قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 395|ئىنكاس: 0

بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ پەزىلەت ۋە پايدىلىرى بايانىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

12

دوست

6332

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1293
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 16:09:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ پەزىلەت ۋە پايدىلىرى بايانىدا


-يۈسۈپ خاس ھاجىپ



تىلەگىم ئىدى سۆز، ئەي ئالىم ھېكىم،
ئەقىل ۋە بىلىمدىن سۆزلەش مەقسىتىم.

ئەقىلدۇر چىراغتەك قاراڭغۇ تۈنى،
بىلىم - ئۇ يورۇقلۇق، يورۇتقان سېنى.

ئۇ ئەسەر ئەقىلدىن، بىلىمدىن بۇيۇر،
بۇ ئىككى بىلەن ئەر قەدىرلىك بولۇر.

بۇڭا پۇتمىسەڭ كۆركى،نۇشىن راۋان،
ئەقىل كۆزى بىرلە يورۇتتى جاھان.

بېيىدى ئېلى تۈز يۈرۈتكەچ نىزام،
ئەجىب ياخشى ۋاقتا قويۇپ ياخشى نام.

دېمىش بىر ھېكىم سۆز ئۇنىڭغا ئاتاپ،
دەۋرىخى بولسىمۇ ئاڭا يوق ئازاب.

گۆدەككە قارا،ئۇ تاپۇر ئەقىل ھەم،
يېشى تولمىغۇنچە يۈرۈتمەس قەلەم.

ئەقىل كىشى ھەم قېرىسا ئازار،
ئەقىل كەتتى دەپ قەلەممۇ تىنار.

ئەگەر تەلۋە بىر ئەرنى ئۆلتۈرسە راس،
ئۇنىڭغا ئۆلۈم يوق، ئېلىنماس قىساس.

نېمىشقا دېسەڭ ئۇ ئەقىلسىز ئېرۇر،
ئەقىلسىز مۇكاپەات، جازاسىز ئېرۇر.

ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي،
ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي.

قاراپ كۆر ، مۇنۇ سۆز ياخشى سۆز ئېيتىلغان،
ئۆزىنى بۈيۈتمەس ئەقىلسىز نادان.

ھەركىمنىڭ كىيىمى بولۇر ئۈستىدە،
ئەقىللىق،بىلىملىك ئەزىز ئەسلىدە.

ئەقىل بولسا،ئېسىل بولۇر بولسا ئەر،
بىلىم بولسا،بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر.

ئەقىل كىمدە بولسا،بولۇر ئۇ ئېسىل،
بىلىم كىمدە بولسا،بولۇر ئۇ خان بىل.

كىشى ئوغلى سۇندى قوڭۇر يەرگە قول،
بىلىم بىرلە تاپتى ھەر نەرسىگە يول.

ئەقىل بىرلە ئېسىل ئاتىلار كىشى،
بىلىم بىرلە بەگلەر قىلۇر ئەل ئىشى.

تولا ئالقىش ئالغان تۈمەن پەزلىلەر،
قىلىنغاچ ئەقىل بىرلە ماختالدىلەر.

ئەقىل ئازىنى ئاز دېمە،نەپئى كۆپ،
بىلىم ئازىنى ئاز دېمە قەدرى خوپ.

ھېكىملەر سۆزىنى ئىشىت ۋە چۈشەن،
بۇ تۆت نەرسە ئازىنى ئاز دېمە سەن:

بۇ تۆتنىڭ بىر ئوت،بىرىدۇر يېغى،
ئۈچىنچى،كېسەللىك - ھايات توزىقى.

ئۇلاردىن كېيىنكى بىرىدۇر ئىلىم،
بۇ تۆتنى بوش كۆرمە، بەكمۇ مۇھىم.

بۇلاردا بۇلار كۆپ بايدا يا زىيان،
يېرىم يا ئېلىمدەك بولۇر ھەر قاچان.

بىلىم كىميادەك يىغار نەرسىنى،
ئەقىلدۇر سارايى،يىغار ھەممىنى.

ئىپار بىرلە بىلىم كېتەر ئوخشىشىپ،
تۇتۇپ بولماس ئۇنى ئۆزدە يۇشۇرۇن.

ئىپارنى يوشۇرساڭ،بۇيى بىلدۈرەر،
بىلىمنى يوشۇرساڭ،تىلىڭ كۆرسىتەر.

بىلىم بايلىق ئول،گادايلارشمايدىغان،
قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان.

كىشىگە ياخشى ئاتنى كىشەنلەپ تۇتار،
كېرەكلىك ئېتىنى كۆزىتىپ تۇرار.

كىشەنلىك قاچالماس ، كېرەكچە يۈرۈر،
تۇشاغلىق كېتەلمەس،تىلەكچە بولۇر.

ئەقىلدۇر ساڭا ئانت قىلىشقان ئاداش،
بىلىم چىن مېھرىبان ساڭا قېرىنداش.

نادانغا يېغىدۇر بىلگەن - ئەتكىنى،
يېتەر شۇ ئىككىنىڭ جىدەل - غەليىنى.

بۇڭا ئوخشاپ كېلەر تۈركچە مەسەل،
ئوقۇ ھەم كۆڭۈلدە بۇڭا قىل ئەمەل:

ئاقىلغا ئۆز ئەقلى ئەشلىككە يارار،
نادانغا ئېتى بەس،قارغىش ياغدۇرار.

بىلىملىككە ئىلمى تولۇق تون،ئاش،
بىلىمسىزگە قىلىقى يامان بىر ئاداش.

ئەي ئەقىل،غەزەپنى قىل ئۆزدىن يىراق،
ئاچچىقتىن يىراق بول،ئال ياخشى ئاتاق.

بۇ ئاچچىق،غەزەپتىن سەن ئەيلە ھەزەر،
يېقىن كەلسەڭ ئولغاي ھاياتىڭ خەتەر.

غەزەپلىك ئىشىڭ ئۇ پۇشايمان بېرۇر،
قىزققانلىق ئولساڭ ئىشىڭ بۇزۇلۇر.

كىشىكە چىداملىق،ئېغىرلىق كېرەك،
كۈن - ئاي تۇغسا بەگكە تەمكىنلىك كېرەك.

ئەقىل كۆپ كېرەكتۇر،تاللاشقا كىشى،
بىلىم بەك كېرەكتۇر،قىلىشقا ئىشى.

ياراملىق، يارامسىزنى ئايرىپ كۆرۈپ،
كېرەكلىك، كېرەكسىزنى ئوبدان تونۇپ.

راسا تاسقىسا چىڭ،ئېنىق تاللىسا،
پۈتۈن ئىشقا ئۆتكۈر نەزەر تاشلىسا.

شۇ چاغدا بولۇر ئىش پۈتۈن ۋە پىششىق،
بىلىملىك كىشى يەر ئېشىنى پىششىق.

يېتەردۇر تىلەككە ئاشۇنداق كىشى،
چۈشەر ئىككى دۇنيادا بولغان ئىشى.

غەزەپ بىرلە ئاچچىق كىشىگە يامان،
چېكەر تەن ھەمىشە بۇلاردىن زىيان.

ئىشىتكىن نېچۈك قىلدى ئالىم خىتاب،
بەختلىك كىشى ماڭ بۇ سۆزگە قاراپ:

قىزىققان بولسا ئىنسان بىلىمسىز بولۇر،
غەزەپلەنسە ئادەم ئەقىلدىن قالۇر.

غەزەپ ئەرگە يامان،بىلىم كەتكۈزۈر،
غەزەپتە يۇمشاقمۇ قوپاللىق قىلۇر.

نېمە دەر بىلىملىك كىشى ئاڭلىغىن،
بىلىملىك سۆزى تەڭ شېرىن جانغا چىن:

بۇ بىرنەچچە نەرسە كىشىگە ياۋۇز،
بۇنى قىلسا كىشى بۇزار ئۆزىنى ئۆز.

بىرى يالغان ئېيتماق ئېرۇر سۆزىدە،
ئىككىنچى،تۇرماسلىق قىلغان ۋەدىدە.

ئۈچىنچى ھاراققا بولۇش مۇوتىلا،
بۇ ئەر ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا.

يەنە بىرى كاجلىق،جاھىللىق قىلىش،
جاھىللىق جاھاندا ياشاتماس تېش.

ئېرىغسىز قىلىقنىڭ بىرى قوپاللىق،
قىلۇر ئۇ كىشىلەر ئۆيىن توزانلىق.

بىكارغا چېچىلىپ ئاچچىقلاش بىرى،
تىلىن ئاچسا يارا بولۇر ئەل دىلى.

كىشىدە يىغىلسا بۇ نەسىلەر گەر،
مۇبارەك سائادەت ئۇنىڭدىن تېزەر.

پەلەكمۇ يار ئولماس،بېشى ئايلىنار،
بۇنىڭلە خۇلقىمۇ ئىزىدىن چىقار.

يۇز،ياخشىلىق قىل ئەي ياخشى كىشى،
ئوڭۇشلۇق ھامانە ياخشىنىڭ ئىشى.

نېمە دەر ئىشىتكىن مۇلايىم كىشى،
سىناپ ئالغۇچى قولغا دۆلەت ئىشى:

قېرىماس ياخشىلار بىل ئۆتكەن بىلەن،
تۈزەلمەس يامان مىڭ تۈزەتكەن بىلەن.

يامان - ئۆمرى قىسقا،ئۆكۈنچتە قېرۇر،
ئۇزۇن ياشلىق ياخشى ئۆكۈنچسىز يۈرۈر.

تىلەككە يېتەر ياخشى كۈندە يېڭى،
كۈنىگە مىڭ ئارتار يامانىڭ مۇڭى.

مەنبە:دانالار دۇردانىلىرى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )