ئەسلى تېمىسى: چاۋىسقا «ماتەم» تۇتقان ئىت ھەربىي تەرەپ تەرىپىدىن بېقىۋېلىندى
خەلق تورى كاراكاس 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋېنسۇئىللا زۇڭتۇڭ چاۋىس ئۈچۈن ئاخىرى كۈنلۈك ماتەم مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلغان. ماتەم مۇراسىمى جەريانىدا بىر ئىت ھەممە ئادەمنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. ئۇ باشتىن-ئاخىر چاۋىسىنىڭ جەسىتى سېلىنغان ماشىنا ئەترىتىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان، بۇ جەرياندا بۇ ئىت نۇرغۇن قېتىم سىن ئالغۇغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە ئىت ھەربىي تەرەپ تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان ھەمدە ئۇنىڭغا «چوڭ پاقالچاق» دەپ ئىسىم قۇيۇلغان.
چاۋىسىنىڭ جەسىتى سېلىنغان ماشىنا مېڭىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، بۇ ئىت چوڭ يولدا ماشىنىنىڭ كەينىدىن ماڭغان. ماشىنا توختاپ كۆپ قېتىم بۇ ئىتقا يول بەرگەن ۋاقىتتا، ئىت ئەگىشىشتىن توختاپ باشقىلارغا يول بەرگەن.
ماشىنا يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتكەن ۋاقىتتا بۇ كىچىك ئىت خۇددى بۇيرۇق قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش ئۆزنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتقان. 12 كىلومېتىرلىق ئۇزىتىش مۇراسىمىدا كۆپ قېتىم يۆلىنىش ئۆزگەرتىلگەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ كىچىك ئىت ئوخشاشلا ماشىنىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قەدىمىنى بىرلىكلەشتۈرگەن.
ئىنقىلابى موزىيىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ كىچىك ئىت ئىشىك سىرتىدا پوستا تۇرغان.
چاۋىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلۈك ماتەم مۇراسىمىدا بۇ ئىتنىڭ ھەرىكىتى ھەممە ئەسكەرلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. ھەربىي تەرەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئىت ئاپشاركا ئىت قاتارىدا بېقىۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ۋېنسۇئىللا ئىچكى كابىنېت تەرەپمۇ بۇ ئىتنىڭ تەپسىلاتىنى تور ئارقىلىق ھەممە خەلققە ئېلان قىلغان.
مەنبە: نۇر تورى
|