- تىزىملاتقان
- 2013-1-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1140
- نادىر
- 0
- يازما
- 67
ئۆسۈش
  48.57%
|
قۇتبىل ئەقتاب سەئىد ھىدايتۇللا پىرى ئىشان ئاباق خوجا سۆزلىرىدىن ۋە قىلغان ئەتكەنلىرىن ئۈزۈندە:
«... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر «ئەۋلىيا»،«پىر» غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...»
ئاپئاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن - ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇئا قىلغان «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ:
«... مەن مۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز...»
ئاپئاق خوجا «تەخت - سەلتەنەت» كە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق، كۈچ - ئىمتىيازلىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ، مادارىدىن تولۇق كەتكۈزۈشكە ھەم ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىقسىز، شەرتسىز، تەخىرسىز، دائىم، تولۇق، ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان «مۆمىن» مەھكۇملاردىن قىلىپ تۇتۇشقا ۋە بۇ خىل ھالەتنى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىغا «تەقدىر» ئۇقۇمى بىلەن سىڭدۈرۈش (پەقەت بويسۇنۇشقا «يارىتىلغان» لىقىغا تەن بەرگۈزۈشكە، قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش) كە سەرپ قىلغان
ئاپئاق خوجا زامانى_ قەشقەرىيەى پۈتۈنلەي زۇلۇم، خۇراپات، نامراتلىق، ۋەھىمە، جەڭگى - جېدەل، خۇنخورلۇق، قاچ - قاچ راسا قاپلىغان ۋە قان پۇراپ تۇرغان زاماندۇر. چىداشقا «تەقدىر» پەتىۋاسى بىلەن ئەنە شۇنداق «كۆندۈرۈلگەن» ئۇيغۇر خەلقى تىرىكچىلىك، ئىنسانچىلىق قىزغىنلىقلىرىدىن بوشاپ، ئەۋھاپەرەسلىكنىڭ (دىنىي، روھىي ۋەھىمەنىڭ) دەردىدە چىرايلىرى توپا - تەرەت، ئۈستى - بېشى جۇلجۇل، جەندە، كۇلالىق سوپىلار، دەرۋىشلەر، شەيخلار، قەلەندەرلەر، ھەر شەكىلدىكى تەركىي دۇنيا ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىرىغا ئەگىشىپ، جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ، «ئۇ دۇنيالىقنىلا ئويلاپ» ئىمانى كامىللىققا يەنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» نىڭ غېمىنى قىلىشقا بەند قىلىنغان. |
|