەرگە تىكىلگەن گۈللەرنى تىزىپ قويىدۇ،دىمەك ئۇيغۇرلار تىپىك گۈلخۇمار مىللەت.يىشىللىقىنى سۆيىدىغان مىللەت.
لىكىن بىز يەنى ئاشۇ يىشىللىقنى سۆيىدىغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنىتلىرى مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىدىغان بىر ئىشقا قارشى چىقتۇق.<<كۆچەت ئالىمىز،ئىئانە>>دىۋىدى،<<بەرمەيمىز>>دىدۇق،بىز شۇنداق دىيەلىدۇق.ئاچچىق بىلەن شۇنداق دىيەلىدۇق.كىم سەپەرۋەر قىلغان،كىملەر سەپەرۋەر قىلىنغان،كىمگە بىرىدىغان ئىئانە ،نەچچە بۇل،دىمەمسىز؟يىزىلىق پارتىكۇم سەپەرۋەر قىلغان،بىز ئوقۇتقۇچىلاردىن مەجبۇرى ئالىدىغان،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن50يۈەن،كۆچەت سىتىۋالىدىغان ئىئانىكەن....
بىز بۇ ئىئانىنى ھازىرچە بەرمىدۇق ھەم بەرمەيمىز،نىمە ئۈچۈن؟سەۋەبى مۇنداق:
1.<<ئىئانە>>دىگەن ئىختىيارى بىرىلىشى كىرەك،لىكىن بىز مەجبۇرلاندۇق،<<چوقۇم >>دىگەن ئىبارە بار.ھەتتا بەرمىگەنلەر ئەتە يىزىلىق پارتىكۇم شۈجىسىگە-<<بايتىلىرىغا>>ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرىدۇ دىگەن قورقاق بار.
2..<<ئىئانە>>دىگەن قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغانلارغا بىرىلىدىغان نەرسە،لىكىن بىز جۇڭگۇ كومپارتىيسىنىڭ غەمخۇرلىقىدا يىزىلىق پارتىكۇمنى نامىرات دەپ قارىمايمىز.
3.تەخمىنەن ئىككى كىلومىتىر كىلىدىغان يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا ئورمان ئەھيا قىلىش يىزىلىق پارتىكۇمنىڭ قىلىپ كىتەلەيدىغان ئىشى دەپ قارىدۇق.
4.بىز تىخى ئۈچىنچى ئايلىق مائاشىمىزنى ئالمىدۇ،ئىككىنجى ئايلىق مائاشىمىزنى ئىككىنجى ئاينىڭ بىشىدىلا ،يەنى بىز ئۇيغۇرلارنى چاغاندا پۇلدىن قىسىلىپ قالمىسۇن،بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن دەپ بىراقلا بىرىۋەتكەن. پۇل يوق.
5.جان قۇتقۇزىدىغان ئىش بولسا بىرەتتۇق،قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن ئىغىر بولغان بولسا،ئىشلار ھەقىقەتەن ئىئانىگە مۇھتاج بولغان بولسا بىرەتتۇق.100يۈەن بولسىمۇ بىرەتتۇق.مەقسەت چۆلنى بوستان قىلىدىغان چوڭ ئىش ئەمەس،پەقەت ئىككى كىلۇمىتى ئۇزۇنلۇقتىكى يولنىڭ ئىككى گىرۋىكىنى كۆكەرتىش.
6.ئوقۇتقۇچى بولۇپ،(يەتتە يىلدىن بىرى) يىزىلىق پاتىكۇم نامىدىن<<ئوقۇتقۇچىلار ،بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،ماۋۇ بىزلەرنىڭ كۆڭلىمىز>>دەپ بىر قاچا سىقماق لەغمەن ئىلىپ بەرگىنىنى بىلمەيمەن.(مەقسەت تاماقتا ئەمەس،قوشاققا قاتمىغايسىز).
7.يىزا مەركىزىدىن مەكتىۋىمىزگىچە بولغان 20كىلومىتىرغا يىقىن يىزا چوڭ يول بۆلىكى تىخىچە شىغىللىق يول. تارىخىتىن بىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلمىغان،2007يىلىغۇ دەيمەن،بىر قىتىم مۇشۇ يولنى ياساش ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان ئىدى بەردۇق،20يۈەندىن،توپا قۇرۇلۇشىنى ياساپ قۇيۇپ كىتىپ قىلىشتى،ھازىرغىچە شىغىللىق يۇلدا قاتناۋاتىمىز 20كىلومىتىر يولنى 50مىنۇتتا.مۇشۇ ئىشتا سوتىسيالىزىمنىڭ ئەۋزەللىكى تىخى بىزنىڭ بۇجايغا يىتىپ كەلمىدى.<<يول>>بولمىسا ھازىر ھەدەپ تەكىتلەۋاتقان تەرەققىيات،بىيىش...دىگەنلەردىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن.
8.<<شىنجاڭ مائارىپى>> دىگەن بىر ژۇرنال بار،مەجبۇرى مۇشتىرە بولىدىغان،ئۆتكەن يىلى بىر يىل ژۇرنال تارقىتىلمىدى،سەل بىشىنى ئاغرىتساق،بۇ يىل بىرىنجى ئايدا تىڭى بار،تىڭى يوق تارقىتىپ بىر يىللىق ژۇرنالنى جۇغلاپ بەردى،يەنە مۇشتىرە بول دىدى،ياق،ۋاقتىدا،تولۇق بەرمىگەندىن كىيىن مۇشتىرە بولمايمىز دىدۇق،ئاخىرى قاتناش ياردەم پۇلىمىزىن مەجبۇرى تۇتۇپ،مەجبۇرى مۇشتىرە قىلدۇردى،مانا 3-ئايمۇ چىقىپ كەتكىلى تۇردى،بىر سان ژۇرنالمۇ يوق.......................................قايسى بىرىنى ئىيتىپ بولاي.
ھازىرچە بەرمەي تۇردۇق،بەرمەيمىز دىدۇ،<<ئىغىر كىسەل بولسا بىرەيلى،ئاپەت يۈز بەرگەن بولسا بىرەيلى،بىر يىزىنىڭ كىچىككىنە يەرگە كۆچەت تىكىشكە قۇربى يىتىدۇ >>مانىڭغا بەرمەيمىز دىدۇق،خوشنا مەكتەپتىكىلەر بىرىپ بوپتۇ،لىكىن بىز چىڭ تۇرىۋاتىمىز،بەرمىگەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ،يىزىغا يوللاپ بەرگۈدەك،يىزىدىكىلەر بىر ئامال قىلىپ ئالامىش،ئاخىرى قانداق بولاركى بۇ ئىشلارنىڭ.شۇ پىكىرىدە چىڭ تۇرالايدىغانلار قانچىلىك
ئىئانە بەرسەك بولىدۇ،50يۈەندىن بىرنى،ئىككىنى بەرسەك بولىدۇ،ئىئانىگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلساق بولىدۇ،لىكىن ئىئانە ئۆز ئورنىنى،ئۆز جايىنى تاپسۇن.بىر يىزا ئاشۇ كىچىككىنە يەرگە كۆچەت تىكەلمەيدىغان يەردە ئەمەس،
تورداشلار،يىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن مۇشۇنداق ئىئانىلەرنى مەجبۇرى تاپشۇرۇشقا قىستىشى توغرىمۇ؟ |
|