- تىزىملاتقان
- 2013-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3857
- نادىر
- 0
- يازما
- 404
ئۆسۈش
  67.34%
|
بارىس ، مەن سىزگە بىر ھەدىسسنى ھەدىيە قىلاي .
ئىمام مۇسلىم مۇھەممەد ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ :
‹دوۋزاققا كىرىدىغان ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ ، مەن ئۇلارنى تېخى كۆرمىدىم . بىر تۈرى شۇنداق كىشىلەركى ، ‹قوللىرىدا› كالىنىڭ قۇيرۇقلىرىغا ئوخشاش قامچىلار بولۇپ ، ئۇلار بۇ قامچىلار بىلەن ئادەملەرنى ئۇرۇدۇ .يەنە بىر تۈرى شۇنداق ئاياللاركى ، بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ ، نايناقلاپ مېڭىپ كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ ، باشلىرى تۆگىنىڭ لوككىلىرىغا ئوخشاش لىڭشىپ تۇرۇدۇ . ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ . جەننەتنىڭ پۇرۇقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ . شەك-شۈبھىسىزكى جەننەتنىڭ پۇرۇقى ئەلۋەتتە مۇنداق ئۇزۇن مۇساپىدىنمۇ پۇراپ تۇرۇدۇ › يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دىيىلىدۇ :‹ شەك-شۈبھىسىزكى ، جەننەتنىڭ پۇرۇقى ئەلۋەتتە بەش يۈز يىللىق مۇساپىدىنمۇ پۇراپ تۇرۇدۇ ›
پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ :‹بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ ›دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق : يەنى ئۇلار شەكىلدە كىيىم كىيىۋالغان ، ئەمىلىيەتتە بولسا بەدەنلىرى يالىڭاچتەك كۆرۈنىدۇ . چۈنكى ئۇلار بەدەنلىرىنىڭ ئورۇق -سېمىز يەرلىرىنى ، شەيتاننىڭ پايتەختتىنى ۋە ئۇياتلىق جايلىرىنى يوشۇرالمايدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ .كىيىم كىيىشتىكى مەقسەت بەدەننى يېپىشتۇر . ئەگەر كىيىم بەدەننى ياپالمىسا ، ئۇنى كىيگۈچى يالىڭاچ دېگەن گەپ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ‹نايناقلاپ مېڭىپ كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ › دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق : يەنى ئۇلار نايناقلاپ مېڭىپ ئەرلەرنىڭ دىللىرىنى ئۆزلىرىگە تارتىدۇ . پىتنە قوزغاش ، ۋە ھەيرەتتە قالدۇرۇش مەقسىتىدە نازاكەت بىلەن ماڭىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ :‹ تۆگىنىڭ لوككلىرىغا ئوخشاش› دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق : يەنى ئۇلار چاچلىرىنى باشلىرىنىڭ ئۈستىگە تۈگۈۋالىدۇ -دە ، ئۇلارنىڭ باشلىرى تۆگىنىڭ لوككىسىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ . مانا بۇ مۇھەممەد ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ مۆجىزە سۆزلىرىدىن بىرىدۇر. |
|