- تىزىملاتقان
- 2013-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12245
- نادىر
- 0
- يازما
- 1136
ئۆسۈش
  5.61%
|
مەن كىچىك ۋاقتىمدا <ئۈچ قارىغۇنىڭ ساياھەتكە چىقىشى> دىگەن ھىكايىنى ئوقۇغان ئىدىم، بەلكىم كۆپچىلىكمۇ ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن. بۇھىكايە مۇنداق
ئۈچ قارىغۇ ھىندىستانغا ساياھەتكە بىرىپتۇ ،بۇلار شۇدۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋىنى پىلنى زىيارەت قىلىشىپتۇ.
بىر قارىغۇ پىلنىڭ بۇرنىنى تۇتۇپتۇ، يەنە بىر قارىغۇ پىلنىڭ پۇتىنى تۇتۇپتۇ، يەنە بىرى پىلنىڭ دۈبىسىنى تۇتۇپتۇ ،بۇلار ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ.
مەھەلىدىكى كىشىلەر ئۇلاردىن پىلنىڭ قانداقلىقىنى سورىشىپتۇ ، بىرىنجى قارىغۇ دەپتۇ:"پىل دىگەن چوڭ شلەنكىگە ئوخشايدىكەن" . ئىككىنجى قارىغۇ دەپتۇ:"پىل دىگەن تۈۋرۈككە ئوخشايدىكەن"، ئۈچۈنجىسى:"پىل دىگەن تۈپتۈز پۇتبۇل مەيدانىغا ئوخشايدىكەن" دىيشىپ بىربىرىنى يالغانچىغا چىقىرىپ ئۇرۇشۇپ كىتىپتۇ.
مانا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى مۇشۇ قارىغۇلارغا ئوخشاتسام خاپا بولمايسىلارغۇ دەيمەن . ئازراق بىلسەكلا باشقىلارنىڭ بىلگىنىنى چەتكە قىقىۋاتىمىز ھەتتاكى يالغانغا چىقىرىپ تاشلاۋاتىمىز .ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنىلا ھەقىقەت دەۋاتىمىز .ئىسىت ،بىز قاچانغىچە كۆزىمىزنى ئاچالماي يۈرەرمىز
|
|